باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

تاغىسىنىڭ 2.5 مىليون يۈەن پۇلىنى ئوغرىلىغان ئەر قولغا چۈشتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-06 18:30 1 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 6-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇخەي ساقچىلىرى 6 سائەتكە يېقىن ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، 10-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لار ئەتراپىدا بىر ئالاھىدە چوڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، ئوغرىلانغان 2 مىليون 518 مىڭ يۈەننى قولغا چۈشۈردى.

10-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 3:48لەردە جۇخەي شەھىرى دوۋمېن رايونى شىنچىڭ سانائەت رايونىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئالاھىدە چوڭ ئوغرىلىق دېلوسى يۈز بەردى. دېلو مەلۇم قىلغۇچى ياڭ ئەپەندى بۇ جايغا توختىتىلغان ماساراتى ماركىلىق ماشىنىسىنىڭ دېرىزىسى چېقىلىپ، ئارقا ساندۇقتىكى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلى ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. دېلوغا چېتىلىدىغان سومما كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا جۇخەي ساقچىلىرى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ناھايىتى ئەستايىدىل قارىدى.

ساقچىلار نەق مەيداندىكى ئامانلىق كۆزەتكۈسىنى تەكشۈرۈپ بۇ دېلونى ئىككى ئەر سادىر قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ ئىشقا ياڭ ئەپەندىنىڭ 23 ياشلىق جيەنى ياڭ xx كۆرسەتمە بەرگەنلىكى، ئىككى ئەرنىڭ ئوغرىلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئېنىقلاندى.

ساقچىلار 3 جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئۇلارنى تۇتۇشقا ئاتلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە تېلېفوندا جىنايەت گۇماندارى ياڭ xx ۋە ياڭ xxنىڭ دادىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. ساقچىلارنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا جىنايەت گۇماندارى ياڭ xx، ياۋ xx، تيەن xx قاتارلىقلار 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 10لاردا ئوغرىلانغان پۇللارنى ئېلىپ شىنچىڭ ساقچىخانىسىغا كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.

نۆۋەتتە، بۇ دېلو داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بارچۇق6 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنچىۋالا كۆپ نەق پۇلنى ئېلىۋېلىپنېمىمۇ قىلاتتىئىدى ، بانكىنىڭ كىم بەرمىگەندۇ ئۇ ئادەمگە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号