باش بەت

ئادىلجان

9007يوللانما
129مەستانە

بىر يىگىت ATMدا پۇل قويۇپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇبكىسىنى بېسىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ پۇلنى بىر موماي ئېلىپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-18 23:12 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا تېڭجۇ شەھىرى جېخې بازارلىق ساقچىخانا ئاممىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ جېخې بازارلىق مەلۇم بانكىدا پۇل قويغان ۋاقىتتا بانكىنىڭ پۇل قويغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالمىغان شۇنىڭ بىلەن پۇل ئوغرىلىنىپتۇ دەپ قارىغان. 

نۆۋەتچى ساقچى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ATMدىكى كۆزىتىش كامېراسىنى كۆرۈش ئارقىلىق، دېلو مەلۇم قىلغۇچى چېن فامىلىلىكنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى جېخې بازارلىق يېزائىگىلىك بانكىسىنىڭ ATMسىدا 2400 يۈەن پۇل قويغانلىقىنى، ئەمما بىپەرۋالىق قىلىپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇبكىسىنى باسمايلا كېتىپ قالغانلىقىنى، كېتىپ قالغاندىن كېيىن بانكا كارتىسىغا باغلىغان يانفون نومۇرىغا پۇلنىڭ ھېسابقا كىرگەنلىك ئۇچۇرى كەلمىگەنلىكىنى بايقىغان. 

تېڭجۇ شەھىرى جېخې بازارلىق ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ سىيىڭنىڭ مۇنداق دېدى:«نازارەت قىلىش كامېراسىنى كۆرۈش ئارقىلىق، چېن فامىلىلىكنىڭ پۇلىنى بىر موماي ATMدا كەسىپ بېجىرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك ئۇ موماي بۇ پۇلنى تېپىۋاەلدىم، ئىگىسى يوق دەپ قالغان. ج خ ئورگانلىرى 4-ئايدىن باشلاپ بىر كەنتتە بىر ساقچى تۈزۈمى بەرپا قىلغان بولۇپ، ساقچى ئىشلىرى ئالاقە خادىمى تەسىس قىلغان. بىز ئالاقە خادىمىنى مومايغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغۇق. كېيىىن موماي ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئالاقە خادىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەردى.»

ئارقىدىن چېن فامىلىلىك ساقچىخانىغا كېلىپ يىتكەن پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە ساقچىنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەشەككۈر ئېيتتى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • داۋۇت پالتا8 ئاي ئىلگىرى

    گۇل نۇرداش! خەقنىڭ پۇلىنى ئالمىغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ! چۇنكى پۇل دىگەننى جاپالىق ئىشلەپ، ئەجىر قىلىپ تاپىمىز!

  • گۈل8 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بىر قىتىم پۇل ئالغىلى چىسەم بىرەيلەن پۇل ئىلىپ كارىنى ئالمايلا چىكىتىپ قالدى قارسام ئىچىدە 4300 نەچچە كوي باكەن، كەينىمگە قارسام ھىچ يەردە يوق، بىر تۇرۇپ پۇلنى ئىلىپ ماڭايمۇ دىگەننى خىيال قىلىپ سەل قورقۇپ قالدىم چۇنكى مەنمۇ بىر بانكا خىزمەتچىسى شۇنىڭ بىلەن كانى ئىچىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم

  • ئاپشاركا8 ئاي ئىلگىرى

    كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىچىككىنە بىخەستىلىك، ئادەمنى نۇرغۇن ئەپسۇسلىنارلىق ئاۋارەچىلىقلارغا سالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدىكەن .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号