باش بەت

AbdullahDev

78يوللانما
4مەستانە

ئۈچكېزەكلەر كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ ئىككىسى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-25 12:39 3 ئىنكاس چۈشتى

ئ‍ەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋالىس شەھىرىنىڭ بىرىجئېنىد (Bridgend) دېگەن بازىرىدا بىر كۆڭۈلسىز ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقىلى ئارانلا 5 ئايچە بولغان ئۈچكېزەك قېرىنداش كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، نەتىجىدە ئىككىسى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان، يەنە بىرى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىنغان.

20170925115738675.jpg

ۋەقە شۇ يەرۋاقتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، 29 ياشلىق يالغۇز ئانا سارا ئىجارە ئولتۇرغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرىدىكەن، شۇ كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئۈچكېزەك قوزىلىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇو ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرگەن، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچكېزەكلەر ھوشىدىن كەتكەن، ئانا دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان.

20170925115738609.jpg

سارانىڭ دىيىشىچە، ئائىلىسىدىكى ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئۈسكۈنىسىدىن مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، كۆمۈر گازىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق بۇ ئوماق قوزىچاقلارنىڭ كۆڭۈلسىز خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن بوۋىسىنىڭ ئەتراپتىكى قوشنىلارغا ئېيتىشىچە، بۇ ھادىسە «كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى» ئەمەس ئىكەن. ساقچى تەرەپ بۇ كۆڭۈلسىز ئىشقا ئىنكاس بېرىشنى رەت قىلغان، پەقەت تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە ئىچكى ھۆكۈمىتىنىڭ كېسەللىك مۇتەخەسسىسى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا يېتىپ بارغان ۋە جەسەتنى ئېنىق تەكشۈرۈپ نېمە سەۋەبتىن بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

20170925115738623.jpg

سارانىڭ بىر دوستى ۋە بىر قوشنىسىنىڭ دېيىشىچە، سارا بۇ ئ‍وماق ئۈچكېزەكنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. دەسلىپىدە يالغۇز ئانا ۋە ئۈچكېزەكلەر بەكلا قىينالغان، چۈنكى ئۈچكېزەكلەر بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ھەمدە ھەممىسى بىر-بىرىدىن كىچىك بولۇپ، كېيىن سارا ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ قارىشى بىلەن ساغلام چوڭ بولغان ئىكەن.

20170925115738455.jpg

مەلۇم بولۇشىچە، سارا 10 ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۇ ئۈچ ئېغىزلىق تۇرالغۇنى ئىجارىگە ئالغان ئىكەن. ئۆي ئىگىسى بۇ ئۆينى ساتماقچى بولۇشى سەۋەبلىك سارا كېلەر ئايدا باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشنى پىلان قىلىۋاتقان بولۇپ، بىراق بۇ قېتىملىق كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبلىك ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرۇشنى قارار قىلغان، چۈنكى ئۈچكېزەكلەر تۇغۇلغاندىلا ئۇلار تۆت جان سارانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇرغان. ھازىر، تەلەيسىز ئۈچكېزەكنىڭ ئانىسى سارا توردا ئىئانە توپلاۋاتقان بولۇپ، ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نىچۈن3 ئاي ئىلگىرى

    بالا 2 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن ئايرىم ياتقۇزمامدۇ ؟ ھېچ بولمىسا بىر ئۆيدە يېتىشى كىرەكتە ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز ئايالكەن ،يا ئىرى بولمىسا

  • دۇردانە3 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئەمەسمۇ ئاي ئىچىدىكى بالىلانىمۇ باشقا ئۆيدە يالغۇز ياتقۇزۇپ قويامدۇ ئەمدى ، مەنمۇ بالىلىرىمنى ئايرىم كارۋىتىدا يېنىمدا ياتقۇزىمەن ، ئويغانمىغان ھالەتتىمۇ نەچچە قوپۇپ قاراپ بېقىپ ياتىدىغان گەپ .

  • قوشماقلىرم3 ئاي ئىلگىرى

    قىززىق خەقدە بۇ،مۇستەقىل چوڭ قىلدۇق دەپ زاكىسدىن باشلاپ يالغۇر ئۆيدە ياتقۇزۇپ قۇيامدۇ دەيمە، بوۋاق بالىنى دىگەن كېچدە نەچچە قېتم تۇرۇپ دۇم يېتپ قالدمۇ يوق،بۇرنى ئېتلپ قالدمۇ يوق دىگەندەك قاراپ باقىدغان گەپ ،مۇشتابولىدۇ چۇ ئايرىم ياتقۇزۇپ قويسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号