باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

بوۋاق ۋاقتىدا يۈزىنى چاشقان يارىلاندۇرغان قىز تۇنجى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇردى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-28 16:37 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 27-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جياڭسۇ ئۆلكىسى سۈينىڭ ناھىيەسىدە تۇرىدىغان 18 ياشلىق لۈ يەن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، يۆگەكتىكى ۋاقتىدا تاشلىۋېتىلىپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان لۈ مېي ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى؛ كېيىن ئۆيدە يالغۇز قالغاندا يۈزىنى چاشقان چىشلەپ يارىلاندۇردى.

لۈ يەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: «ئۆيگە قايتىپ ئۇنىڭ يۈز-كۆزىنىڭ قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ نەچچە كۈن يىغلىدىم. باشقىلار بالىنى تاشلىۋېتىشنى ئېيتتى. بىراق، مەن تاشلىۋېتىشكە قىيماي ئۇنىمۇ بىر جان دەپ قاراپ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم» دېدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن لۈ مېي ئەر-ئايال لۈ يەننى گۇاڭدوڭغا داۋالاتقىلى ئېلىپ باردى. بىراق، ئۇ بەكلا كىچىك بولغانلىقتىن ئوپېراتىسيە قىلغىلى بولمىدى.

لۈ يەن چوڭ بولغانسېرى يۈزى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقتى، باشقىلار غەلىتە نەزەردە قارىدى، مەكتەپ تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمىدى، قەيەرگىلا بارسا ماسكا تاقاپ يۈردى.

ھازىر لۈ يەن 18 ياشقا كىردى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. گەرچە ئۇ ئىلگىرى بۇ ئىش توغرىلىق مەسلىھەت سورىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوپېراتسىيە ھەققى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئۈنسىز ياش تۆكتى.

شۈجۇ مېھرى-شەپقەت دوختۇرخانىسىدىكىلەر لۈ يەننىڭ ئارزۇسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بىر كورېيەلىك مۇتەخەسسىسنى ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى، ئوپېراتسىيەنى دوختۇرخانا باشلىقى ئۆزى قىلدى، لاھىيە تۈزدى. 

ھازىر لۈ يەن تۇنجى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى. بىراق، ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن چىرايى 3-2 يىلدا ئاندىن ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كارخانىچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دىلبەر دل6 ئاي ئىلگىرى

    دۇلىتىمىزنىمە دىگەنياخشى بىر ئادەم قىينچىلىققا يۇلۇقسا ئەتىراپىدىكىلەر دەرھال ياردەم قۇلىنى سۇنۇدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号