باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

تېسلا Model 3نىڭ ئۈچىنچى پەسىلدىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش نىشانى بىر قانچە ھەپتە كېچىكىشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-03 18:43 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 3-ئۆكتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

پىلان بويىچە تېسلانىڭ ئەرزان باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىلى Model 3 ئۈچىنچى پەسىلدە 1500نى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك ئىدى، بىراق تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تېسلانىڭ ئۈچىنچى پەسىلدىكى بۇ پىلانى بىر قانچە ھەپتە كېچىكىپ ئاندىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنكەن. تېسلا 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدا Model 3نى ئېلان قىلدى، ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 350 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، باھاسى ئاران 35 مىڭ دوللار، بۇ ئاپتوموبىل ئېلان قىلغاندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقاچقا، ھازىرغىچە 455 مىڭ ئادەم زاكاز قىلدى. 

بىراق زور بازارغا ماس كەلمىگىنى، تېسلا Model 3نىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا ناھايىتى چەكلىك، ئۇلار 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاران 30 ئاپتوموبىلنى خېرىدارلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، جامائەتچىلىكنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 8-ئايدىكى مال تاپشۇرۇش مىقدارىمۇ 100 دانىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى مۇمكىنكەن. 

كىشىنى تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرىدىغىنى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەسىلە تۈپەيلىدىن، تېسلانىڭ CEOسى ئېلون ماسكنىڭ ئاپىسى مايى ماسكمۇ مۇشۇ ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچرەت تۇرماقتا. ئۇ ھازىر تەخمىنەن ئۆچرەتنىڭ 300 مىڭىنچىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنىڭغا قارىغاندا ئەڭ تېز بولغاندىمۇ كېلەر يىلى 11-ئايدا ئاندىن Model 3نى قولىغا ئالالايدۇ. 

پىلان بويىچە، تېسلا Model 3نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1500 دانىگە يېتىشى كېرەك، يىل ئاخىرىدا ھەپتىسىگە 5000 دانە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالىشى كېرەك، بىراق بۇنىڭ قانداق بولۇشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. 

ئەمما، بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تېسلا Model 3نىڭ ئۈچىنچى پەسىلدىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى تەسكەن، بۇ پىلان بىر قانچە ھەپتە كېچىكىپ ئاندىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنكەن. 

بېييا كاپىتالىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنداق دېگەن: «تېسلا Model 3 ئۈچىنچى پەسىلدە بەك كۆپ بولغاندىمۇ 500 دانىنى خېرىدارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرەلەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈچىنچى پەسىلدىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ، 1500 دانە ئىشلەپچىقىرىش نىشانى بىر قانچە ھەپتە كېچىكىپ ئاندىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.» 

باشقا زاۋۇتلارغا ئوخشاش تېسلامۇ Model 3نىڭ ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشكارىلىمايدىكەن، بىراق ئۇلار مۇشۇ ھەپتە ئۈچىنچى پەسىلدىكى مال تاپشۇرۇش مىقدارىنى جاكارلىشى مۇمكىن. بېييا كاپىتالى تەھلىلچىسىنىڭ پەرىزىچە، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى پەسىلدىكى مال تاپشۇرۇش مىقدارى 26 مىڭ 400 دانە بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە Model Sدىن 15 مىڭ 100 دانە، Model Xدىن 10 مىڭ 8دانە، Model 3دىن 5 مىڭ دانە بولۇشى مۇمكىنكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号