باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

يېقىن دوستىنىڭ بانكا كارتىسىنى ئوغرىلىغان ئايال يامغۇرلۇق كىيىپ پۇل ئالغىلى چىقتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-28 18:01 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 28-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لىن خانقىز شاڭخەي ساۋشىڭ ساقچىخانىسىدىكىلەرگە دېلو مەلۇم قىلىپ، بانكا كارتىسى يوقاپ كېتىپ، 20 مىڭ يۈەن ئېلىنغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

ساقچىلار يېقىن ئەتراپتىكى بىر بانكىنىڭ ئامانلىق كۆزەتكۈسىنى تەكشۈرۈپ، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى كەچ سائەت 7:30لار ئەتراپىدا بىر ئايالنىڭ ھاۋا ئوچۇق تۇرسىمۇ يامغۇرلۇق كىيىپ، قارا كۆزەينەك، ماسكا تاقاپ ATMنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى بايقىدى. بۇ ئايال شۇ ۋاقىتتا بانكا كارتىسىدىن 4 قېتىمغا بۆلۈپ 20 مىڭ يۈەن ئالغانىدى. ساقچىلار ئۇنىڭ كىيىنىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ لىن خانقىزنىڭ تونۇشى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

ئارقىدىن، ئۇلار ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، دېلو سادىر قىلغۇچىنىڭ لىن خانقىزنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

ساقچىلار شيې xxنى تاپقاندا ئۇ دوستىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىغا ھەسەت قىلىپ بانكا كارتىسىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. شيې xx بۇ يىل 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، لىن خانقىزنىڭ 10 نەچچە يىللىق يېقىن دوستى. شۇڭا ئۇ لىن خانقىزنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ناھايىتى ياخشى ئەستە ساقلىۋالغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号