باش بەت

ئىدىقۇت887

1854يوللانما
16مەستانە

كۈندە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن مەكتەپكە بارىدىغان 10 ياشلىق قىز

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-26 22:43 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى سارا جەين فىرانك (Sarah Jayne Frank) ئىسىملىك 10 ياشلىق قىز تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايتتى، بۇ قىز ھەر كۈنى دادىسى ھەيدىگەن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە باراتتى. سارا 2 يېشىدىن باشلاپلا دادىسى بىلەن بىللە تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئۇچۇشقا باشلىغان بولغاچقا، تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندىكى بىخەتەرلىك قائىدىلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى پىششىق ئىدى.

يۇقارقى رەسىمدىكىسى بولسا سارا ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى جىم (Jim) بىلەن تېررى (Terri). سارانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دائىم دادىسى ھەيدىگەن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئارلىڭتون (Arlington) دىكى ئوكارىج مەكتىپى ( Oakridge Secondary School) گە بارىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىش سەپىرى ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، تىك ئۇچار ئايروپىلاندا تۇرۇپ پەسكە قارىغاندا تاشيولدا خۇددى چۈمۈلىدەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئۇ ئادەتتە ماشىنىغا ئولتۇرسا 30 مىنۇتتا بارالايدىغان مەكتەپكە تىك ئۇچار ئايروپىلاندا پەقەت 5 مىنۇتتىلا يېتىپ بارالايدىكەن.

سارانىڭ دادىسى جىم فىرانك بولسا سودا خاراكتېرلىك ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا تىك ئۇچار ئايروپىلان شىركىتى بار ئىكەن. جىم فىرانك ھەر كۈنى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ھەيدەپ خىيۇستونغا ئىشقا ماڭغاندا، قىزىنىمۇ ئايروپىلانغا سېلىپ مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويىدىكەن. سارانىڭ دادىسى جىم فىرانك ئەلۋەتتە مەكتەپ تەرەپنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان، ئۇ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى مەكتەپ ئەتراپىغا قوندۇرغاندىن كېيىن، سارا باشقا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە خۇشال-خورام ھالدا مەكتىپىگە كىرىپ كېتىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号