باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئالمىنىڭ سامسۇڭ توغرىسىدىكى ئەرزىگە قايتا قاراپ چىقىشنى رەت قىلىش تەكلىپى بەردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-07 11:24 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 5-ئۆكتەبر ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە 2014-يىلدىكى بىر قېتىملىق ھۆكۈمگە قايتا قاراپ چىقماسلىق تەكلىپى بەرگەن، ئەينى چاغدىكى ئەرزدە سامسۇڭ ئالمىنىڭ پاتېنتىغا دەخلى قىلدى دەپ قاراپ، سامسۇڭنى ئالمىغا 120 مىليون دوللار تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى. 

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتىگە مۇنداق يېزىلغان: «ئامېرىكىنى چىقىش قىلغاندا، قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېتىش كېرەك.» سامسۇڭ شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە شۇ قېتىملىق ئەرزگە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنغان، لېكىن، ئامېرىكا ئالىي سوتى 5-ئايدا رەت قىلىش ھۆججىتى تاپشۇرغان ھەمدە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 

بۇ قېتىملىق دېلو چېتىلىدىغان مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ئالىي سوتى بۇلتۇر 12-ئايدا چىقارغان ھۆكۈم بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئامېرىكا ئالىي سوتى 2012-يىلدىكى بىر قېتىملىق دەۋانى ھەل قىلغان، سوتنىڭ ھۆكۈمىگە بىنائەن سامسۇڭ شىركىتى كېيىنكى بىر قېتىملىق ئەرزىگە ئالمىنىڭ لايىھە ئۇقۇمىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر شىركەتكە 1 مىليارد دوللارغا يېقىن تۆلەم تۆلىگەن. تۆلەم سوممىسى كېيىن 548 مىليون دوللارغا چۈشۈرۈلگەن. 

سامسۇڭ شۇ قېتىملىق تۆلەمدىكى 399 مىليون دوللارغا قارىتا ئامېرىكا ئالىي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئۇتۇقلۇق ئىسپاتلاپ چىققان، يەنى سامسۇڭ شىركىتى نوقۇللا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇناسىپ ئۈسكۈنىلەردىن ئېرىشكەن پايدىسىنى ئالما شىركىتىگە تۆلەپ بەرمەسلىكى كېرەك، بۇ خۇددى باشقا شىركەتلەرنىڭ پەتنۇس لايىھەسىگە دەخلى-تەرۇز قىلسىمۇ، لېكىن، ئاپتوموبىلنىڭ بارلىق پايدىسىنى ھوقۇقى دەخلى تەرۇز قىلىنغۇچىغا تۆلەپ بېرىشىگە ئوخشايدۇ. ئامېرىكا ئالىي سوتى بۇ مەسىلىنى كېيىن سان خوسى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرۇۋەتكەن. 

2014-يىلى 5-ئايدىكى ھۆكۈمدە: «مەزكۇر شىركەت ئالما شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۆلچەش ۋە سىيرىپ قۇلۇپ ئېچىش پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان» دېيىلگەن. بىراق، ئالما شىركىتىگىمۇ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ رەقەملىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋە ئاۋازغا مۇناسىۋەتلىك پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. 

سامسۇڭنىڭ دەسلەپكى ئەرزىدە ئۇتۇپ چىقىپ، جەرىمانىنى بىكار قىلغان. بىراق كېيىنكى قايتا قاراپ چىقىشتا ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان، ئىككىنچى قېتىملىق نارازىلىق ئەرزىمۇ قايتۇرۇلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号