باش بەت

tayks

606يوللانما
6مەستانە

ھوللىۋودتىكى ئەڭ پەزىلەتسىز سانالغان چولپانلار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 10:00 11 ئىنكاس چۈشتى

كۆپچىلىكنىڭ ھوللىۋود فىلىملىرىگە بولغان تونۇشى خېلى يۇقىرى، ھوللىۋود فىلىملىرى ھەر يىلى كىنوخانىلاردا قويۇلۇپ يېڭى-يېڭى بېلەت كىرىمى مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ تۇرىدۇ، بىراق ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتى توغرىسىدا ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغۇ دەيمەن. بەزىلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتى گۈزەل بولسا بەزىلىرىنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان دەرىجىدە يۇقىرى. بىراق ئەخلاقىي-پەزىلىتى ياخشى بولمىسا رول ئېلىش ماھارىتى يۇقىرى بولغان بىلەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ قارغىشىغا قېلىۋىرىدۇ.

كەنىي ۋەست (Kanye West)

كەنىي ۋەستنىڭ خىپ-خوپ ناخشا ساھەسىدىكى ئۇتۇقىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، بىراق ئەخلاقى تازا ياخشى ئەمەس، ئۇ ئىلگىرى گىرەممىي مۇكاپاتىدا ۋاستە قوللىنىپ تايلور سىۋىفىتنىڭ مۇكاپاتىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، تايلورنىڭ مەستانىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تىرامپنى قوللىغان، بىراق ئاخىرىدا ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىماي تاشقى ساھەدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

 

مىل جىبسون (Mel Gibson).

كىشىلەر مەست بولغاندا راست گېپىنى ئېيتىدۇ دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھېكايىلىرى بى فۇجيەننىڭكىدىنمۇ كۆپ. مىل جىبسون بىر قېتىم مەست بولۇپ قالغاندا يۇقىرى ئاۋازدا ساقچىغا «ئۆلگۈر يەھۇدىيلار، ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق ئۇرۇشلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، سەن يەھۇدىيما» دېگەن. يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغان بۇ سۆزلەر ئۇنى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باش خەۋىرىگە چىقارغان، ئۇ ھەر قانچە كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، چولپانلىق مەنزىلى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. پەقەت بۇلا ئەمەس، ئۇ يەنە ئىككىنچى ئايالىنى سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان.

 

ئەيلىك بالدىۋىن (Alec Baldwin)

ئۇنىڭ مىجەزى چۇسلۇقتا داڭقى چىققان، ئۇ ئىلگىرى ئىز قوغلاپ سۈرەتكە تارتقان مۇخبىرغا ھۇجۇم قىلغان، سۈرەتكە تارتىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە قوپال گەپلەرنى قىلغان، تېخى بۇلا ئەمەس، كىشىنىڭ ئىدىيىسىدىن تېخىمۇ ئۆتمەيدىغىنى ئۇ ئۆز قىزىنى «قوپال ۋە كاللىسى ئىشلىمەيدىغان چوشقا» دەپ تىللىغان.

 

روسىل كىروۋ (Russel Crowe)

ئۇ بۇ يىلقى «يېڭى مومىيا»دا رول ئالدى، «گېلادىئاتور»نى كۆرگەنلەرمۇ ئۇنى تونۇيدۇ، گەرچە ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ھەممە ئېتىراپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئوسكار شاھى روسىل ھوللىۋودتىكى نامى چىققان غەلىتە ئادەم. كىنو سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا دائىم خىزمەتچى خادىملارغا ئاچچىقلىنىدۇ، ئىلگىرى يەنە بىرلىكتە كىنو ئىشلىگەن ئايال چولپانغا سەت گەپلەرنى قىلغان. ھەممە ئىشتىن پۇتاق چىقىرىشقا ئۇستا روسىل يەنە فىلىم سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا دائىم سەھنە سۆزىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دائىم سۈرەتكە ئېلىشنى كەينىگە سۆرەيدۇ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئارتىس.

 

جون مايىر (John Mayer)

ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى مۇھەببىتى بىلەن بولغان ئىشلارنى دېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەننىفور ئانىستون، جېشكا، كەتى قاتارلىق ئايال چولپانلارمۇ بار. ئۇنىڭ يەنە ئاياللارنى كەمسىتىدىغان سۆزلىرى كىشىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ.

 

جاستىن بىيبېر (Justin Bieber)

ياش تۇرۇپلا «Baby» ناملىق ناخشىسى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا داڭق چىقارغان، بىراق ئۇنىڭ قاملاشمىغان ئىشلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، مەسىلەن مەست بولۇپ قېلىپ يولدىن ئۆتكەن كىشىنىڭ يانفونىنى چېقىۋېتىش، باشقىلارغا تاماكا يېقىش، قەدىمىي يادىكارلىقلارغا خەت يېزىپ قويۇش، مەستانىلىرىنى تىللاش دېگەندەك. ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. گەرچە ئۇ كۆپ قېتىم خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ياخشى ئادەم بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە چېكىدىن ئاشقان قىلىقلارنى قىلىشقا باشلايدۇ.

 

ئادام لىۋاين (Adam Levine)

مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىنى تونۇيدۇ. ئامېرىكا مودا مۇزىكا ساھەسىدە 20 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ كىشى ئىلگىرى تورداشلار تەرىپىدىن «ئەڭ كېلىشكەن ئەرلەرنىڭ بىرى» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ مۇھەببەت تارىخىمۇ ئوخشاشلا مول، ھازىرقى ئايالى، ۋىكتورىيەنىڭ مەخپىيىتىنىڭ داڭلىق مودېلى بىھاتى پىرىنسىلو بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇنلا نۇرغۇن داڭلىق مودېللار بىلەن ئارىلاشقان. بىراق كېيىن كىشىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ مول مۇھەببەت تارىخلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.

 

جامىس فىرانكو (James Franco)

ھوللىۋودتىكى تالانتلىق ئارتىس جامىس فىرانكو ناھايىتى كېلىشكەن، رېژىسسورلۇق قىلىپلا قالماستىن يەنە سىنارىيە يازالايدۇ، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىمۇ چوڭقۇر بىلىمى بار، ئىلگىرى يەنە نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ باققان، ھوللىۋودتىكى ئاز ساندىكى تالانتلىقلارنىڭ بىرى.

بىراق ئۇنىڭ سەلبىي ئىش-ئىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس، مەسىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا پىروفېسسوردىن نارازى بولغاچقا ئۇنىڭغا D نومۇر قويغان، يەنە ۋاستە ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنى مەكتەپتىن ھەيدەتكۈزىۋەتكەن. 17 ياشلىق قىزغا قىلىقسىز سۈرەتلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكەن.

 

جون ھېل (Jonah Hill)

كومېدىيەلىك فىلىم «مۇزېيدىكى سىرلىق كېچە» سىلەرگە يات ئەمەسقۇ دەيمەن، داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى جون ھېل ئاساسلىق كومېدىيەلىك فىلىملاردا رول ئالىدۇ، ئۇ تەبىئىي يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى بىلەن ھوللىۋودتا داڭق چىقارغان. كېيىن «ۋال ئىسترېت كوچىسىدىكى بۆرە» قاتارلىق فىلىملەر بىلەن ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر يانداش پېرسوناژ بولۇپ تاللانغان. بىراق ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇخبىرغا قوپاللىق قىلىپ، قارشى تەرەپنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالدا قويغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئامان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزدە قاچان مېل گېبسوننىڭ خاتا گەپ قىلغىننى ھېس قىلالايدىغان ئادىميلىك پەيدا بولسا ئاندىن ئاندا ماندا ئۇنداق بۇنداق بولىدۇ

  • ،........1 ھەپتە ئىلگىرى

    مېل جېبسونغا يېتىدىغان ئارتىس ھەم رىجېسسور يوق ھوللىۋودتتا . ناچار كېنوسى يوق بۇنىڭ .

  • 你最珍贵1 ھەپتە ئىلگىرى

    جاستىننڭ نەرى پەزىلەتسىز كەن

  • 错的是这个世界1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاۋۇ ئادام دىگىنى maroon5نىڭ ئەزاسىكە خىلى ياخشى ناخشا ئىيتىدۇ ئۇ گۇي لىكىن

  • گىراف1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىل گىبسون خاتا گەپمۇ قىماپتىغۇ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىمۇ يەھۇدىيلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكقۇ راۋرۇس ئۇغۇل بالىكە شۇ جۇمۇ

  • شاھنازـexo1 ھەپتە ئىلگىرى

    جاستىننىڭ ئازراقلا داڭقى چىقتىما ھا ھا ھا نۇردا مۇشۇنداى قىززىق گەپ قىلىدىغانلا ئاز ئەمەس جۇمۇ

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بۇلانىڭ ئارىسىدا جامىس فىرانكىلۇ غا خېلى قايىل ، ئۆمۈچۈك پالۋان ،1،2 3,تە ،يەنە ،شىمپەنزىلەر غەليانى ،دىگەن كىنولادا رول ئالغان

  • تەنھا بۆرە1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن جاستىن بېيبېرغا بەك ئامراق ، ناخشىلىرى بەك پەيزى

  • amin1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىل توغرا گەپ قىلغانكەن

  • ئىنۋەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھاھا ھاھا بۇچولپانلا بەك ئۇماقكەنغۇ يۇمۇر لا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号