باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

ئامېرىكىدا 2 ياشلىق قىزچاق دادىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-30 12:34 2 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 30-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتى ئاخبارات گېزىتىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇتا ئىشتاتى غەربىي ئىيوردانىيە شەھىرىدىكى بىر ئائىلىنىڭ ئىككى ياشلىق قىزى بىرۇكىي بۇرتون (Brookie Burton) ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغانلىقتىن دادىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا «كىچىك قەھرىمان» دەپ نام قويۇپ قويغان. 28-سېنتەبىر بىرۇكىي تۇيۇقسىز دادىسىنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بايقاپ سىرتتىكى ئانىسىغا تېلېفون قىلدى. 

بىرۇكىي تېلېفوندا دادىسىنىڭ ئاغرىپ قالغاندەك تولىمۇ ھارغىن كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئانىسى قىزىنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ چوڭ ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى پەرز قىلدى ھەم دەرھال يولدىشىغا تېلېفون قىلدى. بىراق، ئۇ تېلېفوننى ئالالمىدى. شۇنىڭ بىلەن چېينېل دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، دىيابىت كېسىلى بار يولدىشىنىڭ ھوشسىز ياتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

چېينېل ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشىغۇچ بىلەن دورىلىق پىلاستېرنى ئېلىپ چىقىپ دادىسىنى داۋالىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. چېينېل: «ناۋادا قىزىمنىڭ ئىنكاسى تېز بولمىغان بولسا يولدىشىم مەڭگۈ ھوشىغا كېلەلمەسكەن» دېدى.

بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىرۇكىي تېلېفوننى بىر قېتىم ئىشلىتىپ باققان. بىراق، ئەزەلدىن مۇنداق جىددىي ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغان. چېينېل بىلەن يولدىشى قىزىنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن بەك پەخىرلەندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    ئىككى ياشلىق بالا نەدىمۇ تېلىفۇن ئۇرالىسۇن، مۇشۇ چەتئەللىك نەدىكى ئاساسى يوق ئىشلارنى خەۋەر قىلىدىكەن

  • PLAY BOY3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئەقىللىق قىزكەن ماۋۇ،كۆز تەگمىسۇن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号