باش بەت

ئادىلجان

9007يوللانما
129مەستانە

تارىختىكى ئەڭ توغرا ئاتوم سائىتى: ئېنىقلىق دەرىجىسى 20 ھەسسە يۇقىرى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-08 12:41 1 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر خىل ئەڭ يېڭى ئاتوم سائىتى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئادەتتىكى ئادەم سائىتى مۇستەقىل ئاتومنىڭ ياردىمىدە بىر سېكونتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ چىقىدۇ، ئەڭ يېڭى كۋانتلىق گاز پىرىسلىغۇچى ئاتومدا ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بولسا ۋاقىتنى بۇرۇنقىدىنمۇ توغرا ھېسابلاپ چىققىلى بولىدىكەن. 1967-يىلىدىن باشلاپ بىر سېكونت بىر سېزىي ئېلېكترونى توققۇز مىليارد 192 مىليون 631 مىڭ 770 قېتىم تەۋرەنگەندە سەرپ قىلغان ۋاقىت دەپ بېكىتىلگەن. 

ئۆلچەملىك ئاتوم سائىتى نەچچە مىڭ قېتىم تەۋرىنىدىغان سېزىي ئاتومىغا تايىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىقى تۈرلۈك مۇستەقىل ئۆلچەش ئۇسۇلىدا ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەڭ يېڭى ئاتوم سائىتى ئاتومنى تېخىمۇ زىچ قىلىدۇ. يېڭى ئاتوم سائىتىدە سېزىي ئاتومى پىرىسلىنىپ بىر مىكرو ئۈچ ئۆلچەملىك كۇب شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، زىچلىقى ئەسلىدىكى ئاتوم سائىتىنىڭ مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر. ئەڭ يېڭى ئاتوم سائىتىگە ئىشلىتىلگىنى كۋانت گازى بولۇپ، بۇ خىل گازدىكى ئاتوم سانى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، دېمەك ئاتومنىڭ تەۋرىنىشى تېخىمۇ ساپ ۋە تۇراقلىق ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتنى تېخىمۇ توغرا ئۆلچەپ چىقىشتىكى مۇھىم ھالقا. 

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۆلچەملىك تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى Jun Ye مۇنداق دېدى:«ئۈچ ئۆلچەملىك كۋانت گازى سائىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق ئاتوم سانىنى نىسبەت بويىچە كۆپەيتىشكە بولىدۇ، بۇ ھەم ئۆلچەشنىڭ تۇراقلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ئاتوم سانى ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاتوم سائىتىنى بۇرۇنقى نۇسخىسىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان قىلىدۇ.»

تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى كۋانت گازى سائىتىنىڭ ئىككى سائەت ئىچىدىكى توغرىلىق دەرىجىسى 1019 دىن 3.5گە يېتىدىكەن، بۇ رەقەم ئۇنى بۇ ئۆلچەمگە يەتكەن تۇنجى ئاتوم سائىتىگە ئايلاندۇرىدىكەن، توغرىلىق دەرىجىسى ئەسلىدىكى ئاتوم سائىتىنىڭ 20 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. Ye «بۇ رەقەملىك بۇ رەقەم بىزنىڭ زور بۆسۈشكە ئېرىشكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ» دېدى. 

گەرچە ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ تەتقىقات ئادەمنى بەكلا جەلب قىلسىمۇ، ئەمما سىز بەلكىم ئۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتىنى پەرەز قىلالىشىڭىز مۇمكىن: بىز نېمە ئۈچۈن بىر سېكونتنى تېخىمۇ توغرا ئۆلچەپ چىقىشنى ئويلايمىز؟ ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن پەن-تەتقىقات تەسەۋۋۇرى بىزنىڭ ۋاقىتنى توغرا ھېسابلىشىمىزغا باغلىق. فىلورېنسا ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرى ئېنىقلىقتا مىقدار ئۆلچەش ئەترىتىدىكى نىكولا پولى (Nicola Poli)مۇنداق دېدى:«سىز ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىدىن ۋاقىتنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر تۆت ئۆلچەملىك دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، ۋاقىتنىڭ شۇ دۇنيانىڭ كوئوردىناتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.»

ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشى ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر خىل تەسىر. ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تارتىش كۈچى كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە بولغان سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇنى يەرشارىدا ھېس قىلىپ يېتەلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى بۇ خىل تەسىر ئىنتايىن كىچىك، ئەمما ئۇ يەنىلا مەۋجۇد. پولى مۇنداق دېدى:«ھازىرقى ئاتوم سائىتى ئىنتايىن توغرا، سىز ئۇنى ئىشلىتىپ بىز يەرشارىدا ئۇچرىغان ئىنتايىن كىچىك تارتىش كۈچى تەسىرىنى ئۆلچەپ چىقالايسىز. بۇ بىزنىڭ يەرشارىنىڭ ئۆزىنى تەتقىق قىلىشىمىزنى يېڭى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.»

پولىنىڭ قارىشىچە تېخىمۇ توغرا بولغان سائەتنى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ سىرنىڭ بىرىنى يېشىشكە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، بۇ سىر «نېمە ئۈچۈن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىغا كۋانت مېخانىكىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن مەسىلە. پولى مۇنداق دېدى:«مېنىڭچە كەلگۈسىدە تېخىمۇ توغرا سائەت ئارقىلىق تارتىش كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، دېمەكچى بولغىنىم كەلگۈسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى توغرا ئاتوم سائىتى ئارقىلىق كۋانت مېخانىسى بىلەن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر ئۈستىدە ئىزدەنگىلى بولىدۇ. بۇ فىزىكا ئىلمىدە ئەڭ ئاز ئىزدىنىلگەن ساھەلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساھەدىكى ھەرقانداق بايقاش بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇپ قالىدۇ.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن7 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بەزىلەر ئوچۈن بىر بۈسۈش بىز ئۈچۈن بىر تاينى يوق ئوقەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号