باش بەت

tayks

1218يوللانما
11مەستانە

15 ياشلىق بالا 30 ياشلىق توردىشىنى خۇش قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-03 23:28 0 ئىنكاس چۈشتى

«ئوغلۇم پويىزغا ئولتۇرۇپ چىڭدۇغا قىز دوستىنى كۆرگىلى كەلگەن ئوخشايدۇ، ئۇ ئەزەلدىن شۇنداق رايىش ئىدى، بىزنى ئەنسىرەتمەيتتى. مەن ھازىرلا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چېڭدۇغا كېلىپ ئۇنى ئىزدەي». 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 20:00دە، چېڭدۇ تۆمۈر يول ج خ ئىدارىسى سىرتتىن كەلگەن بىر ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىپ ئۇرغان تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ 15 ياشلىق ئوغلى شياۋ فېينىڭ بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بەلكىم خېفېيدىن چېڭدۇغا بارىدىغان K1157قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچىلارنىڭ ياردەملىشىپ ئوغلىنى تېپىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى.

ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى ھەمدە ئۇنىڭ دەرۋەقە K1157قېتىملىق پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، پويىزدىكى ساقچى باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشتى. ساقچى باشلىقى ساقچىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن شياۋ فېينى ئىزدەپ تاپتى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 17:00دە، نۆۋەتچى پويىز چېڭدۇ بېكىتىدە توختىغاندىن كېيىن، شياۋ فېينىڭ دادىسى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شياۋ فېينىڭ ئالدىغا چىقتى. جىددىيلىشىپ كەتكەن دادا ئوغلىنى كۆرۈپ يىغلاپ تاشلىدى.

ساقچىلارنىڭ ئىگىلىشىچە، شياۋ فېي كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە بىر «ياخشى بالا» ئىكەن. ئۇنىڭ نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ئادەتتە پىيانىنو چېلىشنى، رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق يېقىندا دادىسى سودىدا زىيان تارتقاچقا شياۋ فېيغا بولغان كۆيۈنۈشى ئازلاپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شياۋ فېينىڭ خاراكتىرى كۈندىن كۈنگە جىمغۇرلىشىپ كەتكەنىكەن.

شياۋ فېي تورغا چىقىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن چېڭدۇدىكى 30 ياشلىق ئايال تورداش بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ گېپى بىر يەردىن چىققان، بىر ئاي پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئۆزى يالغۇز پويىزغا ئولتۇرۇپ چېڭدۇغا بېرىپ قىز دوستىنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋەتمەكچى بولغان.

شياۋ فېي ساقچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ جاپاسى ۋە ئەنسىرىشىنى چۈشەندى، ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى، ئەمدى بۇنداق خەتەرلىك ئىشنى سادىر قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى ۋە دادىسى بىلەن ساق-سالامەت قايتىپ كەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号