باش بەت

ئىدىقۇت887

6886يوللانما
16مەستانە

ئايالىغا ھەر كۈنى يۈرەك شەكلىدە قاتلانغان پۇل سوۋغا قىلىشنى 6 يىل داۋاملاشتۇرغان ئەر

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-27 23:24 7 ئىنكاس چۈشتى

سىچۇەندىكى بىر ئەر 6 يىلدىن بېرى ئايالىغا ھەر كۈنى 11 يۈەن پۇلنى يۈرەك شەكلىدە قاتلاپ سوۋغا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن بۇ يۈرەك شەكلىدە قاتلانغان پۇللارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بەزى پۇللار ئاللىقاچان كۆكىرىپ كەتكەنىدى. يېقىندا بۇ ئەرنىڭ ئۆيىدىكىلەر ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇ پۇللارنىڭ كۆكىرىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 6 يىلدىن بۇيان ئايالىغا سوۋغا قىلىنغان يۈرەك شەكلىدە قاتلانغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ماشىنا سېتىۋىلىشقا ئىشلەتكەنىدى. بۇ ئەرنىڭ ئايالى بىر ساندۇق پارچە پۇلنى كۆتۈرۈپ ماشىنا سېتىۋالماقچى بولۇپ بارغاندا، ماشىنا ساتقۇچىلار ساندۇقنى ئېچىپ ئىچىدىكى پۇللارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغانىدى، يەنە بۇ ساندۇققا قاچىلانغان پۇللارنىڭ ھەممىسى 10 يۈەنلىك ۋە بىر يۈەنلىك پۇللار بولۇپ، يەنە كېلىپ پۇللارنىڭ ھەممىسى يۈرەك شەكلىدە قاتلاپ ساندۇققا سېلىنغانىدى.

بۇ ئىش بۈگۈن (يەنە 27-چېسلا كۈنى) چۈشتىن كېيىن، سىچۇەن ئۆلكىسى گۇلىن ناھىيىسىدىكى مەلۇم ماشىنا سېتىش دۇكىنىدا يۈز بەرگەنىدى.

مۇخبىر بۇ پۇللارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىغاندىن كېيىن، بۇ پۇللارنىڭ ئەسلىدە يولدىشىنىڭ ئۇنىڭغا قاتلاپ بەرگەن «مۇھەببەت سىمۋولى» ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. بۇ ئايالنىڭ يولدىشى 6 يىلدىن بېرى ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەر كۈنى 11 يۈەن پۇلنى يۈرەك شەكلىدە قاتلاپ بەرگەن بولۇپ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ پۇللار بىر ساندۇققا لىق تولغانىدى.

«مەن ئەسلى ئايالىمغا  پۇلنى يۈرەك شەكلىدە قاتلاپ سوۋغا قىلىشنى تاكى 20 يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىغانىدىم، لېكىن پۇللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بەزى پۇللار ئاللىقاچان كۆكىرىشكە باشلاپتۇ، بۇ پۇللارنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە كېلىپ ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاخىرى بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ ماشىنا سېتىۋالماقچى بولدۇق».

سىچۇەن ئۆلكىسى لۇجۇۋ شەھىرى گۇلىن ناھىيىسى داسۈن بازىرىدىكى دەي ئەپەندى قارىماققا ناھايىتى تارتىنچاق ئەر بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سۆيگۈ ئىزھار قىلىش  ھەركىتى دەي ئەپەندىنىڭ خانىمىنى تەسىرلەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە ماشىنا سېتىش دۇكىنىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىمۇ قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • uyunq6 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تەس.ۋاھھھھھھھھھھھھھھھھھھھ(((((ھازىر بولسا يىلى تۇغۇلغان كۈنىدە

  • ئوت يۈرەك قىز7 ئاي ئىلگىرى

    يىگانە تورداش كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ يولدىشىڭىز كۆڭلىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمىسە كىرەك سىزگە سوغا بەرمىسە بوپتۇ سىز ئۇنىڭغا قۇربىڭىز يەتسە تۇغۇلغانكۈنىدە دادىلا بايرىمىدا يىڭى يىلدا سىز سوغا بىرىڭ شۇكۈنلەرنى خۇشالخۇرام خاتىرجەملىك ئىلكىدە ئۆتكۈزۈڭ ئۈزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببىتىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇڭ كۆڭلۈمدىكىنى تاپدىمەڭ ئەرلەر ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ بىزتاپالغان بىلەن ئۇلار ئۇنداق سۇئاللار ئۈستىدە ئويلانمايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن شۇبايراملاردا ئاددى بولسىمۇ سوغا ئالغۇڭىز بارلىقىنى ئۇنىڭغا ېيتىڭ سۇغا ئالالمىسا سىرتقاچىقىپ ئايلانساڭلارمۇ بىرەرۋاخ تاماقنى بىللە يىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ سىز تەشەببۇسكار شوخ يامان بۇلۇڭ كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى ئىچىڭىزدە ساقلىماڭ ئۇچۇقدەڭ قاپاق تۈرتۈپ ئەمەس كۈلۈپتۇرۇپ ئەركىلەپ دەڭ دائىم ئەركىلەشنى يولدىشىڭىزنى ماختاشنى ئۈگۈنۈڭ ئاخشاملىرى سىرتقا ماڭسا سۇقۇشماڭ بوپتۇ چىقىپ كىرىڭدەڭ ئۆيدە يالغۇز قوقمىسىڭىزمۇ قوققان قىياپەتتە ئاغىنىلىرىڭىز بىلەن ئايلىنىپ تىزراق كىرەسىز مەن قورقىدىكەنمەن سىز بولمىسىڭىز پەقەت ئۇخلىيالمايمەن دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ ئۇخلاپ قالسىڭىزمۇ ئۇكەلگەندە ئۇخلىمىغان ئۇنى ساقلىغان قىياپەتتە ئولتۇرۇڭ دائىم شۇنداق قىلىڭ ئايالىم مىنى ساقلاپ ئولتىرىدۇ دەپ بۇرۇن قايتىپ كىلىدۇ ئالىقتا تېلىپۇن قىلماڭ قىلغۇڭىزكەلسە ماڭدىڭىزمۇ قانداق ئىشلىرىڭىز تۈگىدىمۇ ئەمىسسزنى ساقلايمەن سىزبولمىسىڭىز ئۇخلىيالمايدىكەنمەن دىگەندەك سۆزلەنى قىلىڭ كەلمەمسە دەپ ئۇرۇشماڭ ئاچچىقىڭىزكەلسىمۇ چىداڭ ئۇنى ئزىڭىزگە قارتىڭ سىزنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ھىس قىلدۇرۇڭ ئۈزىڭىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈڭ شۇچاغدا سىزدىن ئارىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغان سىرتلاغاچىقسىمۇ بۇرۇن قايتىدىغان نىمەدىسىڭىز شۇنى قۇلىدىن كىلىشچە قىلىپ بىرىدىغان بۇلىدۇ چۇقۇم ئەركىلەشنىبىلىڭ باشقىلار ئەركىلىسە بۇلىدىكەي يۇ نىمىشقا بىز ئايالى تۇرۇپ ئەركىلىسەك بولمايدىكەن شۇڭا غەررەتلىك بۇلۇڭ سىزگە بەخىت تىلەيمەن قېرىندىشىم

  • akikat7 ئاي ئىلگىرى

    بەك ،تەسىرلىك ئىكەن ،،،،،،،ئوتۇز ھەرىپ توشتىما

  • ئارزويۇم7 ئاي ئىلگىرى

    نېمدېگەن رومانتېك

  • مىسسى-بارسىلونا-پۇتبول7 ئاي ئىلگىرى

    ۋاھ 24000يۈەن پۇل يىغىپتۇ ئەنە ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك دىگەن شۇ ! مانا بۇ ئايالىڭىزغا سالغان مەبلەخنىڭ ھامان سىزگە ھەسسىلىنىپ قايتىپ كىلىدىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى

  • دىھقان دادام7 ئاي ئىلگىرى

    مۇھەببەتىڭلار مەڭگۈلۈك بۇلسۇن

  • ئاق گۈل7 ئاي ئىلگىرى

    نىمدىگەن ياخشى، ئەپسۇس شۇنداق ئادەم يىنىڭىزدا بولسا،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号