باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

بېشى كېسىۋېتىلگەن كۆزەينەكلىك يىلان شۇندېلىق ئايالنى زەھەرلەندۈردى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-22 17:08 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 22-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 10دا فوشەن شەھىرى شۇندې رايونلۇق ج خ ئىدارىسى روڭگۇي ساقچىخانىسى چېڭدوڭ ئولتۇراق رايونى ساقچىلىرى پيەنجياۋلىق بىر ئايالنى يىلان چىشلەپ يارىلاندۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ باردى.

پيەنجياۋدا ئاشخانا ئاچىدىغان خۇاڭ xx بىلەن يولدىشى ۋېي xx ھەر يىلى باش كۈزدە يىلان گۆشىدە ئېسىل تائام تەييارلاپ خېرىدارلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدۇ. ئادەتتە يىلانلارنى ئۆلتۈرۈشكە يولدىشى ۋېي xx مەسئۇل بولىدىغان، كېسىۋېتىلگەن بېشى، ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىق ئەخلەتلەرنى ئايالى خۇاڭ xx تازىلايدىغان بولۇپ ئەزەلدىن چاتاق چىقىپ باقمىغانىدى. بىراق، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە خۇاڭ xx ئاشخانىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاۋاتقاندا كېسىۋېتىلگىنىگە خېلى بولغان كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ بېشى تۇيۇقسىز سەكرەپ چىقىپ خۇاڭ xxنىڭ بارمىقىنى چىشلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن خۇاڭ xxنىڭ بارمىقىدىن قان چىقىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيۇشۇپ قالدى، بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشتى، پۇت-قولىدا ماغدۇر قالمىدى. يولدىشى ۋېي xx ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ بىر تەرەپتىن ساقچىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىنى گۇيجۇ دوختۇرخانىسىغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ باردى.

ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن خۇاڭ xxنىڭ گەپنى ئوچۇق قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى، نەپىسى قىيىنلىشىپ ھوشسىز ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى، دوختۇرخانىغا بەش مىنۇت كېچىككەن بولسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. بەختكە يارىشا، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلغانلىقتىن خۇاڭ xx ھوشىغا كېلىپ، ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى.

دوختۇرلار چۈشەندۈرۈپ: «كۆزەينەكلىك يىلان ئۆلتۈرۈلۈپ مەلۇم ۋاقىتقىچە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكەت فۇنكسىيەسىنى ساقلايدۇ. كېسىۋېتىلگەن يىلان بېشىغا بىرەر نەرسە تەگسە شۇ ھامان ئىرغىپ چىقىپ چىشى بىلەن تەگكەن شەيئىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. زەھەرلەنگەندىن كېيىنكى 45 مىنۇت قۇتقۇزۇشنىڭ ئالتۇن پەيتى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەۋپىق2 ئاي ئىلگىرى

    تايىنىب يوق گەپ قىلدىكەنسىلە ، يىلان گۆشى ئەكىلىپ بەرسە موكىلدىتىپ يەسىلە پايدا قىلدۇ دەپ شۇ يىلان گۆشى ساتىدىغان ئاشخانىكەن شۇ يىلاننى بى ئۆلتۈرمەي تىرىك پۇشۇرۇپ يىگىلى بولمايدۇ ئەمدى

  • مەنزىل4 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ بەلەن بوپتۇ تازا بىچچارە يىلانلارنى ئۆلتۈرگەنگە تويسۇن

  • نۇر4 ئاي ئىلگىرى

    خوپ بوپتۇ مەن يىلاندىن قورقىمەن ئەمما قالايمىقان ئۆلتۇرۇشكىمۇ قارشى

  • ئاپشاركا4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كۆزەينەكلىك ئۆلتۇرۇلگەن يىلان بېشى قىساسىنى تولۇق ئالالماپتۇدە . ئەمىلىيەتتىمۇ كىشىگە ھەرقانداق ئوخشاش يىلان بىرخىل سۇرلۇك ھەم قورقۇنۇشلۇق تۇيغۇ بېرىدۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号