باش بەت

گۈل بەرگى

187يوللانما
7مەستانە

يېقىندا نام-ئابرويى تۆكۈلۈپ كەتكەن چولپانلار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 18:22 16 ئىنكاس چۈشتى

جىن دوڭ ئىزچىل تاماشا ساھەسىدىكى پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئوبرازى بويىچە ئېكراندا پەيدا بولاتتى، ئۇنىڭ رول ئالغان ئوبرازلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۇرۇس روللار بولغاچقا، ئۇنىڭ تاماشىبىنلار قەلبىدە «ياخشى ئەر» دېگەن ئوبرازى يارىتىلغان. كۆز تەگكەندەك، يېقىندا ئۇ بىر پىروگراممىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «مەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، نوبېل ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماقالىلەرنى ئىزدەپ ئوقۇيمەن» دېگەن، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرىدۇ، نوبېل مۇكاپاتىدا ماتېماتىكا مۇكاپاتىنىڭ يوقلۇقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ پېشقەدەم كادىر چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟

ئۇ مىكرو بىلوگىدا «ئەر دېسە ئەر ئەمەس ئايال دېسە ئايال ئەمەس كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرمايمەن» دەپ يوللىغان، تورداشلار ئۇنىڭ جىنس ئۆزگەرتكەن داڭلىق ئۇسسۇلچى جىن شىڭ مۇئەللىمنى دەۋاتقىنىنى پەرەز قىلىپ جىن شىڭگە ھاقارەت قىلدى دەپ ئۈمىدسىزلەنگەن. بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى «ياخشى ئەر» ئوبرازى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. ئۇ مىكرو بىلوگىدا ئەقلىيە سۆزى نەقىل كەلتۈرۈشكە ئامراق بولۇپ، داۋاملىق خەتنى خاتا يېزىش، مۇرەككەپ يېزىق ئەۋەتىش دېگەندەك ئۇششاق يەرلەردىن ئۆزىنى چاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەت پېشقەدەم كادىرى» دېگەن ئوبرازىنى بىراقلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى.

 

لىن شىنرۇ ئىزچىل كىشىلەر قەلبىدە بىر قەدەر ساپ نازىنىن ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى. مەيلى ئۆزى بىر تەرەپتىن رول ئېلىپ بىر تەرەپتىن رېژىسسورلۇق قىلىپ ياراتقان ساھىبجامال ئوبرازى ياكى «مەلىكە خۇەنجۇ»دىكى ئوبرازى بولسۇن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.‌

يېقىندا لىن شىنرۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا جوۋ جېينىڭ ئۆزىگە قىلىقسىزلىق قىلغانلىقى يەنە تارتىلىپ چىقىلدى، جوۋ جيېمۇ ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل قارىلانغانلىقىدىن دادلىدى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ لىن شىنرۇ ئەر-ئاياللارنىڭ چولپانلار ساخاۋەت كېچىلىكىدە ئۇدا 2 يىل پۇل ئىئانە قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلىرى بىلەن لىن شىنرۇنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتتى.

بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئوبرازى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى، لىن شىنرۇ ھەتتا مىكرو بىلوگىنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ تاقىۋەتتى. ئېھتىمال بىر مەھەل لىن شىنرۇنىڭ چولپان ئوبرازىنى قايتا يارىتىشى ناھايىتى تەسكە توختىشى مۇمكىن.

يېقىنقى 2 يىلدا تاماشا ساھەسىدە كىم ئوتتەك نام قازاندى دەپ سورالسا، ئۇ كىشى شۈبھىسىزكى دەل ناخشىچى، ئارتىس شۆ جىچيەندۇر.

شۆ جىچيەن ئۆزىنىڭ ناخشا كېچىلىكىدە بۇرۇنقى ئايالىنى تىلغا ئېلىپ، «ياخشى ئەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ مىكرو بىلوگىدا بۇرۇنقى ئايالى بىلەن يارىشىپ قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىغان ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان قىز مەستانىلەرنىڭ يۈرىكىنى بويسۇندۇرغانىدى.

ئەپسۇسكى، ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. شۆ جىچيەننىڭ ئالدىنقى قىز دوستى ئۇنىڭ «داشقال  ئەر» ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. شۆ جىچيەننىڭ ئۇ قىزنىڭ ھېسسىياتىنى ئالداپ قالماستىن بەلكى پۇلىنىمۇ ئالدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ھامىلىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئادالەت تەلەپ قىلدى. شۆ جىچيەننىڭ «ياخشى ئەر» ئوبرازى بىردىنلا كۆمتۈرۈلۈپ مەستانىلەرنى تەمتىرىتىپ قويدى.

مەيلى بۇ ئىشلار راست ياكى يالغان بولسۇن، ئەمدىلا قەد كۆتۈرگىلى 2 يىل بولغان شۆ جىچيەننىڭ ئىستىقبالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك تاماشا ساھەسىدە ساختىلىق بىلەن ئەمەس ھەر بىر قەدەمنى ياخشى دۇرۇس ماڭغاندىلا ئاندىن ئاخىرغىچە پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سالام70901 ھەپتە ئىلگىرى

    كۆزنەك كىنو فىلىم دىتالىدىكى «مەخپىيەتلىك» دىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى شۇكەندۇق، كۆرۈپ بوپتىمەن، دەپ بەرگىنىڭلا رەھمەت نۇرداشلار...

  • ئايپەرى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ جىن دوڭنى بەك ياقتۇرىمەن 伪装者دىكى ئوبرازنى شۇنداق قالتىس ياراتقان ئۇ كىنونى قايتا قايتا كۆرسەممۇ پەقەت زىرىكمەيمەن، ئۇنىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن، بىر قېتىملىق سۆز خاتالىقى بىلەن يۈزىنى چۈشۈرۋالدى دىگىلى بولمايدۇ چولپانمۇ ئادەم ئۇلارنىڭمۇ خاتالىشىدىغان چاغلىرى بولدۇ ئەلۋەتتە. قايسىمىز بىرەر قېتىممۇ خاتا گەپ قىلىپ قۇيۇپ باقمىدىم دىيەلەيمىز، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەن جىن دوڭنى شۇنداق ياقتۇرىمەن.

  • ئايپەرى1 ھەپتە ئىلگىرى

    سالام تورداش جىن دوڭنىڭ ئۇ كىنوسىنىڭ خەنزۇچىسى 伪装者 يۇكۇدىن تۇلۇق قىسىمىنى كۆرەلەيسىز

  • ئۇماق نۇرىيە1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئەڭ ياقتۇردىغان ئەر چولپان مۇشۇ جىن دوڭ

  • ئايتېكىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىقابلانغۇچى 伪装者
    wei zhuang zhe دەپ كىرگۈزۈڭ

  • بابۇرجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەتلەس كىيۋاپتىيا ئايەردە بىرسى

  • SRKAJOL1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشىمۇ سىلەر تەھرىرلەر خاپا بولماي جىيانەيلىياڭ نىڭ تەرجىمانىنى يوللاپ بەرسەڭلار رەھمەت

  • ئلتەبىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ چۇلپانلارنڭ ئشمۇ تەسكەن

  • سالام70901 ھەپتە ئىلگىرى

    جىندۇڭنىڭ نىقاپلانغۇچى دىگەن كىنوسىنى قانداق تاپىمىز، قايسى كىنو بولغىدى، خەنزەچە ئىسمىنى بوسىمۇ يوللاپ بەرگەن بولساڭلا، رەھمەت .

  • لەيلى.1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇچقۇر مۇكا تۇرداش رەھمەت سىزگە،،،،،مەن شۇنداق قىلىپ باقاي،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号