باش بەت

شەرىفە

521يوللانما
182مەستانە

لى شياۋلوڭنىڭ ئايالى ۋە قىزىنىڭ يېقىنقى سۈرەتلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-04 13:10 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

لى شياۋلوڭنىڭ پەيدا بولۇشى بۇرۇنقى گۇمپا فىلىملىرىدىكى ساختىلىقلارنى ئېچىپ تاشلىدى، جۇڭگولۇقلانىڭ ھوللىۋودقا يۈرۈش قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، غەربلىكلەرگە جۇڭگو گۇمپىسىنى تونۇتتى، شۇنداقلا ھەرىكەتلىك فىلىملەرنى شياڭگاڭ كىنوچىلىقىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇردى. دۇنيادىكى نۇرغۇن كىنو چولپانلىرى لى شياۋلوڭغا مۇنداق باھا بېرىدۇ: ئۇنىڭ كىنولىرىدا مۇھەببەت، نەپرەت ئېنىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك، كىنودىمۇ ۋىجدانى قايناپ تۇرىدۇ، ئۇ كىنولىرى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئۇ كىنو ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تونۇتتى. لى شياۋلوڭغا مۇنداق باھالار بېرىلگەن: «ھازىرقى زامان جۇڭگو چامباشچىلىق ۋە كىنو تارىخى جەھەتتىكى تالانت ئىگىسى»، «جۇڭگو چامباشچىلىقىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغۇچى». 

لى شياۋلوڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادە، ئۇلۇغۋار پىلانلار بىلەن «ئۆلۈم ئويۇنى» نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شياڭگاڭدا قازا قىلغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاران 33 ياشتا ئىدى. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى سىئاتىل كۆل مەنزىرىسى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئوغلى لى گوخاۋمۇ 28 يېشىدا قازا قىلىپ دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. لى شياۋلوڭنىڭ ئۆلۈمى ھازىرغا قەدەر بىر سىر. ھوللىۋود كىنو شىركىتى لى شياۋلوڭنىڭ ئۆلۈمىگە ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۈردە كىنو خاتىرە مۇكاپاتلىرىنى بەرگەن.

لى شياۋلوڭنىڭ ئايالى لىندا (Linda) ئېرلاندىيەلىك مۇھاجىرلار ئەۋلادى بولغان ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك قىز. لى شياۋلوڭنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئۇنىۋېرسىتېت ساۋاقدىشى، لىندا 1963-يىلى لى شياۋلوڭ بىلەن تونۇشقان بولۇپ، لى شياۋلوڭنىڭ ئ‍ەڭ دەسلەپكى قىز شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. ئىككەيلەننىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىمۇ ناھايىتى ئېگىز-پەسلىككە تولغان.

ئالى مەكتەپتىكى ۋاقىتتا لى شياۋلوڭ دەسلەپ ياپونىيەلىك ئەيمى ئىسىملىك بىر قىز بىلەن يۈرگەن بولۇپ، ئىككەيلەن ھەممەيلەننىڭ ھەۋىسى كېلىدىغان قاملاشقان بىر جۈپلەردىن ئىدى، كېيىن ئەيمى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن، ئاندىن لىندا لى شياۋلوڭنىڭ ھاياتىغا كىرگەن، ئىككەيلەن 1963-يىلى رەسمىي مۇھەببەتلەشكەن، 1964-يىلى نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويغان، 1965-يىلى ئوغلى لى گو خاۋ تۇغۇلغان، 1969-يىلى 4-ئايدا لى شياۋلوڭنىڭ ئامراق قىزى لى شياڭنىڭ تۇغۇلغان، 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى لى شياۋلوڭ ئايال چولپان دىڭ پېينىڭ ئۆيىدە جان ئۈزگەن، دوختۇرلارنىڭ ئ‍ۇنىڭ ئۆلۈمىگە «مېڭە سۇلۇق ئىششىقى» دەپ دىياگنوز قويغان.

قىزى لى شياڭنىڭ سەمرىپ كەتكەن، ئايالى لىندا بولسا قېرىپ چىرايى خېلى بەكلا ئۆزگەرگەن بولۇپ، كۆپچىلىك بۇ ئىككەيلەننى تونۇيالمىغىلى تاسلا قالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号