باش بەت

ئەخمەتجان

3406يوللانما
55مەستانە

قىزى توردېشىنىڭ ياتىقىدا قونۇپ قالغان يىگىت ئۇنىڭ 10 مىڭ يۈەنلىك زىننەت بۇيۇمىنى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-01 19:35 1 ئىنكاس چۈشتى


بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

گوڭ*** ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالىدا قىز تورداش چېن*** بىلەن تونۇشۇپ قالغان، كېيىن چېن*** گوڭ***نى ياتىقىغا ئېلىپ كەلگەن. ئويلىمىغان يەردىن، گوڭ*** قارشى تەرەپنىڭ ئىشقا كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى زىننەت بۇيۇمىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 28-سېنتەبىر جىڭمېن شەھەرى دوڭباۋ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى گوڭ***نى قولغا ئالغان. 

دوڭباۋ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىنىڭ پېڭپەي ئاخباراتىغا دېيىشىچە، دېلو بۇ يىلنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەنىكەن. بۇ يىل 3-ئايدا، گوڭ*** «يۈرۈپ قېلىش» نى باھانە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالىدا تورداش چېن*** بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئىككىيلەن «ئارىلاشقان»دىن كېيىن، چېن*** قارشى تەرەپنى جۇيۈەن كوچىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئۆيىگە ئېلىپ بارغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن گوڭ*** چېن***نىڭ ئالتۇن بۇيۇم، پىلاتىنالىق ئالتۇن ئۈزۈك قاتارلىق قىممىتى 12 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 

دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى دېلو يىپ ئۇچىنى ئاساس قىلىپ رازۋېدكا قىلغان ھەمدە گۇماندارنىڭ سۈرەت، ئۇچۇرلىرىنى ھەرقايسى قاراۋۇلخانىلارغا يوللاپ بېرىپ، ئۇلارغا گۇماندارنى قولغا چۈشۈرۈشكە ياردەملىشىشنى ئېيتقان. 28-سېنتەبىر جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى رازۋېدكا قىلغۇچە ئېرىشكەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، پاكىتلارنى تەھلىل قىلىپ، گۇماندار گوڭ***نىڭ دوداۋ رايونى سۇ مەھسۇلاتلىرى يولىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ساقچىلار شۇ ھامان سۇ مەھسۇلاتلىرى يولىغا بېرىپ گۇماندار گوڭ***نى قولغا چۈشۈرگەن. ھەرىكەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شيوڭ گۇرۇپپىنى ئىككىگە بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىنى شىمال-جەنۇب يۆنىلىشىدىكى كوچىغا، يەنە بىر گۇرۇپپىنى جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى كوچىغا ئورۇنلاشتۇرغان، پۇقراچە كىيىنىپ شۇ كوچىدىكى دۇكان، چايخانىلارنى بىرمۇ-بىرمۇ تەكشۈرگەن، ئاخىردا ساقچىلار گوڭ***نى سۇ مەھسۇلاتلىرى يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى ماجاڭخانىدىن قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ئۇنى تېز سۈرئەتتە بويسۇندۇرغان. كېچىلەپ سوراق قىلغاندىن كېيىن، گوڭ*** «قىز دوستى» چېن***نىڭ ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. 

نۆۋەتتە، ساقچىلار مەزكۇر دېلونى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 130******023 ئاي ئىلگىرى

    ئېشىنى يەپ،تاۋىقىنى چاقىدىغان،تازا ئۇچىغا چىققان گۇيكەن بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号