باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

مارسقا ئۆزىڭىز بارالمىسىڭىزمۇ ئىسمىڭىزنى چىقىرالايدىغان پۇرسەت كەلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 12:30 14 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرى تور بېكىتى BGRنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) كېلەر يىلى بىر ئالەم كېمىسىنى مارسقا قويۇپ بېرىدىكەن ھەمدە مارسنىڭ ئىچكى قىسمىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈپ، بىز كۆرۈپ باقمىغان ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىشقا قولايلىق يارىتىدىكەن. ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئالەم كېمىسى بىلەن بىرگە مارسقا چىقارغۇڭىز بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغۇڭىز بولسا دەرھال تىزىملىتىڭ.

NASAنىڭ InSight lander ناملىق ئالەم كېمىسى 2018-يىلى 5-ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇ كېمە مارستا بىر ئاي تۇرۇشى مۇمكىن. بۇ ئالەم كېمىسىدە بىر جۈپ كىرېمنىي ئۆزىكى بار بولۇپ،  ئۈستىگە نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئىسمى ئويۇلغان. نۆۋەتتە تۇنجى ئۆزەك ئىسىم بىلەن تولۇپ بولدى، NASA ئىككىنچى ئۆزەكنى ئەمدىلا قوزغاتتى، شۇڭا ھازىر كۆپچىلىك داۋاملىق تۈردە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

ئىسمىڭىزنى مارسقا چىقىرىش ئىنتايىن ئوڭاي، سىز پەقەت NASAنىڭ InSight ۋەزىپە تور بېكىتىگە كىرىپ، ئىسمىڭىزنى، ئورنىڭىزنى ۋە ئېلخەت ساندۇقى ئۇچۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «يوللاش»نى باسسىڭىزلا بولىدۇ. 

ئارقىدىن قاتناشقۇچىلار بىر «ئالەم كېمىسى بېلىتى» ۋە «ئۇچۇش دائىملىق يولۇچى مۇساپىسى» ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى NASAنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇر ۋەزىپىلىرىدىن جۇغلانغان. 

«InSight» ۋەزىپىسىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولغان سىز يەنە كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىنىڭ ئالدىن ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالالايسىز، ئۇ يەرگە ئىسمىڭىزنىڭ قوشالايسىز، مەسىلەن «ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى» قىدىرىش ۋەزىپىسى ۋە 2020-يىلىدىكى مارس ۋەزىپىسى قاتارلىقلار. 

ئىسمىڭىزنىڭ مارستا پەيدا بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قالتىس بىر ئىش، ئۇ پەقەت بىر كىچىك كىرىمنىي ئۆزىكىنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقا پىلانېتتا ئۆزىنى كۆرسىتەلەيدۇ. 

شۇنداق بولسىمۇ ئەگەر بىر ئەقىللىق تاشقى پىلانېت ئادەملىرى قۇياش سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە ھەمدە تولۇق ئىقتىدارلىق كۆز بىلەن مارسقا قونۇش ئۈسكۈنىسىنى كۆزەتسە، ئۇلار بەلكىم ئىسمىڭىزنى كۆرەلىشى مۇمكىن. قانداق قالتىسمىكەن؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • dolkun5 ئاي ئىلگىرى

    سىز بىز بۇ ھالىمىز بىلەن چۈشمىدىمۇ چىقالمايدىغان ئوخشايمىز.

  • مۇڭ سىرداش6 ئاي ئىلگىرى

    ھەي مەن ئۇلانى ئاۋارە قىلمايمە،مارىسنى زىيارەت قىلغاچ ئىسمىمنى ئۆزەم يېزىپ قويۇپ كىرەمە پوچچى قىنا،يەنە قايسىڭلانىڭكىنى يېزىپ قۇياي،………………نىمىدە چىقىدىغاندۇ دەپ قىزىقىۋاتامسىلە دوسلا،بولدىلا دەپ بىرەي ،دەپ بەمەيمۇ يا،كۆڭلۈڭلانى يېرىم قىمماڭلا دەپ بىرەي بولدى ،راس دەپ بىرىمەنما ،دەپ بەسەم بۇلامۇ زادى ،شۇ ئۇخلىغاندا چۈشۈمدە چىقىمە

  • دەششەتdaxxaT6 ئاي ئىلگىرى

    قانداق تىزىملىتىشنى بىلەلمىگەن قىزلار ئىسمىڭلارنى. ئادرىسىڭلارنى ماڭىلا تىزىملىتىڭلا بولدى. مەن ھەقسىز تىزىملايمەن مارىسقا چىققان ۋاقتىمدا ئىسمىڭلانى قىزىل سىردا يېزىپ قوياي

  • زىيا6 ئاي ئىلگىرى

    ھەي...مۇشۇ ئىژدىمايى رايۇندىكىلەر تولا ئىسمىمنى تولاپ يامان زىرىكتۇردى شۇڭا مۇشۇئىسمىمنى مارىسقاچىقىرىۋىتىپلام قۇتىلايمىكى باللا شۇڭا ياردەمقىلىپ قانداچىقىرىشنى ئۇگۇتۇپقويساڭلابوپتىكەن

  • adeel6 ئاي ئىلگىرى

    كىنو ئىشلەيدىغان ياخشى پۇر سەت شۇيەگە ئىسمىنى يازغانلانى تاشقى پىلانىت دىكىلە ئىزدەپ كىلىدۇ ئىلمى فانتاززىيە

  • suhanna6 ئاي ئىلگىرى

    سېسىق پايپىقىڭىزنىڭ پۇرىقى مارسنى بىر ئالىدىغان بولدىدە سېسىقلىقىدىن ئىنسانلار مارسقا بېرىشتىن يالتىيىۋالمىسىلا بولاتتىغۇ

  • ۋارىس 9516 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئىسمىم ۋارىس،

  • 00076 ئاي ئىلگىرى

    سەل خەتەرلىكمۇ قانداق ، ئىسمىمىزنى ئادرىسىمىزنى مارىستا ئىلان قىلسا تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يەر شارىغا ئىزدەپ كىلىپ بىزنى تۇتۇپ تەجىربە قىلىپ سالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن

  • ليتىپجان6 ئاي ئىلگىرى

    ئىنكاسلار بىر بىردىن قىزىق.

  • ئىشىق6 ئاي ئىلگىرى

    مەن بايا مارسىقا چىقىپ ئىسمىمىنى پۇتۇم بىلەن جىجاپ يىزىپ قوياپ چۈشتۈم دىسەم ئىشەنمەيسلەر ھەقاچان بولمىسا چىقىپ قاراپ بىقىڭلار…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号