باش بەت

kusanbag

721يوللانما
21مەستانە

يېشى كىچىكلەر كىرمەڭ، كىرسىڭىزمۇ بەرىبىر چۈشەنمەيسىز!

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 12:27 82 ئىنكاس چۈشتى

ماۋۇ نەرسىنىڭ ئاۋازى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ بوڭ... قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەتراپ ئېتىلىپ چىققان قوناق ئېتىلدۇرمىسى بىلەن تولاتتى.

شامال ساندۇقى، ھازىرقى شامالدۇرغۇچ بىلەن ئوخشاش (ياشقا چوڭراق بالىلار ۋە چوڭراق تۆمۈرچىنىڭ بالىلىرى بەكرەك تونۇش بۇنىڭ بىلەن تىلىمىزدا «كۈرۈك» دەپ قويىدىغۇ دەيمەن)

ئۆيدە ئىشلتىدىغان ئىدىش (كوزا)، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ھازىرقىدەك تەييار تۇرۇبا سۈيى يوق، ئېرىق، ئۆستەڭلەردىن سۇ توشۇپ، مۇشۇنداق كوزا-ئىدىشلارغا قاچىلاپ قوياتتۇق، قىش كۈنلىرى تېخى تەس ئىدى...

ئائىلىدىكى بىردىنبىر ئېلىكتىر ئۈسكۈنىسى

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ توپىسى ئۆرلەپ تۇرغان سىنىپنىڭ تاملىرىغا سۇۋۇنۇپ، ئاپىمىزنىڭ تىللاشلىرىدىن قورقماي تۇرۇپ ماۋۇنىڭدەك ئويناپ باققانلار بارمۇ؟

تەتىل يىغىشقا ئىككى كۈن قالغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ «تىرىشچان» ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغىنىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟

ماۋۇ ياغاچتىن ياسالغان نۇرنى مېنىڭچە كۆپىنچە بالىلار ئويناپ باققان، لېكىن ئۆزى ياساپ ئوينىغانلار قانچىلىككىن؟ مۇئەللىمنىڭ قانچىسىنى سىنىپتىكى ئەسكى مەشكە تاشلىۋەتكىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن!

بۇنى ھەر قايسى جايلاردا ھەر خىل ناملاردا ئاتايدۇ، «شىتو»، يامبۇ... يەنە نېمىلەر ئىشقىلىپ، مۇشۇنىڭ كاساپىتىدىن كونا كىتابلىرىمىز قەتئىي قىشلىق تەتلىدىن ئۆتەلمەيلا قالىتى.

ماۋۇ ئويۇننى ھازىرقى بالىلار بىلمەيدۇغۇ دەيمەن، بۇ يەنە خوراز سوقۇشتۇرۇش دەپمۇ ئاتىلاتتى.

رېزىنكە تاپانچا، بۇنى ھازىرقى بالىلار ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيدۇ، ھازىرقى بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن «تاز» (گۇاڭ توۋچياڭ)نىڭلا سۇلىياۋ مىلتىقى بار.

لاي، بۇنى ئاساسەن ھەر كۈنى ئوينايتۇق، پۈتمەس-تۈگىمەس خۇشاللىق، لېكىن ئۆيگە قايتقاندا...

لاينى بۇنىڭدەك ئېتىلدۇرۇپ باققانمۇ؟

ماۋۇنى ئويناپ باقمىغان چوقۇم؟ ھەر قايسى جايلاردا ھەر خىل نامدا ئاتايدۇ، مەرمەر، پىروزا، ئەينەك تاش، سىلەر نېمە دەپ ئاتايسىلەر؟

ئۇ چاغلاردا مەخسۇس سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى يوق، قاقاقلاپ كۈلۈشكىنىمىزچە سۇغا سەكرەيتۇق، كۈلكە ئاۋازى ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ، بالىلىقتا غەممۇ يوق، دەرت، ئازاب، ئەلەم، جاپا ھېچقايسىسى يوق، ھە راست قوڭدا ئىشتانمۇ يوق!

ئوت-چۆپ دۆۋىسى، يازدىكى خامان قاتارلىقلار دوستلارنىڭ يىغىلىش سورۇنى، پو ئېتىش سورۇنى ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇھەببەتنىڭ چىگراسى yok1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇغا چۈشكەن شۇ چاغدا مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە

  • Rossey1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالامەت ۋاقىتلاكەن شۇ ،ھەجەپ كۇڭۇللۇك غەم يۇق قايغۇ يۇق ،بىزنىڭ يۇرتلادا قىشلادا بىر مېتىر بىر مېتىر قار ياغاتتى ،پۇتىمىزدا پىما دەپ ئاتىلىدىغان قۇي يۇڭىدا ياسىلىدىغان كىگىز ئايىغىمىز بار ئىدى ،خۇرۇم ئۇتۇكتۈك ئىگىز قۇنجىلىق بۇلاتتى ئۇ پىمىمىز ،قاردىن ئەسلا قۇقمايتتۇق ……قارار رەڭدىكى كىگىزدە قىلغان كىگىز ئۇتەكمۇ باتتى ،ئۇنى چۇسۇنكا دەيتتۇق ،،قار قېلىن ياققان كۇنىسى ئاكام رەھمەتلىك ھەممىمىزنى يىغىۋېلىپ قۇچقاچ تۇتۇپ بېرەتتى بىزگە،بىزنىڭ چۆچەكتە قۇچقاچنى تۇرغاي دەيتتى،قىشتا شۇنداق چىرايلىق بۇپ كېتەتتى تۇرغايلار ،تۇتۇش ئۇسىلىمۇ بەك ئاددىي ئىدى ،ئۇ چاغلادا ھەممە ئۇيلەر قۇرا جايلىق ئۇيلەر بۇلغاچقا ھۇيلىلىرىمىزدا بىمالال ئۇينىيالايدىغان ۋاقىتلاركەنتۇق ،ئاكام قار ياغسىلا تەڭلىنى (ياغاچ تىن ياسالغان داس ) ھۇيلىغا ئېچىقىپ ئۇزۇن يىپقا بىر تال تالچىۋىقنى قاق ئۇتتۇردىن باغلاپ ، تەڭلىنىڭ ئاستىغا ئازىراق بۇغداي دىن چېچىپ ،باغلاپ تەييار قىلغان تال چىۋىقىنى تەڭلىگە يېرىم تىرەپ قۇيۇپ يىپ ئۇچىنى ئۇيىمىزنىڭ ئىشىگىگىچە تاتىپ ،ئىشىك يۇچۇغۇدىن ماراپ ئۇلتۇراتتۇق ،بىچچارە قۇچقاچلار تۇڭ قىشتا يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ تەڭلىنىڭ ئاستىغا چېچىپ قۇيغان بۇغدايغا دۇم چۇشەتتى ،شۇ چاغدا يىپنى بىر تارتسا تەڭلىمىز دۇم كۇمتۇرلۇپ ھەممە ئۇچۇشقا ئۈلگۇرمىگەن قۇشقاچلار تەڭلىنىڭ ئاستىدا قالاتتى………خۇش بۇپ كېتەتتۇق ئاكام قۇچقاچ كاۋېپى قىلىپ بېرىدىغان بۇلدى دەپ ………مەھەللە ئارا نۇر مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇراتتۇق ،مەن ئاكامنىڭ نۇرىغا قۇغۇشۇننى ئېرىتىپ ،نۇرنىڭ ئۇتتۇرسىنى پىچاقتا ئۇيىۋېتىپ ،ئېرىگەن قۇغۇشۇننى قۇيۇپ نەچچە كۇن تالاغا سۇغۇق ھاۋاغا قۇيۇپ قۇيىشىغا ھەيران قالاتتىم، كېيىن بىلسەم مۇسابىقىدە ئېغىراراق نۇرلار يېڭىۋالاتتىكەنتۇق ،شۇڭلاشقا قۇغۇشۇننى ئېرىتىپ قۇياتتىكەنتۇق نۇرغا ئەسلى ،دايىم نۇر مۇسابىقىسى بۇلسىلا ئاكام يېڭىۋالاتتى دىسە ……………ھەي نىمە يەتسۇن بالىلىققا……………بۇ تېما بالىلىغىمىزدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى ئەسلەتتى
    رەھمەت جۇمۇ ……

  • كۋادرات1 ھەپتە ئىلگىرى

    غۇلجىدا مەرمەرنى دەنزە،نۇرنىڭ ياغاچتا ياسىغىننى پېرقىرىغۇچ،تۆمۈرىنى لېجۇ دەيتتۇق.ھەي بالىلىق،مۇشۇ ئويۇنلار بالىلىقىمغا ھەمراھ بولغان.بولۇپمۇ دەنزە،يانچۇقلىرىمدا لىق دەنزىلەرنى شاراقلىتىپ مېڭىشلىرىم…بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزنى كۆرۈۋاتقان قوشنىلارنىڭ قىزىنىڭ ئالدىدا ئۇتتۇرۋەتسەم «توختاپتۇ،مەن ساقامنى(مەرمەرلەر ئىچىدە ئامەتلىك دەپ ياقتۇرىدىغان مەرمەر)ئېلىپ چېقاي،قېچىپ كەتمە يەنە؟!» دەپ، شۇ قىزلارغا قاراپ«ماۋۇلار قېچىپ كەتمىسۇن!»دەپ تاپىلاپ قويۇپ، ئۆيگە كېرىپ ئاپامدىن بىر سۇم پۇلنى نەق بىرسائەت يالۋۇرۇپ،بىر سائەت يىغلاپ،بىر سائەت دادامنى ساقلاپ،بىر سائەت تاياق يەپ ،بىر سائەت تاماق يېمەي تەسلىكتە ئېلىپ، ماڭقامنى يېڭەمگە ئېيتىپ ھېجارىغان پېتى دۇكانغا بىرېپ ئەللىك تېيىنغا دەنزە(مەرمەر)،يېرىمىغا ھوشپەي(پوچتا ماركىسىغا ئوخشاش كىچىك تۆت بۈرجەك قەغەزنى بىردىن يەرگە قويۇپ،قولىدا يەرنى ئۇرۇپ قەغەزنى ئۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇن)ئالاتتىم…شۇنداق كۆڭۈللۈك…

  • ئاينۇرە1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزنىڭ يەكەندىچۇ،قەغەز قاتلىغاننى پاقپاق نۇر دىگەننى غۇژژەك يەنە بىرسىنى مەرمەر دەيمىز

  • مۇڭ سىرداش1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن قاراقاشتىن بۇلىمە دوسلا،سىلە مەر مەر دىگەن نەرسىنى بۇ يەردە،جىكەچ دەيدۇ،قەغەزنى قاتلاپ ئوينايدىغان نەرسىنى،دودەي دەيدۇ،…ھەي غەمسىز گۈزەل كەلمەسكە كەتكەن بالىلىقىمىز…

  • غۇلجىلىق1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىش كۈنلىرى يېزىلاردا ھەممە كىشلەر قوناق شاخلىرىنى ئىشىك ئالدىدىكى كۆچەتلىككە ئېلىپ كېلىپ تىكلەپ قوياتتى،،،
    بىز مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناپ ئاشۇ شاخلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالاتتۇق،
    بىر تۆشۈككە بەش-ئالتىمىز كىرىۋىلىپ بۇ شاخلار ئۆرۈلەتتى، ئۈستىدىكى قارلار بېشىمىزغا چۈشۈپ،بوينىمىزدىن ئىچىمىزگە كىرىپ كېتەتتى،
    ئىككى پۇشقاقتىكى قارلار توڭلاپ ،ئىشتان تىزىمىزغىچە قېتىپ قالاتتى،
    ئۇچاغلاردا يېزا بالىلىرى پۇتلىرىغا پايتىما ئوراپ،كولدۇرلىتىپ رېزىنكە ئۆتۈك كىيشەتتى،
    ھەر تەتىلدە مەن شەھەردىن يېزىدىكى تاغامنىڭ ئۆيىگە چىقاتتىم، شۇۋاقىتلاردا رامزان ئايلىرى1-2 -ئايلاردا كېلەتتى،رامزان توۋلاپ زاغرا بەرسە مەن ئالاتتىم،ئاق ناننى يېزىلىق بۇرادەرلەر ئالاتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈندە يەيدىغىنى زاغرا نان ئەمەسمۇ، بارات كېچىسى كونىراپ كەتكەن رېزىنكە ئۆتۈكلەرنى ،ۋەلسىپىت كامىرلىرىنى ئۇزۇن ياغاچقا يۆگەپ ئوت يېقىپ كوچىدا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشەتتۇق، قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرى بىزنىڭ قىززىق ئويۇنلىرىمىزنى سوۋۇتالمايتتى. ئۇف،،،
    يۈرۈكۈمنىڭ بىريەرلىرى ئۈنسىز يىغلاۋاتىدۇ…… يەيدىغان تامىقى تايىنلىق،كىيگەن كىيىمى يىلىڭ،ئەمما كۆڭلى تۈز،قەلبى مېھىرلىك بولغان ،مەن بىلەن بىللە بالىلىقىمغا ھەمراھ بولغان شۇ دوستلىرىمنى سېغىنىپ قالدىم،،، ئاھ بالىلىقم………

  • ئەپچىلەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزنىڭ كۇچادىمۇ نۇر دەيدۇ چوڭ بەڭگا ماشىنىڭ گايگىسىنى نۇر قىلىپ دەڭگەن، ئوتتۇرسى كۇلۇچ چۈشىدىغان ئىككى چىتى رىزبىلىقنى قۇيما دەپ ئاتايتۇق ئاساسەن ئۆزىمىز ياسايدىغان، يېڭى سېلىنغان پاڭسىڭ ئۆستەڭنى قارمايلىرىنى تومۇرۇپ ئەكىتىشىمىزچۇ تېخى، ھېلىقى ئۇرۇپ ئوينايدىغاننى شىتۇ دەيتۇق، سېغىز لاي تېپىۋالساق ئېتىلدۇرۇپ يۈز كۆزىمىز لاي ئوينىشىپ كىتەتتۇق، سۇغا چۈمۈلگەندە تېيىز سېغىزلىق توختام سۇنىڭ راھىتىدە سىيرىلماق ئويناپ سۆڭگەچلىرىمىز قىزىرىپ كىتىشىچۇ تېخى، ئەينەك شارچىنى پىروزا دەپ ئاتايتۇق، يېڭى بۇلامدۇ كونا بۇلامدۇ ئايىقىمىزنىڭ چەمىنى پىروزا پاتقىدەك قىلىپ تېشىۋىتىتۇق ھى ھى، ئاتۇشتا مەرمەر، ئۆرۈمچىدە گۈلتاش يەنە نە بىر يەدە گۆھەرتاش دەپ ئاتىلىدىكەنتۇق، تېخى بۇيەرگە چىقمىغان گاگا، ئىشەك مىنىش، تىپىشمەك ئۇيۇنى، قىزلارنىڭ چاڭزا تەپكۈچ، قىز ئوغوللار بىللە ئوينايدىغان سوبو، چىنە خىش، قىزلار بىلەن ئوينايدىغان ئەر خۇتۇنلۇق ئۇيۇنى، ياغلىق تاشلاش، دۈم دۈم مۇش، چوناق، ئاتۇشتا سوزماق دەيدىكەن، مۆكۈشمەك، سۇغا چۈشكەندە سۇدا سۈرۈشمەك ئۇيۇنى، سۇنىڭ ئاستىدا تىنماي ئۇزاق تۇرۇش، سۇغا چۆمكۈرۈش، ئىگىزدىن سەكرەش، شۇڭغۇش، موللاق ئېتىپ سەكرەش، يىراقتىن ئېقىپ كىلىش تۈرلىرى باتى، قىزلاننڭ ئاتلانچۇق، پادىشاھ ۋەزىر ئۇيۇنى، مىتىر ئارلىقتىن تامغا سۈيۈش، ئىشقىلىپ ئۇيۇنىمىز بەكلا كۆپ ئىدى

  • ئونسو جام 91 ھەپتە ئىلگىرى

    مەرمەرنى بىزنك يورتا ئالامباي دەيتوق كتابىنڭ قەغىزدە ياسايدغانى پاقا دەيتوق يەنە بىرسى ئارلىپ قاپتو پىۋنڭ ئاغىزنى توزلەپ ئوينايتوق تەڭگە دەپ ھەي ئسل ئوينلارتى يەنە گاگا بارغو سلە ئويناپ باقانمو

  • تەنھائەلىي1 ھەپتە ئىلگىرى

    كۈزۈمگە ياشكەلدى شۇ خۇشال كۈنلەرنى ئويلاپ
    كەلمەسكە كەتتى شۇ كۈنلەر....………………ھەي

  • ئۇيقۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەرمەر پاخپاق بۇلارنى شاش ئوينايتىم تىخى مەكتەپتىن قىچىپ باشقا كەنىتنىڭ مەكتىپىگە بىرىپ شۇ يەردىكى باللارنى چاقىرىپ يامىنىڭ كىلە دەپ ئويناپ ئۇلارنىمۇ ئۇتۋالغان ئاخىردا ئۇرش چىقىپ كىتىپ بىز قاچقان چۇنكى بىز ئاران ئۇچ ئۇلار ئوتتۇزدىن كۆپ تۇرسا ئۇلار بىزنى قوغلاپ توختىماي بىزنىڭ مەكتەپكىچە كەلگەن دەل شۇ چاغدا بىزنىڭ باللار چۇشلۇك دەم ئىلىشقا قويۇپ بىرىپتىكەن ئۇلار چىقىپتى ھە مانا دەپ ئۇرۇشۇپ ئۇلار قاچسا كەينىدىن قوغلاپ بىرىپ خىلى بەك ئۇرۋەتكەن كىچىكلىكتە ھەي ئەمما ئويۇن دىسە يانماي ئوينايتىم ھەي شۇ چاغلارنى ئەسلەيمەن بىز رەگەتكە ياساپ پاختەك بىلەن كەپتەر ئوۋلايتۇق ئون نەچچىمىز بىر كۇن يۇرۇپ بىر پاختەك تۇتالماي كىرىپ كىتەتۇق ھڭر ھڭر ئەسلەيمەن دە شۇ كۇنلەرنى ھازىر ئىنىم مەكتەپتىن كەلسە ھىلقى تازنى كۆردۇ ياكى كومپىيوتىردا ئويان ئوينايدۇ ياكى كارتون كۆردۇ بۇنداق ئويۇنلارنى بىلمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号