باش بەت

شىرئەلى روزى

533يوللانما
49مەستانە

ئادەتتىكى كولادىن باشقا بۇ كولالارنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-21 18:01 9 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندا پېپسى شىركىتى بالى ئارىلى چەكلىك نۇسخىسىدىكى كۆك رەڭلىك قارىئۆرۈك تەملىك كولانى بازارغا سالدى، بۇ دەل يېقىندىن بۇيان تورلاردا تارقىلىپ يۈرگەن كۆك رەڭلىك كولا بولۇپ، قارىماققا رەڭگى خېلى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، تەمى قارىئۆرۈك شورپىسى بىلەن شۆبىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندەك تېتىيدۇ، باھاسى خەلق پۇلىدا 18 يۈەن.

ئەمەلىيەتتە بىز دائىم ئىچىدىغان قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك كولادىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك كولالارمۇ بار.

بۆلجۈرگەن تەملىك پېپسى كولا، پېپسى شىركىتى بىلەن كېنتاكى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بۇ چەكلىك نۇسخىدىكى بۆلجۈرگەن تەملىك كولا ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيەدە بازارغا سېلىنغان.

زەردارلار نۇسخىسىدىكى پېپسى كولا، بۇ ناھايىتى ئاقسالىق بولۇپ، يانفوننىڭ زەردارلار نۇسخىسى چىققاندەك كولانىڭمۇ زەردارلار نۇسخىسى چىقىرىلغان. بۇ كولا 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئىشلەنگەن. تەركىبىدە كاكائۇ ۋە زەنجىۋىل شىرنىسى بار.

قىزىل پۇرچاق تەملىك پېپسى كولا، بۇ كولانىڭ تەمى قىزىل پۇرچاق شورپىسى بىلەن گازلىق سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندەك تېتىيدۇ، بۇمۇ ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيەدە بازارغا سېلىنغان.

تاۋۇز تەملىك پېپسى كولا، گەرچە جۇڭگودا فېندا، مېينيەندا قاتارلىق مېۋە تەملىك گازلىق ئىچىملىكلەر بولسىمۇ بىراق ھەقىقىي تاۋۇز تەملىك كولا پېپسىنىڭ ياپونىيەدىكى تارماق شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان.

كاشتان تەملىك پېپسى كولا، ياپونىيەدە بازارغا سېلىنغان كاشتان تەملىك كولانىڭ رەڭگى ئادەتتىكى كولادىن سەل سۇسراق بولۇپ، قويۇق كاشتان تەمى بار.

قېتىق تەملىك پېپسى كولا، قارىغاندا ياپونىيەلىكلەرنىڭ تەم سېزىم ئېھتىياجى ھەقىقەتەن كۆپ خىل ئوخشايدۇ، قېتىق بىلەن كولانىڭ ئارىلاشمىسىغا ئوخشايدىغان بۇ كولامۇ ياپونىيەدە بازارغا سېلىنغان.

تەرخەمەك تەملىك پېپسى كولا، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ئىچىشلىك ئىمىش.

دارچىن تەملىك پېپسى كولا، 2004-يىلى پېپسى شىركىتى ئامېرىكا ۋە كانادا بۇ كولانى بازارغا سالغان.

سەبدەگۈل تەملىك كوكاكولا، كوكاكولا شىركىتى بۇ مەھسۇلاتىنى شياڭگاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەردە بازارغا سالغان، ئاساسلىق ماتېرىيالى سەبدەگۈلى بولغاچقا ئىچسە بىر خىل تېتىك ھېس قىلىدۇ.

گىلاس تەملىك كوكاكولا، بۇ كولانى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن تاپقىلى بولىدۇ، تەمى گىلاستەك چۈچۈمەل ئەمەس بەلكى تاتلىق.

زەنجىۋىل شىرنىسى تەملىك كوكاكولا، بۇ كوكاكولا شىركىتىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى كاربونات كىسلاتالىق ئىسسىق ئىچىملىك بولۇپ، پەقەت ياپونىيەدىلا سېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىدىكى سېتىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى.

بۆلجۈرگەن تەملىك كوكاكولا، بۆلجۈرگەن تەملىك كوكاكولادا بۆلجۈرگەننىڭ تاتلىق تەمى ۋە گازلىق سۇنىڭ تەمى بولغاچقا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

كاپپۇچىنو تەملىك پېپسى كولا، بۇ كولانى ئىچسە كاپپۇچىنو تېتىيدۇ، ئۇنداقتا كاپپۇچىنو قانداق تېتىيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە كاپپۇچىنو دېگىنىمىز دەل يېڭى كالا سۈتى بىلەن ئىسسىق قەھۋەنىڭ ئارىلاشمىسى.

كوكتېيل ھارىقى تەملىك پېپسى كولا، گەرچە بۇ كولا كوكتېيل ھارىقى تەملىك بولسىمۇ بىراق تەركىبىدە شېكەر ۋە ئىسپىرت يوق بولۇپ، باشقا خۇرۇچلار ئارقىلىق كوكتېيل ھارىقىنىڭ تەمى چىقىرىلغان.

خۇشپۇراقلىق ئوت-چۆپ تەملىك كوكاكولا، بۇ دۆلىتىمىزدە ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئۆزگىچە تەملىك كولادۇر.

مايمۇن بولكىسى تەملىك كوكاكولا، مايمۇن بولكىسى دەرىخى ئافرىقىدىكى بىر خىل قەدىمى دەرەخ تۈرى بولۇپ، بۇ خىل كولانىڭ تەمىنىڭ قانداقلىقى نامەلۇم، لېكىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ناھايىتى قۇۋۋەتلىك ئىمىش.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇرەك6 ئاي ئىلگىرى

    دىيارىمىزدا كولانىڭ تۈرى كۆپ ئەمەس، مەن ئىچكىرىدە ھەرخىل كولانى ئىچىپ بېقىپ، ئەڭ ياخشى كولانىڭ زەمزەم كولا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭدىن قالسا كوكا كولا ئىكەن، زەمزەم كولانىڭ تەمى كوكا كولاغا قارىغاندا سەل تاتلىقراق،گازى كوكا كولانىڭكىدىن ئازراق ئىكەن
    چاتاق يېرى ئىچكىرىدىن تاپماق تەس

  • 1 جىسى باگۇ 20 كۇي تەمى خىلى بۇپقالىدۇ مەن ئشكەنتىم7 ئاي ئىلگىرى

    1 جىسى باگۇ 20 كۇي تەمى خىلى بۇپقالىدۇ مەن ئشكەنتىم

  • Tئۈمۈت7 ئاي ئىلگىرى

    كوكاكولانىڭ گىلاس تەملىكىنىڭ تەمى بەك ياخشى.بۇرۇن بەكلا ئىچەتىم كولا نى ، لېكىن يېقىندىن تاشلىغان. لېكىن يېقىندا كوكا كولانىڭ گىلاس تەملىكىنى تېتىپ بېقىپ ، بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم. تەمى راستلا باشقىچە ئىچكەندە ئادەمنىڭ ئاغزىدا باشقىچە بىر تەم قالىدۇ،،،

  • مەردان7 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ شىنجاڭدا يوققو بۇ كولا بولغان بولسا تىتىپ باقمامدۇق

  • ئەزىزە7 ئاي ئىلگىرى

    ھەممە خىلىدىن ئىچىپ باققۇم كىلۋاتىدۇ

  • خان7 ئاي ئىلگىرى

    ھىچقايسى يوق پەقەت ئادەتتىكى نۇسخىسىلا با ،،پىېپسى ۋە گۇكا كۇلانىڭ بۇ ئالاھىدە كۇلا ،،ئەڭ ،دۆلىتىمىزدە ئىشلىسە ئەڭ تۈۋەن بوغاندىمۇ 10يۈەندىن تۈۋەن بوممايدۇ

  • ❥゛ÐáT~Tùしα ✌7 ئاي ئىلگىرى

    زامان كولا بەك ياخشى

  • 29833478437 ئاي ئىلگىرى

    ئۇييۇ پۇرسەت شارئىت بولسا بۇ كۇلالانى تېتىپ باققۇلۇقكەن ،بىراق بىزنىڭ دىيارمىزدا بۇ كۇلانىڭ قايسسلرى بار ،

  • ئەركەم7 ئاي ئىلگىرى

    مەن زەمزەم كولانى، خۇجايىن كولانى، ئاپىدە كولانى، قەيسەر كولانى ئىچىپ باققان، بۇلارنىڭ ئىچىدە زەمزەم كولانى ياقتۇردۇم، قالغانلىرى تاغتۇرا ماركا، ئابىدەنىڭ كولاسى مۇشۇنداق ناچار بولسا دېسەم، ئۇ كولانىڭ ماركىسى ئاپىدەكەنتۇق،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号