باش بەت

مۇخپۇل تۇرسۇن

495يوللانما
14مەستانە

تازىلىق قەغىزى بىلەن تارتىم قەغەزنىڭ قانداق پەرقى بار؟

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 12:47 11 ئىنكاس چۈشتى

 

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

قەغەز ھەممە ئۆيدە بار، ئەمما توغرا تاللىيالامسىز؟ تازىلىق قەغىزى بىلەن تارتىم قەغەزنىڭ زور پەرقى بار، خاتا ئىشلىتىپ قالسىڭىز چاتاق! كىچىككىنە قەغەزدە بىلىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار، ھازىر بۇنىڭ ھەممىسىنى دەپ بېرىمىز، كۆرمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز!

 

بىرىنچى، قەغەزنىڭ ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ

نۇرغۇن كىشى تازىلىق قەغىزى بىلەن تارتىم قەغەز ئوخشاش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پەرقى چوڭ جۇمۇ، گەرچە ھەممىسى لاياقەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما دۆلەت بېكىتكەن تازىلىق ئۆلچىمىدە نۇرغۇن پەرق بار.

1. باكتىرىيە مىقدارى ئوخشىمايدۇ

تارتىم قەغەز بىلەن بىۋاسىتە يۈزنى سۈرتۈشكە بولىدۇ، تازىلىق ئۆلچىمى ئىنتايىن قاتتىق، دۆلەت ھەر بىر گرام تارتىم قەغەزدىكى باكتىرىيە مىقدارى 200 بىرلىكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن؛

ئەمما تازىلىق قەغىزى قويۇلىدىغان ئۆلچەم بىر قەدەر بوش، ھەر بىر گرام تازىلىق قەغىزىدىكى باكتېرىيە مىقدارى 600 بىرلىكتىن ئېشىپ كەتمىسىلا لاياقەتلىك ھېسابلىنىدۇ؛

مۇنداقچە ئېيتقاندا، تازىلىق قەغىزىدىكى باكتىرىيە مىقدارى تارتىم قەغەزنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، تازىلىق قەغىزى ئارقىلىق يۈز سۈرتسە يۈز تېخىمۇ مەينەت بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

2. قەغەز ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ بوتقىسى ئوخشىمايدۇ

كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، بىز قەغەز سېتىۋالغاندا كۆرۈنىدىغان ئىپتىدائىي ياغاچ بوتقىسى بىلەن ئەسلىدىكى ساپ ياغاچ بوتقىسى بىر ئۇقۇم ئەمەس! %100لىك ئىپتىدائىي ياغاچ بوتقىسى دېگەندە قەغەز ياسىغاندا ئىشلەتكەن ياغاچ بوتقىسىنىڭ ھەممىسى ئەسلى ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ئاساسەن تارتىم قەغەزگە چوقۇم ئىپتىدائىي ياغاچ بوتقىسى ئىشلىتىلىشى كېرەك، شۇڭا بازاردا «ساپ ياغاچ بوتقىسىدىن ياسالغان ھۆل قەغەز» نى كۆرۈپ قالسىڭىز ھەرگىز سېتىۋالماڭ!

ساپ ياغاچ بوتقىسىدا قايتا ئىشلەنگەن ماتېرىياللار بولسا بولىدۇ، قايتا ئىشلەنگەن ماتېرىياللاردىن ياسالغان تازىلىق قەغىزى دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ۋا ئوراش قەغىزىدىن باشقا كېرەكسىز قەغەزنىڭ ھەممىسىدىن تازىلىق قەغىزى پىششىقلاشقا بولىدۇ. ئەمدى سىز يەنە تازىلىق قەغىزى بىلەن ئېغىزىڭىزنى سۈرتۈشكە پېتىنالامسىز؟

3. فلۇئورېسسېنسىيىلىك ئاقارتقۇچ تەلىپى ئوخشىمايدۇ

فلۇئورېسسېنسىيىلىك ئاقارتقۇچ كۆپچىلىككە ئانچە ناتونۇش ئەمەس، كىيىمنى تېخىمۇ پاكىز يۇيۇش ئۈچۈن سۇيۇق سوپۇن، سوپۇن پاراشوكىغا ئادەتتە مۇشۇنداق ماددا قوشۇلىدۇ، دۆلەت بۇ ماددىنى ئادەم بەدىنى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا قوشۇشقا ئىجازەت بەرگەن.

تارتىم قەغەز ئادەمنىڭ يۈز قىسمى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، شۇڭا بەلگىلىمىگە ئاساسەن تارتىم قەغەزنىڭ تەركىبىدە يۆتكىلىشچان فلۇئورېسسېنسىيىلىك ئاقارتقۇچ بولماسلىقى كېرەك، لاياقەتلىك تارتىم قەغەزنى خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، تېرىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما تازىلىق ئۆلچىمىدە تازىلىق قەغىزىنىڭ تەركىبىدە يۆتكىلىشچان فلۇئورېسسېنسىيىلىك ئاقارتقۇچ بولسا بولامدۇ- بولمامدۇ، تەركىبى قانچىلىك بولۇش كېرەك، دېگەنلەرگە قارىتا ئېنىق تەلەپ يوق، شۇڭا تازىلىق قەغىزىدە يۈزىنى سۈرتۈشكە ئادەتلەنگەن دوستلار دىققەت قىلىڭلار!

 

ئىككىنچى، قەغەزنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمايدۇ

تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان تۇرمۇش قەغىزىدىن يۈز قەغىزى، تازىلىق قەغىزى، ھۆل قەغەز، ئاشخانا قەغىزى قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمايدۇ، ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

يۈز قەغىزى: مەخسۇس يۈز قىسمىنى سۈرتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

يۈز قەغىزى، تارتىم قەغەز مەخسۇس يۈز قىسمىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم تېرىگە يېقىشچان، تازىلىق ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، ئېغىزنى، يۈزنى سۈرتسە تېخىمۇ بىخەتەر. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈز قەغىزىنى ھۆلدىگەندىن كېيىن ئىلاستىكىلىقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئاسان پارچىلىنىپ كەتمەيدۇ، يۈزدىكى تەرنى سۈرتسە قەغەز ئۇۋاقلىرى يۈزگە چاپلىشىۋالمايدۇ.

تازىلىق قەغىزى: مەخسۇس ھاجەتخانىدا ئىشلىتىلىدۇ

تازىلىق قەغىزىنىڭ يۇمشاقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق، ئاساسلىقى ھاجەتخانىغا چىققاندا ئىشلىتىلىدۇ.

لاياقەتلىك تازىلىق قەغىزى ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، گەرچە تازىلىق ئۆلچىمى تارتىم قەغەزدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما مىقدارى كۆپ ھەم ئەرزان.

بەزى دوستلار «مەندە پۇل جىق، تارتىم قەغەزنى تازىلىق قەغىزى ئورنىدا ئىشلىتىمەن» دەپ قارايدۇ، بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە توغرا ئەمەس. تارتىم قەغەزنىڭ ئىلاستىكىلىقى بەك ياخشى، بۇنى تازىلىق قەغىزى ئورنىدا ئىشلەتكەندە ئاسانلا تەرەت قاچىسىغا كەپلىشىپ قالىدۇ، بۇنى تازىلاش قىيىن ھەم كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا بۇلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ھۆل قەغەز: مەخسۇس باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

ھۆل قەغەزدە باكتىرىيە ئۆلتۈرىدىغان مەلۇم تەركىب بار، سىرتقا چىققاندا قول يۇيۇش بىئەپ بولۇپ قالسا، ھۆل قەغەز ئارقىلىق باكتىرىيەنى ئۈنۈملۈك تازىلىغىلى بولىدۇ. ھۆل قەغەزدە ئەڭ ياخشىسى يۈز سۈرتمەڭ، يۈزنىڭ تېرىسى بىر قەدەر ئاجىز، ھۆل قەغەزدىكى باكتىرىيە ئۆلتۈرگۈچى تەركىب ئاسانلا يۈز قىچىشىش، قىزىرىش، ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشخانا قەغىزى: مەخسۇس ئاشخانا بۇيۇملىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

ئاشخانا قەغىزىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ۋە ياغ سۈمۈرۈشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى، ئاشخانا قەغىزى بىر قەدەر چوڭ ھەم قېلىن بولۇپ، ئاشخانا بۇيۇملىرى، ئەينەك دەرىزە، ئەينەك يۈزى، ئۈستەل قاتارلىقلارنى سۈرتۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، ئاشخانا قەغىزى ئىسمى-جىسمىغا لايىق تازىلىق ياردەمچىسىدۇر.

ئاشخانا قەغىزىنىڭ ئائىلە جاھازلىرىنى تازىلاش رولىدىن باشقا، يەنە يېمەكلىكنى تازىلاش رولىمۇ بار، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى پىشۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئاشخانا قەغىزى ئارقىلىق يېمەكلىك ماتېرىيالىدىكى سۇ ۋە ياغ تەركىبىنى سۈمۈرۈۋالغاندا يېمەكلىك ماتېرىيالىنى تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ پاكىز قىلغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Az KalDi1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزنىڭ ئۆيدە تارتما قەغەزنى تازىلىق قەغەز ئورنىدا ئىشلىتىمىز يامان ئەمەسكەن

  • چۈجە خوراز1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ مەن بۇنى بۇرۇندىنلا بىلەتتىم ، شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارسام پولۇدىن كىيىن يۇمىلاق يۆگەلمە قەغەز ئەكەلسە سەل بىئارام بولاتتىم ، تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇنى پەرقلەندۈرىۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

  • 155******281 ھەپتە ئىلگىرى

    نەچچە ۋاقتىن بىرى بىلمەي يۈرگەندىمىزمۇ،،،،مەن تىخى قەغەز بولغاندىكىن ھەممىسى ئوخشاش دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن،،،،،

  • AHTAX1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇمۇ بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم ئىشكەن جۇمۇ

  • سەۋدا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن بىلىشكە تىگىشلىك ئىشكەن ،قەغەز تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ ،بۇرۇن ئەھمىيەت بەرمەپتىكەنمەن،ئەمدى بىلىۋالدىم،رەھمەت سىلەگە…

  • گۇلبەرگى1 ھەپتە ئىلگىرى

    تەھىرگە كۆپ رەخمەت !نۇرغۇن تۇرمۇش ساۋاتلىرىغا ئىگە بولدۇم.

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    قانچە ئاز ئشلەتسڭىز شۇنچە ئىلمى

  • مەن،،1 ھەپتە ئىلگىرى

    تېخى تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىپ ھېچكىم ئۆلۈپ قالمىدىغۇ؟

  • amine1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن بۇ

  • مىھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    يانچۇق قەغىزىچۇ ئەمسە ؟………………………

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号