باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10264يوللانما
1599مەستانە

HBO «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ 5-بۆلۈم ھاسىلىي تىياتىرىنى بېكىتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-22 19:07 0 ئىنكاس چۈشتى

cnBeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ھوقۇق ئويۇنى» ناھايىتى تېزلا كۆرۈرمەنلەر بىلەن خوشلىشىدۇ. گەرچە بۇ 2019-يىلى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئارانلا 7 قىسىملىق مەزمۇنى قالدى. ئەلۋەتتە، HBO بۇ تېمىنىڭ ھاسىلىي تىياتىرى پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ شىركەت «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ ھاسىلىي تىياتىرىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى بېكىتتى.

ھازىر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، HBO بەشىنچى بۆلۈمنىڭ ھاسىلىي تىياتىرىنى ئىشلەيدىغان بولۇپ، 1-بۆلۈم «ھوقۇق ئويۇنى»دىن باشلاپ، ئىشلىگەن بايران كوگامان بۇ ھاسىلىي تىياتىرنىڭ سىنارىيەسىگە مەسئۇل بولىدىكەن.

گەرچە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەسلى ئاپتور جورج R.R مارتىن 5-بۆلۈمنىڭ ھاسىلىي تىياتىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق HBO تەرەپ 4-بۆلۈمنىڭكىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشىچە، قالغان 4 بۆلۈمنىڭ ھاسىلىي تىياتىرنىڭ سىنارىيەسىنى مەك بورېنستېن: «پولات پالۋان: ئىسكىلت ئارىلى» (King Kong: Skull Island)، جەنې گولدمان: «كوزور ئالاھىدە خادىم 2: ئالتۇن چەمبىرەك» (Ace 2: the Golden Circle)، بىرايىن خېلگېلاند: «Underworld legend»، كارلىي ۋىراي «ئېلان ئەسەبىيسى» (Advertising maniac) سىنارىسىتى قاتارلىقلار مەسئۇل بولىدىكەن.

نۆۋەتتە، بۇ 5-بۆلۈمنىڭ ھاسىلىي تىياتىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، «بېگىم» مارتىن ئېنىق قىلىپ، 5-بۆلۈمنىڭ ھاسىلىي تىياتىرىنى مۇستەقىل قىسسە ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى داۋاملاشقان ھاسىلىي تىياتىر ئەمەسلىكىنى يەنە كېلىپ، ھازىرقى يۈرۈشلۈكتىكى باش پېرسوناژلارنىڭ چىقمايدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号