باش بەت

ئادىلجان

8600يوللانما
123مەستانە

لوكخىد-مارتىن تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان مارسقا قونۇش ئۈسكۈنىسى چىقاردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-29 18:42 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 29-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لوكخىد-مارتىننىڭ مارسقا قونۇش ئۈسكۈنىسى


چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماسكقا ئوخشاش NASAنىڭمۇ ئون نەچچە يىلدىن كېيىن مارسقا ئادەملىك قونۇش پىلانى بار ئىكەن. بۈگۈن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ھەربىي ھۆددە كارخانىسى لوكخىد-مارتىن ئۆزىنىڭ ئادەملىك مارسقا قونۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، ئۇ ئالەم ئۇچقۇچلىرىنى ئېلىپ بىز بېرىشقا تەقەززا بولۇۋاتقان قىزىل رەڭلىك پىلانېتقا يېتىپ بارالايدىكەن. ئەڭ مۇھىمى بۇ مارسقا قونۇش ئۈسكۈنىسىنى تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. 

لوكخىد-مارتىنتىكى روبېرت چامبېرس مۇنداق دېدى:« بۇ بىر تاق ئۈگىلىك تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان قونۇش ئۈسكۈنىسى، ئۇ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى مارسقا ئېلىپ چىقىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.»

چامبېرس لوكخىد-مارتىن شىركىتىنىڭ نوپۇزلۇق سىستېما ئىنژېنېرى، ئۇ ئىلگىرى مارس لاگېرى تۈرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 21-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا NASA چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش تۈرىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، بۇ قونۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن چىقىدۇ. 

NASA چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى قېدىرىش ئۈچۈن ئاي شارى ئەتراپىدا NextSTEP تۈرىنى سىناق قىلىدۇ، ئۇل مۇئەسسەسەلەر ياسىلىپ پۈتكەندىن كېيىن، بۇ جاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مارسقا بېرىشىدىكى «سەكرەش تاختىسى» بولۇپ قالىدۇ، لوكخىد-مارتىن بولسا NextSTEP تۈرىدىكى ئالتە چوڭ ھۆددە كارخانىنىڭ بىرى. 

چامبېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قونۇش ئۈسكۈنىسىنى قونۇش، ئۇچۇش بىرگەۋدە قىلىنغان ھەمدە تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىشىنىڭ مەقسىتى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئىكەن، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بىر يۈرۈش سىستېمىسىنى ئارتۇق ياساشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. 

بۇ قونۇش ئۈسكۈنىسىگە تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھىدروگېن يېقىلغۇ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار مارستا سۇ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. لوكخىد-مارتىننىڭ مارسقا قونۇش پىلانىنىڭ دەۋرى ئۈچ يىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالەم كېمىسى 6-9 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ مارسقا يېتىپ بارىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مارستا 12-18 ئاي تۇرىدۇ، قالغان ۋاقىت يەر شارىغا قايتىپ كېلىشكە ئىشلىتىلىدۇ. 

مارس لاگېرىنىڭ ئوربېتا بۆلۈمچىسى


چامبېرس مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ قونۇش ئۈسكۈنىمىز ئوربېتادا يېقىلغۇ تولۇقلىيالايدۇ، ئوربېتا بۆلۈمچىسىدە تۆت ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىككى ھەپتە ياشىيالايدۇ، يېقىلغۇ تولۇقلانغاندىن كېيىن ئۇلار يەنە مارس ياكى يەر شارىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ.»

بۇ خىل يېقىلغۇ قوشۇش ئۇسۇلىدا قونۇش ئۈسكۈنىسى مارس ۋە ئوربېتا بۆلۈمچىسى ئارىسىدا ئۈچ قېتىم بېرىپ كېلەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە NASA تۇنجى قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئادەمسىز قونۇش سىنىقى قىلىدۇ، بۇ بىخەتەرلىكلىكى ۋە ئۈنۈم-خىراجەت نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. 

لوكخىد-مارتىننىڭ ئەترىتىگە نىسبەتەن مارس ئاتموسفېراسىغا كىرىش بىر چوڭ خىرىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇلار SR-71 قارا قۇش ناملىق يۇقىرى بوشلۇقتا رازۋېتكا قىلىش ئايروپىلانىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئىسسىقلىق ئايرىش ۋە بېسىمغا قارشى ماتېرىياللار مەشغۇلاتىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدۇ. 

بۇ قونۇش ئۈسكۈنىسىنى مارستىن باشقا، يەنە ئاي شارىغا قونۇشقا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. 

لوكخىد-مارتىندىن باشقا، NextSTEP تۈرىدىكى باشقا بەش ھۆددە كارخانا بوئىن، گروس ئالەم قاتناش شىركىتى، Orbital ATK، نېۋادا تاغ تىزمىسى شىركىتى ۋە NanoRacks قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • Ks09986 ئاي ئىلگىرى

    بەلكىم چىقىپ بولغان بولىشى مۇمكىن

  • قارا قۇيۇن6 ئاي ئىلگىرى

    ئادەمنى بەكلا قىزقتۇردۇ ،ئەگەر پىدائىي تاللىغان بولسا مەنمۇ بارتىم ،،،ھى ھى ھ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号