باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

پويىزدا يۈك-تاقىسىنى ئۇنتۇپ قالغان يىگىت پويىزغا ئېسىلىپ 25 كىلومېتىر ماڭدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-30 19:02 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 30-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گېرمانىيەدە بەئەينى كىنودىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشايدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن، بىر ئەر پويىزدىن چۈشكۈچە يۈك-تاقىسىنى ئۇنتۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ۋاگونغا قايتىپ يۈك-تاقىسىنى ئالاي دەپ تۇرغاندا پويىز قوزغالغان، ئۇمۇ ۋاگوننىڭ تۇتاشقان يېرىگە ئېسىلىپ، سائىتىگە 160 كىلومېتىر ماڭىدىغان تېز پويىزدا 25 كىلومېتىر ماڭغان. 

«شەرق تورى»نىڭ 30-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ غەلىتە ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى 28-سېنتەبىر يۈز بەرگەن، 59 ياشلىق ئەر گېرمانىيەنىڭ تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ بىلىفېدقا كەلگەندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا يۈك-تاقىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئېسىگە كەلگەن، بىراق بۇ چاغدا ۋاگوننىڭ ئىشىكى يېپىلىپ بولغانىدى، ئەمما ئۇ ۋاگوننىڭ تۇتاشقان جايىغا ئېسىلىپ، پويىز بىلەن بىللە بېكەتتىن ئايرىلغان. 

خىزمەتچى ئۇنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال سۈرئەت ئاستىلاتقان ھەمدە 25 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن پويىزنى توختاتقان، شۇنداقلا ئەرنى ۋاگوننىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق خەتەرلىك ساياھەت ئاياغلاشقان. 

شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا پويىز سائىتىگە 160 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە كېتىۋاتقانىدى. شۇڭا 56 ياشلىق بۇ ئەر تۆمۈر يول خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك، ناۋادا تۆمۈر يول خادىملىرى ئەھۋالدىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپمىغان بولسا ئۇ جېنىدىن ئايرىلغان بولاتتى.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئەر رىملىقكەن، ساقچىلار ئۇنى سوراق قىلىۋېتىپتۇ، كېيىنكى قەدەمدە تەپتىش تارماقلىرىنىڭ ئۇنى ئەرز قىلىش-قىلماسلىقى ئېنىق ئەمەسكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بالام6 ئاي ئىلگىرى

    بۇئادەم باشتا 59ياش كەن پويىزغا ئېسلىپ 56 ياشقا قايتىپتۇ

  • سابا6 ئاي ئىلگىرى

    راس دىگەندەك ئۇ چامداندا مۇھىم نەرسىللىرى بولمىسا ئۇنداق قىلامتى

  • شاھدىيار6 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇ يۇلۇچنىڭ قىلمىشى بەك خەتەرلىك بولغان بىلەن بەك خاتا دەپ كەتكىلمۇ بولمايدۇ چۈنكى ئەگەر يۈك تاقسنىڭ ئىچدىكى پاسپورىت قاتارلىق كىنىشكىللىرى يوقاپ كەتسە ئۇ دۆلىتگە قايتالماي مۇساپىرغا ئايلىنىپ قالدۇ ئەمەسمۇ قاراملىق قىلىپ بولسىمۇ يۈك تاقىسنى يوقاتماپتۇغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号