باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

60 ياشلىق بوۋاي توردا تونۇشقان ئايالنىڭ 27 مىڭ يۈەنىنى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-04 11:37 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 4-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر ياشلارلا ئەمەس، 60 ياشتىن ئاشقان بوۋاي-مومايلارمۇ لايىق ئىزدەش تور بېكىتىدە لايىق ئىزدىمەكتە. بىراق، ئۇلارنىڭ نىشان قىلىدىغىنى باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلى. يېقىندا، شياڭتەن شەھىرى يۆتاڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بىر ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىق دېلوسىغا قاراپ چىقىپ جاۋابكار لو xxنى مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

2016-يىلى 60 نەچچە ياشلىق لو xx بەيخې لايىق تونۇشتۇرۇش تور بېكىتىدە زېڭ xxبىلەن تونۇشتى ۋە ئىسمىنى «چېن شياۋجۈن» دەپ ئۆزگەرتىۋالدى، ساختا سالاھىيەت ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ زېڭ xx بىلەن ئارىلاشتى. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىككەيلەن كۆرۈشۈپ زېڭ xxنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن لو xx زېڭ xxنىڭ يىگىتى سالاھىيىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە قوندى ھەم بانكا كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى سوراپ بىلىۋالدى. ئارقىدىن، ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە ئۇچۇر توپلىغۇچتا زېڭ xxنىڭ نامىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قاتناش بانكىسى كارتىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىۋالدى. 2016-يىلى 7-ئايدا زېڭ xx ئىشقا كەتكەندە لو xx چاڭشا ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىدىن زېڭ xxنىڭ ھېساباتى ئارقىلىق ئالتۇن بىلەيزۈكتىن ئىككىنى سېتىۋالدى، 26 مىڭ يۈەننى چىقىرىۋالدى. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن لو xx زېڭ xxنىڭ 27 مىڭ يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号