باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

تاشلىۋېتىلگەن گاس بوۋاقنى تېپىۋالغان ئانا ئۇنى ئۇسسۇل چېمپىيونىغا ئايلاندۇردى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-21 17:30 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاشلىۋېتىلگەن بوۋاق جاپالىق مەشىق قىلىپ ئۇسسۇل چېمپىيونى بولدى، ئۆز ئانىسى ئۇ ئورۇنلىغان ئۇسسۇلنى كۆرۈپ ئوغلىنى تونۇۋالدى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تاشلىۋېتىلگەن گاس بوۋاق شى چيۇنى تېپىۋېلىپ خەلقئارالىق ئۇسسۇل چېپمپىيونى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئانا جاۋ دەن خۇشال ھالدا: «22 يىل ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنى ئاخىرى تاپتىم» دېدى.

1995-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋ دەن خاربىن نەنگاڭ يولۇچىلار بېكىتىدىن بىر ئوغۇل بوۋاق تېپىۋالدى. بوۋاقنىڭ كىيىمى ئارىسىغا تۆۋەندىكى خەتلەر يېزىلغان باغاقچە قىستۇرۇلغانىدى: «ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، بوۋاقنىڭ ئىككىلا قۇلىقى ئاڭلىمايدىغانلىقى سەۋەبلىك بېقىشقا ئامالسىز قالدى. ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ بېقىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بالا 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلدى». ئەينى ۋاقىتتا جاۋ دەننىڭمۇ 3 ياشقا كىرگەن بىر قىزى بار ئىدى.

جاۋ دەن يولدىشى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بالىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى ھەمدە «شى چيۇ» دەپ ئىسىم قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شى چيۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىغىپ قويغان پۇللىرىنى خەجلەپ بولغاندىن باشقا، يەنە يولدىشىمۇ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ قىزىنى تاشلاپ قويدى.

بىراق، كۆزىدىن ئايرىلسىمۇ، ھاسىسىدىن ئايرىلمىغان شى چيۇ ئالاھىدە ئۇسسۇل تالانتىنى نامايان قىلدى. ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە ئۇسسۇل ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى بايقىغان جاۋ دەن ئۇنى ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى.

شى چيۇنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەش ئۈچۈن جاۋ دەن ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتتى. 2008-يىلى ئۇنىڭ تارتقان جاپاسى مېۋە بېرىپ، 3-نۆۋەتلىك «خۇاچياۋ لوڭقىسى» خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۇسسۇل ئاشكارا مۇسابىقىسى خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەندە شى چيۇ C ۋە D گۇرۇپپىلار بويىچە چېمپىيون بولدى. ئارقىدىن، شى چيۇ يەنە «جۇڭگو ئارزۇسى»، «بەختكە قاراپ ئاتلىنىش» قاتارلىق پىروگراممىلارغا قاتنىشىپ نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ھازىر شى چيۇ ىاربىن مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ غوللۇق ئارتىسى، بارلىق ئۇسسۇللاردىكى باش ئەر ئارتىس. جاۋ دەن ئوغلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا: «ئۇنى ھەرخىل پىروگراممىلارغا قاتناشتۇرۇشۇمدىكى سەۋەب ئۇنىڭغا ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ بېرىش» دېدى.

جاۋ دەننىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە شى چيۇنىڭ ئۆز ئانىسى پىروگرامما كۆرۈۋېتىپ ئەينى يىللاردا قالدۇرۇپ قويغان باغاقچىنى تونۇۋالدى ھەم بىر نەچچە قېتىم ئىككىلەنگەندىن كېيىن تۈزگۈچى ۋە رېژىسسورلار ئارقىلىق شى چيۇ بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇ: «مەن ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتكىلى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا قويۇپ قويغان. چۈنكى شەھەرلىكلەرنىڭ پۇلى كۆپ بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم» دېدى. شى چيۇنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يارىشىۋالدى ھەم يەنە بىر ئوغۇللۇق بولدى. ھازىر شى چيۇنىڭ ئانىسى بىر پۇل-مۇئامىلە كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى. ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ يەنە بىر تەكرار سىنىپى بار.

6-ئاينىڭ 5-كۈنى جاۋ دەن شى چيۇنىڭ ئۆز ئانىسى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە: «ھەر ئىككىلىمىز ئەخمەق ئاياللار ئىكەنمىز. سىز ئەخمەقلىق قىلىپ ئوغلىڭىزنى تاشلىۋېتىپسىز؛ مەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئوغلىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ ئوغلىدەك كۆرۈپ بېقىپتىمەن. ئۆتكەن ئىشلارنى تەگەشمەيلى. مەن پەقەت ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېھرى-مۇھەببەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

شى چيۇنىڭ ئۆز ئانىسى كەلگۈسى توغرىسىدا: «ھازىر مەن ئانىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشنىلا ئويلايمەن. شى چيۇ بىلەن بىللە ياشىمىساممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ئوخشاش بېرىش-كېلىش قىلىشىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 我的生命3 ئاي ئىلگىرى

    ئانىلا يەنلا مىھرىبان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号