باش بەت

مەۋلىدە بەردى

38يوللانما
5مەستانە

60 ياشلىق ئايال قەرزدىن قېچىش ئۈچۈن ھۆسن تۈزىتىپ ياش قىزلاردەك بولۇۋالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 11:33 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۆكتەم، مۇتتەھەم، ئۇششۇق دېگەن بۇ سۆزلار بىزگە ناتونۇش ئەمەس، تۆۋەندە سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان ئۆكتەم ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق. 60 ياشلىق ئايال قەرزدىن قېچىش ئۈچۈن ۋۇخەندىن شېنجېنغىچە قېچىپلا قالماي، يەنە ھۆسن تۈزىتىپ ياش قىزلاردەك بولىۋالغان.

بۇ رەسىمدىكى ئايالنىڭ يېشىنى پەرەز قىپ باقايلى، كۆرۈنۈشتە 30 نەچچە ياشتەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئايال ئەمەلىيەتتە 59 ياش. ئەسلىدە جۇ فامىلىلىك بۇ ئايال 25 مىلىيوندىن ئارتۇق قەرزنى قايتۇرالماي سوتقا تارتىلغان. لېكىن سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلماي يوقاپ كەتكەن.

2016-يىل ئاخىرىدا ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا كەلگەندە سوتنىڭ خادىملىرى ئۇنى پەقەتلا تاپالمىغان. بۇيىل 7-ئايدا سوت جۇ فامىلىلىكنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆسن تۈزىتىپ ياشاۋاتقانلىق پاش قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان. ۋۇخەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دەرھال ئىجرا ساقچىلىرىنى ئەۋەتىپ جۇ فامىلىلىك ئايالنى قولغا چۈشۈرگەن.

جۇ فامىلىلىك سوتنىڭ قارا تىزىملىكىدە بولغاچقا، سىرتقا چىقىشى ۋە ئىستېمال قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. ئەمما سوت خادىملىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، جۇ فامىلىلىك يېقىندىن بۇيان ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا يۇقىرى ئىستېمال قىلغان، سودىغا مەبلەغ سالغان ھەتتا تېز سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرغان، ئۇ سىڭلىسى ۋە دوستىنىڭ كىملىكىنى ئىشلەتكەچكە بايقالمىغان.

قىزىقارلىقى يېرى شۇكى، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە «سەمىمىيلىك دۇنيانى يېڭىدۇ» دېگەن خەت بار ئىكەن. ھازىر ئۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلمىغان سەۋەبلىك ۋۇخەن ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号