باش بەت

ئىرپان

2789يوللانما
431مەستانە

مارسنىڭ ئېكۋاتورىغا يېقىن رايوندا زور مىقداردا ھىدروگېن مولېكۇلىسى بايقالدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-04 16:28 6 ئىنكاس چۈشتى

cnBeta تورى 4-ئۆكتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

15 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ «ئودىسسا» ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارسنىڭ بوشلۇقىدا مارسنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپىنى مەركەز قىلغان يۇقىرى كەڭلىك رايونىنىڭ يەر ئاستىدا زور مىقداردا ھىدروگېن مولېكۇلىسى مەۋجۇتلىقىنى ئۆلچەپ چىققان ئىدى. يېقىندا بىر خەلقئارالىق تەتقىقات ئەترىتى ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قايتىدىن تەھلىل قىلغاندىن كېيىن بايقىشىچە، مارسنىڭ ئېكۋاتورىغا يېقىن رايوندا زور مىقداردا ھىدروگېن مولېكۇلىسى مەۋجۇت ئىكەن.

ئامېرىكا جون خوپكىڭس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جېك ۋېلسون رەھبەرلىك قىلغان ئەترەت «ئودىسسا» تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2002-يىلدىن 2009-يىلغىچە توپلىغان نېيترون سپېكتېرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قايتىدىن تەھلىل قىلغان ھەمدە گرافىكلىق قايتا قۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق يۇقىرى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بوشلۇق پەرق ئېتىشچانلىقىنى 520 كىلومېتىردىن 290 كىلومېتىرغا كۆتۈرگەن. تەتقىقاتچىلار مارس ئېكۋاتورىغا يېقىن رايوندا زور مىقداردا ھىدروگېن مولېكۇلىسى مەۋجۇتلىقىنى تاسادىپىي بايقىغان، بۇ سۇنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر مارس ئېكۋاتورىدا مۇزغا ئېرىشەلىسە ھەمدە سۇ مەنبەسى قىلالىسا ياكى ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خام ئەشياسى قىلالىسا، كەلگۈسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مارس ھەققىدە ئىزدىنىشىگە كېرەكلىك ئەشيالارنى زور دەرىجىدە ئازايتىدىكەن.

ئەمما مارس ئېكۋاتورىنىڭ ئەتراپىدا نېمىشقا زور مىقداردا ھىدروگېن مولېكۇلىسى مەۋجۇتلىقى يەنىلا نامەلۇم، ۋېلسوننىڭ دېيىشىچە، بۇ ھادىسە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، مارس ھامان بىزگە زور خۇشاللىق ئاتا قىلىدىكەن.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا «خەلقئارا قۇياش سىستېمىسى تەتقىقات ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • پەرۋاز.5 ئاي ئىلگىرى

    مارستا.بەلكىم ھېچ بولمىغاندا مىكرو جانلىقلار بولۇشى مۇمكىن.

  • kaplan96415 ئاي ئىلگىرى

    كۈيچى،سىزمۇ ھىسىياتىڭىزغا تاينىپ دىدىڭىز بۇ گىپىڭىزنى،كائىناتتا نەچچە تىرلىيۇن يۇلتۇز سېستىمىسى بارلىقىنى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى ئىسپاتلاپ بولدى،بۇ مۇقەررەر،ئەمما بىز پەقەت خەۋەردىنلا كۈرۈپ ئۈزىمىزنىڭ ھىسىياتىغا ئاساسەن بۇنداق دىسەك بولمايدۇ،69-يىلى ئامرىكا ئايدا توكلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ يۈرگەندە بىزنىڭ بۇيەردىكىلەر ماشىنىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئالدىغا بېدە تاشلاپ يۈرگەن ……مانا بۇ يۈزلىنىش …باشقا كائىناتتىكى بايقىغان مەخپىيەتلىكنى ھەرقانداق ھۈكۈمەت ئاشكارلىمايدۇ،مەسىلەن ئامرىكا 50يىلدىن بۇيان نىمىشقا مارسنى تەكشۈرىدۇ؟نىمىشقا تەپسىلى جەريانىنى خەلىققە ئاشكارلىمايدۇ؟چۈنكى ئۇلار مارستىن ئاللىقاچان باشقىلارغا دىگىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىكلەرگە ئىرىشىپ بولدى،پەقەت شۇنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كۇيىدا، …باشقىسىنى بەك ئويلىنىپ بېقىڭ،…سىنوۋدىن نىمىشقا ئامرىكىدىن قاچتى؟نىمىلەرنى ئاشكارلىدى دىگەندەك…

  • سىرلق تەپەككۇر ،يۈسۈپ6 ئاي ئىلگىرى

    ئۇتۇنچى سىز فانتازىيەلىك كىنونى كۆپ كۈرۈپ كىتىپسىز ،قانداقسىگە ،ئىنسانلا مارىستىن كەلگەن بۇلدۇ؟ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپ قىلىڭ ،مۇشۇ تەرەقىياتتىمو ،ئىنسانلا مارىسقا چىقالمايۋاتسا،،،ئىنكاس يازدىغانلا ئاساسى با پىكىر بولسا قىلىڭلا ،نەدكى تاينى يوق ،گەپلەنى قىلماي ،،مەن تاشقى ئالەم بوشلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەگە دەششەت قىزقىمە ،شۇڭا مۇشتاق گەپلەنى قىلسا نېرۋام ئۆلەيدۇ ،

  • ئوتۇنچى6 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ قەتئى يوق دىگەنلەرنىڭ ئاغىزىغا بىرنى…… تارىخ بىزگە مومكىىن بولمايدىغان ئىشلارنىڭمۇ مومكىن بولىدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلاپ بىرىۋاتىدۇ … ھەرقانداق ئىشقا ئىلىم پەن نوقتىسىدىن قاراش كېرەك ، ھەرقانداق ئىشقا گۇمانتارلىق بىلەن قاراش كېرەك ، شۇڭا جەزىملەشتۈرىۋېتىشكە بولمايدۇ ، نىمىشقىكىن مارىسنى ئىنسانلارنىڭ قەدىمى ماكانىمىكىن دەپ ئويلايمەن… بەلكىم ئىنسانلار مارىسقا قايتالىشى مومكىن …

  • ئاخىرلاشتۇرغۇچى6 ئاي ئىلگىرى

    مايەدە بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆردىغان ئىنكاسچىلا قالايمىقان جۈيلىمەڭلا، مەن مۇشنداق ئاستىرونومىيە خەۋەرلىرىگە بەك قىزىقىمەن مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى كۆپرەك يوللىغان بوساڭلا

  • كۈيچى6 ئاي ئىلگىرى

    مۇمكىن ئەمەس، مارىستا ھاياتلىق قەتتى يوق، بىزنىڭ قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ ئىچىدە پەقەت يەر شارىدىلا ھاياتلىق مەۋجۇت،، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسى يالغان خەۋەر،، باشقا بىر سامانيولى سېستىمىسىنى ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا ئاندىن بىرە ھاياتلىقنىڭ يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن،، لىكىن بۇ بەك تەس ھازىرقى تېخنىكا ئارقىلىق بايقاش،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号