باش بەت

azmat

577يوللانما
3مەستانە

ما يۈن: مېنىڭ پۇل خەجلەشكە ۋاقتىم يوق

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-22 19:00 27 ئىنكاس چۈشتى

ما يۈن يەنە «يۇمۇر» سۆزلىدى. ئالدىنقى قېتىم ئۆزىنىڭ پۇلغا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ما يۈن يەنە «مېنىڭ پۇل خەجلەشكە ۋاقتىم يوق»، دېدى. 

بۇلتۇر 11-ئايدا، ما يۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىسىدا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 1999-يىلى ئەلى بابانى قۇرغاندىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر مائاش ئېلىپ باقمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەزەلدىن پۇل بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، مەن پۇلغا قىزىقمايمەن. مېنىڭ ئەڭ خۇشال ۋاقىتلىرىم بىر ئايدا 91 يۈەن مائاش ئېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان ۋاقىتلار.   

كۆپچىلىك بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا قانداق خىيالغا كەلگەندۇ؟ رىياسەتچى سا بېينىڭنىڭ كۈلكىسىنى ئاران بېسىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى كۆپچىلىككە ۋەكىللىك قىلالايدۇ شۇنداقلا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ما يۈننىڭ ئۈزۈندىلىرى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى. 

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ما يۈن بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا گۇرۇھنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى، يېڭى خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا توختالدى، رىقابەتچىسى تېڭشۈنگە بولغان كۆز قارىشىنى شەرھىيلىدى. 

بۇنىڭ ئىچىدە تولىمۇ قىزىقارلىق بىر بۆلەك سۆھبەت بار. 

مۇخبىر ما يۈندىن «سىز ھازىر ئاسىيادىكى بىرىنچى باي، ئەمما سىز يەنىلا كارخانىچىلارچە تەپەككۇر قىلىدىكەنسىز» دەپ سورىدى. 

ما يۈن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بىرىنچى باي دەپ قارىمايمەن، مەن ھەتتا ئۆزۈمنى پۇل خەجلىمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن، مېنىڭ پۇل خەجلەشكە ۋاقتىم يوق.» 

ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۆزىنى «پۇلغا قىزىقمايمەن»، «پۇل خەجلەشكە ۋاقتىم يوق» دېگەندىن باشقا يەنە، ئۆزىنىڭ «ھېچنېمىسى يوق» ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى. 

مەسىلەن، بۇ يىل 4-ئايدا ما يۈن مۇنداق دېگەن  «مېنىڭچە مەن يەنىلا ھېچنېمىسى يوق ئادەم، مېنىڭ يەنە پۇل خەجلەشكە ۋاقتىم يوق، ھازىر پۇلنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلالمايمەن.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • كىچىك جوبىس4 ئاي ئىلگىرى

    مەردانى پىچان سىززامانىڭ ئارقىسىداقاپسىز مايۇن يىنا ئالداغا ئۇتۋالدى

  • 皇马球迷4 ئاي ئىلگىرى

    نەدىكى گەپنى قىلدىكەن ئەينى ۋاقىتتا ئەلى چىقمدانىدا ئىستمال قىلسا مۇلاشىمەت ھەققى ئېلنمايتى ھازىر ئېلندۇ،پۇلغا قىزقمسا ئۇنداق قىلۋېلىپ نىمە قىلدۇ

  • SRK4 ئاي ئىلگىرى

    ھەر كۇنى چىققان ماشىنا كەيگەن ماركىلىق كىيىملىرىگە پۇل كەتمەمتى، بۇ يەردىكى مەقسەت خىزمەت(پۇل تىپىش) بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ خەجلىگىلى ۋاقتى چىقماسلىق ،،،

  • ............4 ئاي ئىلگىرى

    مايۈن دىمەكچىكى كۈنبۇيى پۇل تاپىمەن دەپ پۇل خەشلىگۈدەك ۋاقتىم يۇق دىمەكچى ،

  • دۆڭگە چىقىپ تەخەي باق4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇتۇق قازانمىغان ئادەمنىڭ ئۇلۇغۋار تەپەككۇرى قۇرۇق گەپ دەپ قارىلدۇ، ئۇتۇق قازانغان ئادەمنىڭ قۇرۇق گەپلىرى ئۇلۇغۋار تەپەككۇر دەپ قارىلىدۇ، دەپ ئاڭلاپتىم بىرسىدىن.

  • تۈن شامىلى4 ئاي ئىلگىرى

    دېمەكچى بولغىنى مەن باي بولغاچقا كۈندە بېكارلىق زىياپەت بېكارلىق ماشىنىلاردا يۈرۈيمەن شۇڭا پۇل خەجلىگۈدەك ۋاقىت يوق،ماڭا ئوخشاش بوپ قالماسلىق ئۈچۈن سىلەرمۇ پۇل تاپىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار پۇلنىڭ ھەممىنى مەن تېپىپ بولدۇم دېمەكچىدۇ تايىنلىق، بۇ پەقەت ئالىجانابلىق ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغا مۇغەمبەرلىك ،ساختىپەزلىك خالاس!

  • ئ‍ىھسان5 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا بەش مىليۇن بىرىپ تۇرغان بوسىچۇ كاشكى،

  • 185******795 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بىرخىل تاكتىكا

  • مەردانى پىچان5 ئاي ئىلگىرى

    مايۈن ئىككىنچى باي

    تىڭشۈن شىركىتى بىرىنچىلىككە ئۈتتى

  • 133******115 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بىر نەزىرىيە ، ھەقىقىي مۇھتاجلىقى يوق .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号