باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئوغرىلانغاندا قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-03 21:50 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 2-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بانكا كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىدىغان، ئابۇنتلار يوقىتىپ قويغان پۇللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن سوتقا ئەرز قىلىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپىيىپ قالدى. بىراق، سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلولارغا چىقىرىدىغان ھۆكۈمى ئوخشاش ئەمەس: بەزى ئەھۋاللاردا مەسىلە پۇل ئامانەت قويغۇچىدا بولغانلىقتىن بانكىغا مەسئۇلىيەت ئارتىلمىدى؛ بەزى ئەھۋاللاردا بانكا تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى؛ يەنە بەزىلىرىدە بانكا بىلەن ئابۇنتلار مەسئۇلىيەتنى مەلۇم نىسبەتتە ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇنداقتا، كارتىدىكى پۇل ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكى بايقالغاندا قانداق قىلغاندا ئابۇنتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ قانۇندىكى بەلگىلىمە قانداق؟ بانكا بىلەن ئابۇنتلار قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟

1-ئەھۋال:

بىر كارتىدىن 8000 يۈەنگە يېقىن پۇل ئوغرىلانغاندا بانكا 5000 يۈەن تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇلدى.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى «جۇڭگولۇق سودىگەرلەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كارتىسىدىكى 8000 يۈەنگە يېقىن پۇلى ئوغرىلانغان ئابۇنتنىڭ بانكىنى ئەرز قىلىش ئارقىلىق 5000 يۈەن تۆلەمگە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىندى.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەتە 4:20لەردە ۋاڭ خانىمنىڭ يانفونىغا بىر قىسقا ئۇچۇر كېلىپ قۇرۇلۇش بانكىسىدىن بېجىرگەن ئىككى كارتىسىنىڭ مەلۇم بىر پۇل تۆلەش سۇپىسىغا باغلانغانلىقى مەلۇم بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ خانىمنىڭ يانفونى بىلەن بانكا كارتىسى يېنىدا بولغاچقا، بۇ قىسقا ئۇچۇردىن ئازراق بىنورماللىق ھېس قىلدى. بىراق، كېيىنكى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۇنىڭ يانفونىغا ئىككى كارتىسىنىڭ بىر مۇنچە پۇل تۆلەش سۇپىلىرىغا باغلانلىقى كۆرسىتىلگەن قىسقا ئۇچۇر كەلدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4:27دە ئۇنىڭ بىر بانكا كارتىسىدىن 199 يۈەن چىقىم قىلىندى.

ۋاڭ خانىم دەرھال يولدىشى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن بۇنىڭ باشقا ئادەمنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى مۇقىملاشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭغا يانفونىغا يەنە نەچچە 10 قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ۋاڭ خانىم شۇ ۋاقىتتىلا بانكا كارتىسىنى باشقىلار ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىپ يېقىن ئەتراپتىكى بانكىغا بېرىپ كارتىسىنى كۈچتىن قالدۇردى. ئۇ بانكىدىكى ۋاقىتتىمۇ كارتىسىدىكى پۇل توختىماي ئوغرىلاندى. ئاخىرىدا، ئىككى كارتىدىن ئوغرىلانغان پۇل 8000 يۈەنگە يېقىنلاشتى.

بانكىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىپ ھېچقانداق نەتىجە چىقىرىلمىغان ۋاڭ خانىم بانكىنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، زىيىنىنىڭ ھەممىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىل 9-ئايدا شىئەن يېڭى شەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقتى. بانكىدىكىلەر ئۆزىنى ئاقلاپ، ۋاڭ خانىمنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇللارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق بانكا ئارقىلىق ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرى، مەخپىي نومۇرى ۋە دەلىللەش نومۇرى قاتارلىقلار بىردەك بولۇشى كېرەكلىكى، بانكىدىكىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىكتىرونلۇق بۇيرۇق ئارقىلىق كەسپ بېجىرگەنلىكى، ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

سوت مەھكىمىسىدىكىلەر: «دەۋاگەر ۋاڭ خانىم بانكىنىڭ كەسپ بېجىرىش زالىغا كىرىشتىن ئىلگىرى بانكىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇنىڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتى يوق. ئۇ بانكىغا كىرگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ دەۋاگەرنىڭ تېلېفون قوبۇل قىلىش، قىسقا ئۇچۇر كۆرۈش قاتارلىقلاردىن باشقا مەشغۇلات قىلمىغانلىقى ھەمدە جاۋابكار ئەۋەتكەن دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقتىن دەۋاگەر دەلىللەش نومۇرى كىرگۈزمىگەن ئەھۋالدا بانكا كارتىسىدىكى 5000 يۈەن ئىشلىتىپ كېتىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بانكا بۇ زىياننى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ قارىدى. قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن سوت مەھكىمىسى 1-سوتنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، قۇرۇلۇش بانكىسىدىكىلەرگە ۋاڭ خانىمنىڭ 5000 يۈەن پۇلى ھەمدە دېلو بېجىرىش جەريانىدا سەرپ قىلغان پۇللىرىنى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بانكىمۇ يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

2-ئەھۋال:

100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئوغرىلاندى، بانكا يېرىمىنى تۆلەشكە بۇيرۇلدى.

2014-يىلى 3-ئايدا شىئەن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ خانىمنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئەنخۇي خېفېيدا خەجلەندى، 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك نەق پۇل چىقىرىۋېلىندى. ۋاڭ خانىم ئەھۋالنى بايقاپ دەرھال بانكىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ كارتىسىنى كۈچتىن قالدۇردى ھەمدە قاراشلىق ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدى. كېيىن ئۇ زىيىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بانكىنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ زىيىنىنىڭ ھەممىسىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

سوتتا ۋاڭ خانىم قورونىڭ كۆزەتكۈسى ئارقىلىق بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئوغرىلانغاندا ئۆزىنىڭ شىئەندە ئىكەنلىكى، ساقچىغا مەلۇم قىلغاندا بانكا كارتىسىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ كارتىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوت مەھكىمىسىدىكىلەر ۋاڭ خانىمنىڭ كارتىسىدىكى پۇللار باشقا جايدا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن بانكا كارتىسىنىڭ ئۇچۇرىنى باشقىلار بىلىۋالغان دەپ قارىدى. نۆۋەتتە، بۇ دېلو پاش قىلىنمىغانلىقتىن دەۋاگەرنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ ئۇچۇرى ھەمدە مەخپىي نومۇرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىك خاتالىقىنى يالغۇز بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئادىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە دەۋاگەرنىڭ بانكا كارتىسىدىن پۇل ئوغرىلىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئىككى تەرەپ تەڭدىن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى.

3-ئەھۋال:

بانكا كارتىسىدىن باشقا جايدا نەق پۇل چىقىرىۋېلىندى، بانكا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلدى.

2015-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭلىق ليۇ خانىمنىڭ بىر بانكا كارتىسىدىن كۆپ قېتىم باشقا جايدا نەق پۇل چىقىرىۋېلىنىپ 18 مىڭ 600 يۈەن زىيان تارتتى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 103 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئېلىندى. ليۇ خانىم كارتىسىدىن نەق پۇل چىقىرىلغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال بانكىغا بېرىپ كارتىسىنى كۈچتىن قالدۇردى. بۇ ئىشتىن كېيىن ليۇ خانىم يانفونىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى ئاچتى ھەمدە بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يولدىشىغا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتقۇزغاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ئاخىرىدا، ئۇ بانكا بىلەن كېلىشەلمىگەندىن كېيىن سوتقا ئەرز قىلدى.

سوت مەھكىمىسىدىكىلەر قاراپ چىقىپ: «دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار پۇل ئامانەت قويۇش توختام مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ھەر ئىككىلى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلمىغانلىقتىن توختام كۈچكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. بانكا كارتىنى تارقاتقان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامانەت قويغۇچىنىڭ مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ دېلودا بانكىدىكىلەر بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئوغرىلانغاندا سىستېمىغا تونۇتمىغانلىقى ئۈچۈن ئامانەت قويغۇچى تارتقان زىياننى مۇناسىپ دەرىجىدە ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ قارىدى ۋە ئاخىرىدا بانكىدىكىلەرنى دەۋاگەرگە 18 مىڭ 703 يۈەننى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇدى.

4-ئەھۋال:

80 مىڭ يۈەن باشقا جايدا ئوغرىلاندى، بانكا %70 مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

2015-يىلىنىڭ بېشىدا بېيجىڭدا تۇرىدىغان گو خانىمنىڭ كارتىسىدىكى 80 مىڭ يۈەن ئوغرىلاندى. كېيىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ كارتىدىكى پۇللارنىڭ گۇاڭدوڭ فوشەندە ئىشلىتىلگەنلىكى ھەمدە كارتىدىكى پۇل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن گو خانىمنىڭ ئىمزاسى قويۇلمىغانلىقى مەلۇم بولدى. گو خانىم بانكىدىكىلەر بىلەن كېلىشەلمەي ئاخىرىدا سوتقا ئەرز قىلىپ، بانكىدىكىلەردىن بارلىق چىقىمىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

سوت مەھكىمىسىدىكىلەر قاراپ چىقىپ: «گو خانىم كارتا بېجىرگەندە بانكىدىكىلەر بىلەن پۇل ئامانەت قويۇش توختام مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلغان. دەۋاگەر تەمىنلىگەن ئىسپاتلاردىن دېلوغا چېتىشلىق بانكا كارتىسىدىكى پۇللار ئوغرىلغاندا گو خانىمنىڭ كارتىدىكى پۇل ئوغرىلانغان جايدا ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى. بانكا كارتا تارقاتقان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ پۇل ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، كارتىدىكى پۇللارنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ قارىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، گو خانىم بانكىدىكىلەرنىڭ كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىغان ئەھۋالدا كارتىنىڭ مەجپىي نومۇرىنى گو خانىم بېكىتكەن ھەمدە باشقۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇمۇ كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەتىرى ھەمدە كېلىپ چىققان زىياننى مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسىدىكىلەر ئاخىرىدا ئۇنىۋېرسال ئەھۋاللارنى ئويلىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بانكىنى %70 مەسئۇلىيەتنى، گو خانىمنى %30 مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇدى.

سوتچىنىڭ پىكرى:

ئامانەت قويغۇچى ئادەم ۋە كارتىنىڭ كارتىدىكى پۇل ئوغرىلانغان جايدا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك.

يېقىندىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە بىر سوتچى: «ھازىرغىچە يۈز بەرگەن بانكا كارتىسىدىكى پۇل باشقا جايدا ئوغرىلىنىش دېلولىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئامانەت قويغۇچى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلدى؛ بەزىلىرىدە بانكا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلدى؛ بەزىلىرىدە بانكا بىلەن ئامانەت قويغۇچى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىسپات كۆرسىتىش ۋە مەسئۇلىيەت تەقسىملىنىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى «كىم تەشەببۇسكار بولسا شۇ ئىسپات كۆرسىتىش» تەلىپى بويىچە ئامانەت قويغۇچىلار ئامانەت توختام ماجراسىدا بانكىنى ھەق-تەلەپ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارىسا چوقۇم ئاز دېگەندە پۇلى ئوغرىلانغان بانكا كارتىسىنىڭ ساختا بانكا كارتىسىدا قانۇنسىز مەشغۇلات قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىشى، بانكىمۇ خاتالىق سادىر قىلغان ۋە توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئامانەت قويغۇچى بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىغاندا ئۆزى بىلەن بانكا ئوتتۇرىسىدىكى پۇل ئامانەت توختام مۇناسىۋىتىنى، يەنى پۇلى ئوغرىلانغان بانكا كارتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى؛ بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئوغرىلانغاندا مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىنى، مەشغۇلات قىلىنغاندا بانكا كارتىسىنىڭ ئۇ ئىش يۈز بەرگەن جايدا ئەمەس، بەلكى ئۆز يېنىدا ئىكەنلىكىنى، مەخپىي نومۇرىنى ھېچقانداق ئادەمگە ئېيتمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك.

ئامانەت قويغۇچىلار بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىغاندا ئالدى بىلەن كارتىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ پۇلىنىڭ داۋاملىق ئوغرىلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئارقىدىن بانكا كارتىسى بىلەن كارتا ئىگىسىنىڭ كارتىدىكى پۇل ئوغرىلانغان جايدا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات قالدۇرۇۋېلىشى، ئاخىرىدا، ساقچىغا مەلۇم قىلىپ كارتا تارقاتقان بانكا تەۋە ئورۇندىكى ساقچىخانىدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ ئىسپات ئېلىنىشى كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەپرا ئاكام3 ئاي ئىلگىرى

    رەھمەت، Rossey ئەپەندىم، بانكا كارتىسىنى ئىشىتىشتە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئالاھىدە نوقتىلاردىن ئىرىنمەستىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر ئەيتىمەن ،

  • Rossey3 ئاي ئىلگىرى

    بانكا كارتىسىنى ئىشلىتىشتە بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
    1-بانكا كارتىسىنى ھەرخىل شەكىلدىكى ئېلىكتىرونلۇق پول تۇلەش سۇپىسىغا باغلىماسلىق كېرەك،ئەگەر باغلاش تۇغرا كەلسە قانداق ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك .
    ئەمدى ھازىر ھەممە يەدە ئۇچىنچى تەرەپ سۇپىلىرىدا (يەنى،ئۇندىدار سۇپىسىدا ،جىفۇباۋ ئارقىلىق دەمدۇق؟ )پۇل يۇتكەش ئاسان بۇلغاچقا ھەر قايسى بانكىلارنىڭ كارتىلىرىنى ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىغا باغلاپ بىۋاستە پول يۇتكەۋاتمىز،بىراق بۇنىڭدىكى يۇشۇرۇن خەتەرنى ھىس قىلالمىدۇق ،پەقەت پۇللىرىمىز چۇڭ سۇممىدا يۇتكۇلۇپ كېتىلگەندىلا ئاندىن سۇتتا يۇرىۋاتىمىز .
    ئۈچىنچى سۇپىدا كارتا ئىشلىتىشنىڭ تۇغرا ئۇسۇلى : تۇلىمەكچى بۇلغان پولىمىزنى تۇلەپ بۇلۇپ باغلىغان كارتىمىزنى ئۈچىنچى سۇپىدىن چىقىرۋېتىش كېرەك،بۇنداق قىلغاندا پول ئۇزلىگىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ،ئىككىنچى قېتىم يەنە مال پولى تۇلىگەندە نەق مەيداندا كارتىنى باغلاپ يانا ئىشلىتىپ بۇلوپ چىقىرۋەتسە بۇلىدۇ ،گەرچە سەل ئاۋارچىلىق بۇلسىمۇ بىراق پۇلىڭىزدىن ئۇرۇنسىز ئايرىلىپ قالمايسىىز .بۇ بىر خىل ئۇسۇلى،يەنە بىر خىل ئۇسۇل ئۈچىنچى سۇپىغا باغلىغان كارتىنىڭ ئىچىگە دايىم پول قالدۇرماي ،قالدۇق سۇممىسىنى 10يۇئەندىن ئاشۇرماسلىق لازىم ،ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە ،نۇپۇزلۇق بانكىلارنىڭ تېلىفۇن بانكا ئەپلىرىدە پول بار كارتىدىن باغلانغان كارتىغا تۇلىمەكچى بۇلغان پولنى يۇتكەپ ئىشلەتسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ .
    2-بانكا نۇمىرىدا كەلگەن ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى بىلىپ چۇشۇنىپ تۇرۇپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىش لازىم :
    مەسىلەن ،تېلىفۇنىمىزغا كەلگەن بەزەن ئۇچۇرلار
    بانكا تەرەپتىن كەلگەن بۇلماسلىغى مۇمكىن،چۇشەنمەيلا بانكا ئەۋەتكەن ئۇچۇر دەپ مەشغۇلات قىلسىڭىز ئۇزىڭىز بىلمەيلا پولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىز،ئېسىڭىزدە بۇلسۇن ،ھەرقانداق بانكا تەرەپتىن كەلگەن ئۇچۇردا ،ئۇچۇر مەزمۇندىن باشقا ،بانكىنىڭ مۇقۇم تېلىفۇن نۇمىرى،بانكا تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ تەپسىلى ئادىرىسى،يۇل نامى ھەم تەۋە يۇلنىڭ نۇمىرى ،شۇنداقلا ئۇچۇر ئەۋەتكەن خېرىدالار دېرىكتۇرىنىڭ (客户经理)نىڭ ئىسمى بۇلىدۇ.
    ئەگەردە يۇقارقى ئىككىلا نۇقتىغا دىققەت قىلسىڭىزلا ئالدىراپ پوللىرىمىزدىن ئايرىلىپ
    قالدىغان ،ساختا ئۇچۇر لاغا ئالدىنىپ قالدىغان ئەھۋاللاردىن ئازراق بۇلسىمۇ ساقلىنىپ قالىسىز……!
    مەن ئۇزەم بانكا خادىمى بۇلغاچقا مېنىڭ كەسىپىمگە ئايىت مەزمۇندىكى دىلولانىڭ ئۇچۇر ئارقىلىق ئالدىنىپ قالغان ،ئۈچىنچى سۇپىسىدا پول يۇتكەش جەھەتتىكى پول يۇتۇپ كەتكەن قىسمىغىلا تەجىربەنگە ئاساسەن نۇرداشلاغا ئازراق بۇلسىمۇ پايدىسى يېتىپ قالسا دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ قۇيدۇم ،تۇغرا تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلسىڭىز بۇلىدۇ،خاتا بۇپ قالغان ،دەۋېررگە ماسلىشالمىغان يەرلىرى بۇلسا تۇۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سۇرايمەن ☺

  • قارىغاي3 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ھامان كارتىغا ئاپتوماتىك بانكىدا 100 سوم قويۇش كېرەك دەپ بىر ماقالىنى ئوقۇغانتىم. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىكەن.

  • سەپرا ئاكام3 ئاي ئىلگىرى

    ئەمىلىيەتتە جەمىيەتتە ھەممە ئادەم بانكانى ھەممىدىن تولۇق سوممىلىق بىخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك ھەم مەسئۇلىيەتچان جاي دەپ قارايدۇ،
    شۇڭلاشقا بانكا ھەر ۋاقىت ئوخشاشلا سەمىيمى مۇلازىمەت بىلەن ئابونىتلارنىڭ مەنپەئەتنى بىخەتەرلىگىنى ھەقىيقى قوغدىشى ۋە مەسئۇلىيەت ئىشەنچىسىنى ئۇمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك .

  • ئەزمەت3 ئاي ئىلگىرى

    راس ياخشى قىپتۇ لېكىن.

  • ئۆمەرجان3 ئاي ئىلگىرى

    دىمىسىمۇ بانكا كارتىسى يانچۇقىمىزدا تۇرسا پۇلىمىزنى باشقىلار ئوغۇرلاپ خەجلىگىلى تۇرسا ئەجىبا بۇنىڭدا بانكىنىڭ مەسئۇلىيىتى يۇقمۇ؟ قىززىق ئىشتە بۇ ؟؟ بۇ خەۋەرنى يوللاپ بەك ياخشى قىلدىڭىز خىلى بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ قالدىم رەھمەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号