باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

ئوغۇل دوستى پۇلى يوق دەپ مازاق قىلغان قىز خوجايىنىنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-28 17:04 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئوغۇل دوستى قىز دوستىنى پۇل يوق دەپ مازاق قىلغاچقا، ئاچچىقىغا پايلىمىغان قىز بىر قانچە كۈندىن كېيىن خوجايىنىنىڭ سومكىسىدىن 17 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەن ھەمدە ئوغۇل دوستىنى ئېلىپ ساياھەتكە بارغان. ئويلىمىغان يەردىن يېرىم يولدا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن. 

بۇ يىل 5-ئايدا، خەنجۇڭ شەھىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى جەنۇبىي رايون كوچا ئىش باشقارمىسىدا تۇرىدىغان لى***نى ئوغۇل دوستى كۆپ قېتىم: «سېنىڭ ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرغۇدەك، نەرسە-كېرەك سېتىۋالغۇدەك پۇلۇڭ يوق» دەپ مازاق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قىزدا ئوغرىلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان. 

5-ئاينىڭ 13-كۈنى، لى*** نەنجېڭ ناھىيەسى داخېكەن بازىرىدىكى بىر يانفون دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقاندا، دۇكاندار جاڭ***نىڭ توختالغۇخانىدىكى ئەرەنچە سومكىدا تۈمەن يۈەندىن كۆپرەك نەق پۇل قويۇپ قويغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختالغۇخانىدىكى يانفونىنى ئېلىۋېلىشنى باھانە قىلىپ، سومكىدىكى 17 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 

جاڭ*** نەق پۇلىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ ھامانلا لى***تىن گۇمان قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەن، لى*** بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن ئوغرىلىغان پۇلدا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز قايتۇردۇم دېگەن. جاڭ***نىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن، لى*** جاڭ***كە 3000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن، شۇنداقلا قالغان پۇلنى كېيىن قايتۇرۇشقا ۋەدە قىلغان. 

كېيىن، لى*** قالغان پۇلنى ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلەرگە يانفون، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن، يەنە تېخى ئوغۇل دوستنى ئېلىپ چېڭدۇغا ساياھەتكە بارغان، ساياھەتتىكى بارلىق خىراجەتنى لى*** كۆتۈرگەن. 

جاڭ*** ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار شۇ ھامان چېڭدۇ شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىگە بېرىپ لى***نى تۇتقان. لى*** قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئوغرىلانغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. 

يېقىندا، نەنجىڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى لى***نى ئوغرىلىق جىنايىتى گۇماندارى دەپ قاراپ، ئۇنى نەنجېڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. 4-سېنتەبىر نەنجىڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى لى*** ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ، ئۇنىڭغا 8 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • nur6 ئاي ئىلگىرى

    مازاق قىلغان ئادەمدىن ئايرىلىپ كەتمەي دۆت كالۋا بىر قىزكەن ،توۋا دىمىسە بىكار كاللىسىنى قاغا چۇقۇۋالغانلارغا...

  • باتۇر6 ئاي ئىلگىرى

    .مەن بۇ دىلودا ئوغۇل دوستىنىڭمۇ مەسئۇىيىتى بار دەپ قارايمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号