باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

ئۈچ چوڭ يۈرۈتكۈچى 2G ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىدۇ دېگەن گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەڭ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-02 17:46 2 ئىنكاس چۈشتى

شىنلاڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كەلدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ دوستلار چەمبىرىكىدىمۇ ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئاينىپ قالدى، مەسىلەن: «كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، جۇڭگو تېلېگرافى بىرلىشىپ تاۋۇز چاغىنىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، مۇشۇ ئېلاننى چەمبىرەككە چىقىرىپ قويسىڭىزلا 2G ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىدۇ!» دېگەندەك. قارىماققا، راستتەكلا بىلىنىدۇ، ئەمما ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. چۈنكى «بۆرەك ئاكا تۈلكە ئۇكاڭ قىلمىدى ناشتا، مەلۇم مەقسەت بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا» دېگەن گەپ بار، شۇڭا بۇنىڭ ئارقىسىدا بىرە «ئويۇن» بولۇشى ئېنىق. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يالغانكەن. 

ئىگىلىنىشىچە، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىداردىن تارقىلىدىكەن، «كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، جۇڭگو تېلېگرافى» بىرلىشىپ مانىڭدەك قىپقىزىل يالغان گەپلەرنى دېمەيلا تۇرايلى (سىزنىڭ مۇشۇ ئۈچ شىركەت بىرلىشىپ پائالىيەت قىلارمۇ؟!). ئاشۇنداق ئېلاننى چېكىپ كىرگەندىن «مەملىكەت ئىچىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايراملىق 12G ئېقىم بوغچىسىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىڭ» دېگەن گەپنى كۆرىسىز، ئەمما بۇنى زادى قاچاندىن باشلاپ، قاچانغىچە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس. 

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم ئېتىبارلىق پائالىيەتلەرگە ئوخشاش ئاشۇنداق بەتلەردىكى ئېقىم مىقدارىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈسىز. ئىشىنىڭ قىزىقى ئالدىڭىزدا، سىز يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «دەرھال ئېلىش» دېگەن خەتنى چەككەندىن كېيىن، سىستېما سىزگە «مەزكۇر ئېلاننى ئاۋۋال دوستلار چەمبىرىكىڭىزگە چىقىرىپ، ئاندىن بەش دوستىڭىزغا، 3 توپقا ئەۋەتىڭ» دېگەن ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ. 

ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشى بويىچە بەھرىلىگەندىن كېيىن، ئاشۇ بەتتە «بەھرىلەندى» دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ ھەمدە ئۇلاپ تارقاتقان توپ ئۇلانمىسى ياكى چەمبىرەكتە 48 تۇرغاندىن كېيىن، ئېقىم ئۆزلۈكىدىن ھېساباتىڭىزغا قوشۇلىدۇ دېگەندەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ. سىزنىڭ يانفون نومۇرىڭىزمۇ يوق تۇرسا، ئېقىم مىقدارى قايسى ھېساباتقا كىرىدۇ؟!

ئىشىنىڭ ماھىيىتى تامامەن باشقىچە. سىز ئاشۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىدىغان بۇ پائالىيەت بىردەمدىلا غايىب بولۇپ كېتىدۇ-دە، ئارقىدىنلا ئېلان تەۋسىيە قىلىدىغان مۇنداق بىر بەتكە ئالمىشىدۇ--سېلىنمىسى ئاز، ياندۇرۇقى كۆپ، خەتىرى تۆۋەن ئىشقا مەبلەغ سالغۇڭىز بارمۇ؟ قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېسنى چېكىڭ. 

گەپنى يىغساق، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا، يەنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفون نومۇرىغا ئالداپ ئېرىشىپ، ئۇچۇر تەۋسىيە قىلىش، قىممەت مېتاللارنى سېتىۋېلىشقا كۆندۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ. دېمەك، ئۆزىنى دەڭسىيەلمىگەن ئادەم ئاشۇ كاززاپلارنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 

بۇنداق پائالىيەتلەردە روشەن يوچۇق تۇرسىمۇ، بىراق قىسمەن ئاچ كۆز كىشىلەر ئاشۇلارنىڭ توزىقىغا دەسسەيدۇ. شۇڭا، بايرامدا بۇنداق تاينى يوق پاراڭلارغا ئىشەنمەي، قانۇنغا رىئايە قىلىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ياخشى ئويناڭ. چۈنكى، «بىكارغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ». 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قۈم،شەھەر5 ئاي ئىلگىرى

    ئەسكەرتىش ،ياخشى ،بولدى

  • يۇلتۇزنى ئىزدەپ6 ئاي ئىلگىرى

    دىمىسمۇ مۇشۇنداق ئالدامچىلىقلار ئەتراپىمىزدا تۇختىماي كۈپىيپ كىتىۋاتىدۇ،ئەسكەرتىپ قۇىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号