باش بەت

مەستان

245يوللانما
7مەستانە

50 ياشلىق ئەر توردا تونۇشقان قىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ 70 مىڭ يۈەن چىقىم تارتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 10:54 8 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

توردا مۇھەببەتلىشىش ئاجايىپ بىر سەرگۈزەشتە، مەيلى قايسى ياشتىكى قىز-ئوغۇللار بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك توردا مۇھەببەتلىشىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. يېقىندا، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق 47 ياشلىق ئەر جاڭ لياڭ توردا بويىغا يەتكەن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. بۇ قىز ئۆزىنى 23 ياش دەۋالغان بولۇپ، چۇڭچىڭدىكى بىر شەخسىي كارخانىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىيلەن ئۈندىداردا بىر مەزگىل قىزغىن پاراڭلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جاڭ لياڭ يېقىندا ئايالى بىلەن ئاجرىشىش مەسىلىسىدە جېدەللىشىۋاتقان بولۇپ، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.

مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جاڭ لياڭ ئاكتىپلىق بىلەن قىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزئارا تېخىمۇ تونۇشۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. ئەسلىدىنلا ئوچۇق-يورۇق ھەم شوخ قىز ئىككىلەنمەيلا قوشۇلىدۇ. ئىككىيلەن شۇ كۈنى كەچ سائەت 9دا كۆرۈشۈشنى بېكىتىدۇ، ھۆرمەت يۈزىسىدىن جاڭ لياڭ دېيىشكەن جايغا يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىدۇ، قىز بولسا خېلى بىر ۋاقىتقىچە كېچىكىدۇ. تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، جاڭ لياڭ قىزنىڭ توردىكى سۈرىتىدىكى ھالىتىگە ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ، لېكىن ئېغىز ئېچىشقا خىجىل بولىدۇ.

ئىككىيلەن ئاز-تولا ھال ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، قىز بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق بىلەن بىرقانچە خىل يېمەكلىك بۇيرۇتىدۇ، جاڭ لياڭ ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قىزغا نېمە يېگۈسى كەلسە ئەيمىنمەي بۇيرۇتۇشنى، بۈگۈن ئۆزىنىڭ مېھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان قىز باھاسى 8000-7000 يۈەنلىك قىزىل ھاراقتىن نەچچە بوتۇلكا بۇيرۇتىۋېتىدۇ، لېكىن جاڭ لياڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالىدۇ. چۈنكى بۇ جاينى قىز تاللىغان بولۇپ، جاڭ لياڭنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كېلىشى ئىدى، شۇڭلاشقا بۇ يەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىدىن خەۋەرسىز ئىدى.

شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن بىر تەرەپتىن يېگەچ بىر تەرەپتىن پاراڭغا چۈشىدۇ، جاڭ لياڭ قىزغا ئۆزىنىڭ غۇلاپ كېتەي دەپ قالغان نىكاھىنى، ئايالىنىڭ تولىمۇ يولسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆي ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئالغانلىقىنى، مۇشۇ قىلغانلىرىنى ئايالىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، قىزغا دەردىنى تۆكىدۇ. بۇلارنى ئاڭلىغان قىز ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ، چۈنكى قىزنىڭ كۆزى پەقەت ئەرنىڭ يانچۇقىنىڭ توملىقىدىلا بولىدۇ.

جاڭ لياڭنىڭ دەردىنى بىر سائەتتەك ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىزمۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەيدۇ ۋە جاڭ لياڭغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا باشلايدۇ. ئايالى بىلەن بولغان نىكاھىدىن ئۇزۇن ۋاقىت زېرىككەنلىكى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، قىزنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلىغان جاڭ لياڭ تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىدۇ ۋە ئۆزىنى چۈشىنىدىغان بىرسىگە يولۇققانلىقىنى تەبرىكلەپ قەدەھ كۆتۈرىدۇ.

بۇ بىر جۈپ ناتونۇش ئەر-ئاياللارنىڭ تەنتەنىسى خېلى كەچكىچە داۋاملىشىدۇ، يېرىم كېچە سائەت 12 بولغاندا، دۇكان مۇلازىمەتچىسى ھېساباتنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگىنىدە، جاڭ لياڭ مۇلازىمەتچىنىڭ دەخلى قىلغىنىدىن خاپا بولغان ھالەتتە، بانكا كارتىسىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ ۋە مەخپىي نومۇر يوقلىقىنى، كارتىنى خالىغانچە سۈرۈشنى ئېيتىدۇ. سەل كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن بولسا كېرەك، مۇلازىمەتچى ھېساب قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ لياڭ يانفونىغا كەلگەن تالون ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىدۇ. تالوندا 68 مىڭ 600 يۈەن چىقىم قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىر ۋاق تاماقنىڭ تەخمىنەن 70 مىڭ يۈەنگە توختىغىنى كۆرگەن جاڭ لياڭ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.

ساقچىلار تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ مۇلازىمەتچى بىلەن شېرىك ئىكەنلىكى، ئۇلار بارغان دۇكان قانۇنسىز تىجارەت قىلىش سەۋەبلىك نۇرغۇن قېتىم تاقىلىپ قالغان تارىخى بارلىقى ئاشكارىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • AAAAAAA?3 ئاي ئىلگىرى

    بىچارە بايقۇش ئۆيدىكى ئايالغا شۇ پۇلنىڭ يىلىغا ئوندىن بىرىچىلىڭ چىقىم قىلغان بولسا ئايالىمۇ بىشەم بولماستى

  • لالە3 ئاي ئىلگىرى

    راخمان بوۋاي بىر بىلەت

  • ئومەر3 ئاي ئىلگىرى

    كاللېسې جايېدكە ئقچۇرغا قاراپتۇ ساخچغا مەلۇم قېپتۇ پولېنې قايتۇرۋەلدې دگەن گەپ

  • راخمان بوۋاي3 ئاي ئىلگىرى

    بىرگە قىلساڭ بىردە كۇرسەن دىگەن گەپ بار، بۇ بايقۇش ئايالىغىمۇ 680 يىۋەنلىك تاماق ئەپ بەرمىگەن بۇلغىيتى، ئىنسان دىگەن شۇنداق ئەقىلسىز، ئۇيدىكى ئايالىنى ئىسىل تىز تاماقخانىلارغا ئەكىرمەيدىيۇ، ئەمما باشقا ئاياللارنى ھەشەمەتلىك تىز تاماقخانا ۋە چايخانىلارغا باشلايدۇ،

  • 155******583 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇنداق بولغان ……………كۆپ ئەمەس 600دەك…………دەسلەپ سەزمەپتىمە ئەمما كىيىن ئۇيلاپ ئىشنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى سەزدىم ………باشقىچە بىر خىل بوپ قالدىم ……پۇل ئەمەس ……ئادەم ئالدانغانلىقىنى بىلسە بەك بىئارام بولىدىكە

  • مىسسى3 ئاي ئىلگىرى

    مەن مۇشۇ ۋاقىتتا دەل چۇڭچىڭ شەھىرىدا ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان مەن كىرگەن ئاشخانا شۇ ئوخشايدۇ.ھىي بولدىلا

  • مىسسى3 ئاي ئىلگىرى

    2016يىلى مەنمۇ مۇشىنىڭغا ئوخشاش ۋەقەدە 3000يۇەن قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئەپسۇس ، ھازىر ئويلىسام بەك ئىچىم پۇشىدۇلېكىن مەن ئۇ ۋاقىتتا ئاشخانىدىكىلەرنىڭ تىلى بىر ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن باشقا دوستلارنىڭمۇ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • جاھانگىر3 ئاي ئىلگىرى

    ھۇ ھا ھا كوڭۇلنى ئەرزان ئىپادىلمەپتۇ ھى ھى بىر تويلۇقنىڭ پۇلىنى بىر ۋاخ تاماقتا ئەپكىتىپتۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئويدىكى خوتۇن ياخشىمۇ نىمە بىشىمىزغا سۇپۇرگە ئاتسىمۇ ھى ھى ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号