باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10264يوللانما
1599مەستانە

«شىمپەنزىلەر غەليانى 3»: ئىنسانلار بىلەن شىمپەنزىلەرنىڭ «ھوقۇق ئويۇنى»

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-23 18:08 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىنو ئوبزورچىسى جاڭ جىڭخۇي سىز بىلەن بىرلىكتە «شىمپەنزىلەر غەليانى 3: ئاخىرقى جەڭ» ھەققىدە ئورتاقلىشىدۇ.

20-ئەسىر فوكس فانتازىيەلىك كىنوسى «شىمپەنزىلەر غەليانى 3: ئاخىرقى جەڭ» 15-سېنتەبىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى چوڭ كىنوخانىلىرىدا قويۇلۇپ، تۇنجى قويۇلغان شۇ كۈنىلا 132 مىليونلۇق بېلەت كىرىمى نەتىجسىى بىلەن «ئاۋاتار»، «X ساقچى: قوزغىتىش»تىن ھالقىپ، 20-ئەسىر فوكس كىنو شىركىتى تارىخىدا دۆلىتىمىزدە تۇنجى قويۇلۇش بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ياراتتى.

بىراق، قۇيۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمايلا، مۇشۇنچىۋالا زور كىرىم ياراتقان چوڭ كىنونى، سىز راستىنلا چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟

سىز بەلكىم ئىزچىل مۇنداق بىر تۇيغۇدا بولۇشىڭىز مۇمكىن: بىر كىنو، بىراق سىز ھەمىشە بىر يەرلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز. بىراق باشقىلار ياخشىكەن، مەسىلە يوق دېگەچكىلا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى قويىۋېتىسىز. شۇنىڭ بىلەن كېلەر قېتىم يەنە باشقا بىر كىنونى كۆرگەندىمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىسىز.

ئوخشاشلا، بۇ قېتىممۇ بۇ كىنونىڭ بېلەت كىرىمى شۇنچىلىك ياخشى، «دوۋبەن»دە ئېرىشكەن نومۇرىمۇ شۇنچىلىك يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن، سىز يەنە بىر قېتىم ئۆزىڭىزگە: مەن خاتالىشىپتىمەن، كۆپچىلىككە ئىشىنەي، دېدىڭىز.

ھازىر كىنو ئوبزورچىسى جاڭ جىڭخۇي سىزگە: سىز ھەقىقەتەنمۇ خاتالاشتىڭىز، بىراق سىزنىڭ خاتالىقىڭىز شۇ بولدىكى، ئەسلى سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كېرەكىدى، دەيدۇ.

كىنو كۆرگەندە سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ھېس-تۇيغۇڭىزغا ئىشەنسىڭىزلا كۇپايە.

ئەگەر سىز «شىمپەنزىلەر غەليانى 3: ئاخىرقى جەڭ»نى كۆرگەن بولسىڭىز، ئەگەر سىزمۇ بۇ كىنونىڭ بىر يەرلىرىنى خاتادەك ئويلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، دىققىتىڭىزنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرۇڭ:

چۈنكى سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز بولغاندا، «ئاخىرقى جەڭ»نىڭ «ئاخىرقى مەنىسى»نىڭ زادى نېمىلىكىنى بىلەلەيسىز.

چۈنكى، سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز بولغاندا، گېنرالنىڭ ئۆلۈشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

چۈنكى، سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز بولغاندا، ئىنسانلار بىلەن شىمپەنزىلەر ئارىسىدىكى بىر مەيدان «ھوقۇق ئويۇنى»نىدا، سىز زادى قايسى گازارمىغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەلەيسىز.

ئەمەلىيەتتە، بۇ كىنو بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس. نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىغا قىزىقسىڭىز، ئۇنداقتا، ۋاقىت چىقىرىپ بۇ كىنونى كۆرۈپ بېقىڭ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号