باش بەت

ئابدۇرەھىم

616يوللانما
75مەستانە

ئېلون ماسك: مەن پەقەت سىزنى مارسقا ئېلىپ چىقىمەن، ئۇ يەردە قانداق ياشاش سىزنىڭ ئىشىڭىز

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-11 15:00 12 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 11-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

چەتئەل تېخنىكا تاراتقۇسى Futurismنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ئايدا ئېلون ماسك ئون يىل ئىچىدە ئادەملەرنى مارسقا ئېلىپ چىقىش پىلانىنى تەپسىلى تونۇشتۇرغان ئىدى. ۋاھالەنكى، ماسك بۇ «تەپسىلىي» پىلانىدا پەقەت ئادەملەرنى مارسقا قانداق ئېلىپ چىقىش ھەققىدىلا توختالغان، مارسقا چىققاندىن كېيىن قانداق ھايات كەچۈرۈشتىن ئىبارەت تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە توغرىسىدا ئۇ ئاساسەن ھېچنېمە دېمىگەن.

ماسكنىڭ پىلانىدا دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ ئالەم كېمىسى بىر قېتىمدا 100 ئادەمنى مارسقا ئېلىپ چىقالايدىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق ۋاقىت جەدۋىلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن: 2022-يىلى مارسقا يۈك توشۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، 2024-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئادەملەرنى مارسقا ئېلىپ چىقىش.

ئۇزۇندىن بۇيان مارستىن ئىبارەت بۇ پىلانېت ئېلون ماسكنىڭ SpaceX شىركىتىنىڭ باش نىشانى بولۇپ كەلدى. دېگىنىنى قىلىپ كەلگەن ماسكنىڭ نۆۋەتتىكى ئىلگىرىلەش سۈرئىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇنىڭ بۇ «لاپ»لىرىغا بۇرۇنقىدىن ئەستايىدىلراق مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا. ھازىر كىشىلەر ئۇنىڭ مارسقا بارالايدىغان ئالەم كېمىسى ياسىيالىشىغا ئاساسەن ئىشىنىدۇ، ئەمما، ئادەم مارسقا چىققاندىن كېيىن قانداق ھايات كەچۈرىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە ئۇ ھازىرچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىدى. دېمەك، ھازىر ئېلون ماسك بىزگە مۇنداق دېمەكچىدەك قىلىدۇ: مەن پەقەت سىلەرنى مارسقا ئېلىپ چىقىمەن دېدىم، ئۇ يەردە قانداق ياشاش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • kulka5201 ھەپتە ئىلگىرى

    لەغمەن ،سومەن ئىتىدىغان سەي كۆكتات، ئۇن ،ياغ ،گۇرۇچ، ئۇتۇن، مەش ،كۇمۇر، گۆش، ،،بۇنىڭ ئۇچۇن مارىسقا بىر ئۇچچاقلىق توكسىكىلىت كىرەك بۇلدۇ، نىمە دىگەن ئاۋارچىلىق، ئاپىرىپلا تاشلاپ قۇيامدۇ نىمە بۇ كۇسپۇرۇش، بولدىلا، ھىچقايسىمىز چىقمايلى، ھازىر بىر ئوبدان ياشاۋاتىمىزغۇ،،ھا،ھا،ھا

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق ئادەملەر ياكى بەزى ئالىملار ئۇخلاپ يېتىپ بىر چۈش كۆرسە ،ئويغۇنۇپ مەن شۇ چۈشۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇمەن دەپ قىينىلىدىغانلا خالاس ، چۈشنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشى بەك تەس ،بەك مۈشكۈل ،

  • نامىڭىزنى كىرگۈزۈڭ3 ئاي ئىلگىرى

    مارسقا چىقىش ئۈچۈن بىچارە يەرشارىنى قانچە نابۇت قىلار بۇ ئىنسانلار، نەچچە يۈز توننا يېقىلغۇ، نېفىت، ئېنىرگىيە، ئالتۇن، كۆمۈش، تۆمۈر، مىس، سۇلياۋ ماتېرىياللار... چىدا، يەر شارى! بىچارە يەر شارى! بىز ساڭا بەكلا زۇلۇم قىلۋاتىمىز، ھامان بىر كۈنى غەزىپىڭ تاشىدىغۇ سېنىڭ... سەۋرنىڭمۇ چېكى بار...

  • مەيلىمۇ3 ئاي ئىلگىرى

    قارىغاندا بۇ ئادەم مارىسقا چىقىشنى، جۇڭگودىن ئامىركىغا بارغانچىلىك بىر ئاددى ئىش دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ،،

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    بەلكىم 2024-يىلغىچە مارسقا بارىدىغان ئالەم كىمىسنى ياساپ بۇلالماسلىقى مۇمكىن ،ياساپ بولغان تەقدىردىمۇ مارىسقا بارالماسلىقى مۇمكىن ،شۇڭا بۇنى قۇرۇق پۇ دەپ ئۇقۇپ قۇيساڭلالا بۇلدى

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    پەقەت ئادەمگەرچىلىكنى ئوقمايدىغان ،پۇل بولسىلا بۇلىدىغان ،ناچار ئادەمكەن بۇ

  • مەن سەن3 ئاي ئىلگىرى

    ئنسانلار ھازىر تاشقى ئالەمگە يۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ بو يېقىن كەلگۇسىدىكى رىياللىق ، ، ،، مۇشۇنداق يېڭىلىقلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغان نۇر تورىدىكى بارلىق تەھرىر تەرجىمانلارغا ئاپىرىن

  • مەن سەن3 ئاي ئىلگىرى

    دىككىدە بېرىپ كىلەي دىسەم پەقەت ۋاقتىميۇق ،ھەي ي ي،،

  • abdulla3 ئاي ئىلگىرى

    قەشقەر نىمگە جىددىيلىشىپ كەتتىڭلا تىخى ھىچكىم چىققىنى يۇق چىققاندا بىر ئا
    ال چىقىدۇ قۇللاۇمەن تىزراق چىقسا بۇتتى

  • غۇلام نەبى3 ئاي ئىلگىرى

    2024 -يىلدىكى خەۋەرنى ساقلايمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号