باش بەت

دىل بايان

195يوللانما
46مەستانە

سۇن ۋۇكۇڭ نېمە ئۈچۈن تاڭسىڭنى يۈدۈپ ئۇچۇپ بېرىپلا نوم ئېلىپ كەلمەيدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 17:44 41 ئىنكاس چۈشتى

بەيجىياخاۋ تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندىن بۇيان تاماشا چەمبىرىكىدە غەربكە ساياھەت فىلىمىگە نىسبەتەن ئانالىز بىرقەدەر كۆپىيىپ قالدى، چۈنكى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمىسىگە ئايلانغان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەكلا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ، تەھرىرمۇ مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كىشىدە ئەجەبلىنەرلىك سوئال پەيدا قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ جاۋابىنى چامىمنىڭ يېتىشىچە كۆپچىلىككە مۇلاھىزە قىلىپ بېرىۋاتىمەن. خوش، ئۇنداقتا بۈگۈنكى قىززىق تېمىمىز بولسا: سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بىر موللاق بىلەن بۇلۇتقا چىقالايدىغان قالتىس كارامىتى بار تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن تاڭسىڭنى يۈدۈپ بېرىپلا نومنى ئېلىپ كەلمەيدۇ ياكى ئۇستازىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى بېرىپ كەلسىمۇ كەچكىچە بېرىپ كەپ بولاتتىغۇ؟ تۆۋەندە تەھرىر مانا بۇ مەسىلىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي:

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ سوئالنىڭ ئىككى خىل چۈشەندۈرۈلىشى بار، بىرى ئاددىي، يەنە بىرى مۇرەككەپ. سىلەرنىڭ قايسىسىنى ئاڭلىغۇڭلار بار؟

كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاددىيسىنى تاللايمىز، ئاددىي سوئالنىڭ جاۋابى بولسا: ۋەقەلىك ئېھتىياجى!

ئەگەر سۇن ۋۇكۇڭ تاڭسىڭنى يۈدۈپلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غەربكە بېرىپ نومنى ئېلىپ كەلگەن بولسا «غەربكە ساياھەت»تىن ئىبارەت بۇ ئەسەر بولمىغان بولاتتى. بۇ خۇددى ئويۇن ئوينىغانغا ئوخشايدۇ، بىردىنلا ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەلگە بېرىپ قالسىڭىز يەنە ئوينىغۇدەك نېمە قالىدۇ؟ «غەربكە ساياھەت»نى يەنە كىم قىزىقىپ كۆرىدۇ؟

«غەربكە ساياھەت»تە جۇ باجيې ئىلگىرى سۇن ۋۇكۇڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۇستازنى يۈدۈپلا ليۇ شاخې دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويمايدىغانلىقى ھەققىدە سورىغاندا سۇن ۋۇكۇڭ: موللاق ئېتىپ، بۇلۇتتا ئۇچۇشنى ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمايدۇ، ئەۋلىيالىق نەسەبى بولمىغان كىشىلەر تېخىمۇ بۇلۇتتا ئۇچالمايدۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سىڭنى يۈدىگەن تەقدىردىمۇ بۇلۇت يېرىپ كۆكتە ئۇچۇش ھۈنىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. سەۋەبى تاڭسىڭنىڭ تەرىقەت يولى ئىنتايىن چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە پانىي ئالەمدىكى بىر ئاددىي ئىنسانلىق سالاھىيىتى بىلەن قانداقمۇ ئەۋلىيالارغا ئوخشاش بۇلۇتتا پەرۋاز قىلالىسۇن.

پۈتۈن فىلىمگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تاڭسىڭنى يۈدۈپ غەربكە نوم ئالغىلى بارماسلىقىنىڭ ئېنىق سەۋەبى يوق. سۇن ۋۇكۇڭ:«بىز شاگىرتلار غەربكە نومغا بېرىش سەپىرىدە ئۇستازنىڭ ھاياتىنى قوغداپ مېڭىشىمىز كېرەك، ئۇستاز تارتقان جاپالارنى بىز ئۈستىمىزگە ئېلىۋالالمايمىز، مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىلا ئۇستاز ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقىي مېۋىسىنى كۆرەلەيدۇ، شۇنداق بولغاندىلا غەربكە بۇددىنى زىيارەت قىلىشقا بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئەگەر بىز ئۇستاز بىلەن بىللە مۇشۇ جاپالارنى تارتمىساق ئېلىپ كەلگەن نومنىڭمۇ ھەقىقىي قىممىتى بولمايدۇ» دەيدۇ.

«غەربكە ساياھەت»تە، تاڭسىڭ ئامىتانىڭ قايتا تۆرەلدۈرگەن مۇرتى بولۇپ، ئادەملەر ئارىسىغا ئەكەلگىنىنىڭ سەۋەبى بولسا، تاڭسڭنىڭ غەربكە بېرىپ نوم ئەكىلىپ، كىشىلەرنىڭ تەسىرلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈنلىكى تىلغا ئېلىنغان. نوم ئەكىلىش سەپىرىدە ئۇچرىغان ھەربىر قېتىملىق قىيىنچىلىقنىڭ ھەممىسىنى ئامىتا بۇددا ئالدىن بىلگەن. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى ئامىتا بۇددا مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:«دەسلەپتە مەن ھەقىقىي نومنى شەرقى دىيارغا تارقاتقان، كىشىلەرنىڭ نادانلىقى سەۋەبىدىن ھەقىقىي نومنى تونىيالماي، مېنىڭ بارلىق جانلىقلارنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن خالاس قىلىش ئارزۇيۇمنى يەردە قويدى. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭسىڭنى ئادەملەر ئارىسىغا ئەۋەتتىمكى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىر ھەقىقىي ئىخلاسمەن ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن ھەقىقىي نومغا ئېرىشىش ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش. مۇشۇنداق ئاسان بولمىغان جەريان ئارقىلىق ئېرىشكەن نومنى كىشىلەر تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ...»

ئەسەردىكى بۇ بىرنەچچە پىرسوناژنىڭ سۆزلىرىدىن بىز سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تاڭسىڭنى يۈدۈپ نومغا ئېلىپ بارماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا ئامىتا بۇددىنىڭ «ئاۋامنى تەسىرلەندۈرۈش» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. تاڭ سىڭنىڭ باشتىن كەچۈرگەن بارلىق قىيىنچلىقى بولسا، شەرقى دىيار پۇقرالىرىنى ھەقىقىي نومغا ئېرىشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەر تارتىۋاتقان ئازابنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن.

ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا ھەقىقىي نومغا ئېرىشىش، سەپەردىكى قىيىنچلىق بولسا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن. بىرئادەمنىڭ ھاياتلىق كەچۈرمىشىنى باشقا ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىدا باشتىن كەچۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئەكىسچە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مۇشۇ قائىدىنى چۈشەنمەيدۇ، بالا تاغقا يامىشىپ ھېرىپ قالسا ئاتا-ئانىسى:«مەن سېنى يۈدىۋالاي، تاغقا چىقساڭلا بولدى»، دەيدۇ. بالا تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلمىسە:«مەن ساڭا ئىشلىشىپ بېرەي، پەقەت يۇقىرىراق نومۇر ئالساڭلار بولدى»، بالا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمىسە:«مەن ساڭا قىلىپ بېرەي، سەن ياخشىراق مەكتەپكە ئۆتسەڭلا بولدى»، بالا چوڭ بولۇپ، خىزمەت تېپىشقا توغرا كەلسە:«مەيلى قانچىلىك يول مېڭىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ياخشىراق ئورۇنغا ئورۇنلىشىۋالساڭلا بولدى» ...

بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، بالىنىڭ ئاسان يوللار بىلەن مەقسەتكە يېتىشىگە ياردەم قىلىدۇ، لېكىن بالا باشتىن كەچۈرۈشكە تېگىشلىك تۇرمۇش، كىشىلىك ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

ئۇ ھېرىپ چارچىمايلا تاغقا چىقالىدى، ھېچقانچە كاللا ئىشلەتمەيلا ياخشى نومۇر ئالالىدى، ھېچقانچە ئىقتىدارى بولماي تۇرۇپلا مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشەلىدى. كىشىلىك ھاياتتا بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاسان، خۇددى ئويۇن ئوينىغانغا ئوخشاش، ھەرقېتىم ئېچىپلا قىيىنچىلىقنى چىقىرىۋىتىپ، بىۋاستە ئۆتكەلدىن ئۆتسە، بۇ ئويۇننىڭ قىززىقى شۇنىڭ بىلەن يوقىلىدۇ.

ئاتا-ئانىنىڭ ۋەزىپىسى سۇن ۋۇكۇڭغا ئوخشاش، پەقەت بالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، قورسىقى توق، كىيىمىنى پۈتۈن قىلىپ بەرسە، بالا ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ، تىرىشىش جەريانىدا بالا مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ پىشىپ يېتىلىدۇ، ئاستا-ئاستا كىشىلىك ھاياتنىڭ قائىدىسىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سۇن ۋۇكۇڭ تاڭسىڭنى يۈدۈپ نومغا بارغان تەقدىردىمۇ ھەقىقىي نومغا ئېرىشەلىشى ناتايىن.

خوش، ئەمسە تورداشلىرىمغا قالدۇرىدىغان سوئالىم، تۆتەيلەننىڭ ھەقىقىي نومغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ قايتىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ جىق ئويلىۋالماڭلار، ئەمەلىيەتتە جاۋابىنى بېشىدىلا بېرىپ بولدۇم!

باش سۈرەت تاللاش x
  • ar por5 كۈن ئىلگىرى

    قانداق كىنو بولىدۇ،تاڭسىڭنى ئۇچۇرۇپلا نومنى ئەكەلسە

  • قەيسەرمۇھەممەت5 كۈن ئىلگىرى

    تۈۋەندەكى ئۇستاز دىگەن بۇلانىڭ ھەممىسى تەربىيىۋى كۈچىبا نەرسىلەر ،بىز بۇيەدە قۇرۇق غەرىپكەساياھەتنى ئەمەس ،شۇئاساستا باشقا تېمىنى كۈچەيتىپ سۆزلەپ بىرۋاتىمىز ،مۇشۇنىمۇ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىڭىز بوممىسا سىزنڭ جۇباجى بىلەن پەرقەڭىز ئازلام قاپتۇ

  • ئۇستاز1 ھەپتە ئىلگىرى

    چۇنكى بۇنىڭ ھەممىسى يالغان يالغان نەرسە ئۇستىدە مۇلاھىزە قىلىشماڭلار دۇسلار سىلەرنەڭ باشقا ئىشىڭلار يۇقمۇ ھە ھەييييي

  • جاھان كەزدى 3381 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۇستازىنىڭ پىر كالان ئىكەنلىكىنى تاتىھاگاتو بىلىدۇ ،شۇڭا ئىككى سۇنۋۇكۇڭ ۋەقەسىنى پىلانلاپ ئۈزىنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغا ئالۋاستى سۇنۋۇكۇڭنى قالدۇرۇپ ھەقىقىي سۇنۋۇكۇڭنى ئۆلتۈرۈپ پىر كالان بىلەن بولغان ئۆچ ئاداۋەتنى تۈگىتىدۇ ،مۇشۇ ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇن سۇنۋۇكۇڭ ئالۋاستىلارنى ئەرىشتىكىلەرنىڭ ياردىمىسىز يوقاتقان ،مۇشۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن يالغان سۇنۋۇكۇڭ ئالۋاستىلارنى ئەرىشتىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىنى بىلگەچكە ئەرىشتىن ياردەم سۇراپلا ئاسانلا يوقاتقان

  • جاھان كەزدى 3381 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇنۋۇكۇڭ ئۇستازىنىڭ زىيان زەخمەتكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئالۋاستىلارنى يوقۇتۇشقا ئەرىشتىكىلەردىن ياردەم سۇرىغان بولىشى مۇمكىىن

  • مۇتەپەككۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەلىم نوقتىدىن ئېتقاندا .ئەمىلىيەتتە بۇ ئەسەر بىز ھايات يولىدا دۇچ كىلىدىغان نۇرغۇن بىزنى قىينىغۇچى سۇئاللارنى يۇرتۇپ بىرىپلا قالماي.يەنە ھاياتنىڭ قىممىتى ئۈستىدىمۇ بىزگە كوپ نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇرالايدۇ.مەسىلە بۇ ئەسەرنى قايسى نوقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشتا.
    ئەمىلىيەتتە .تاڭسىڭنىڭ تۆت شاگىرتىنىڭ ھەممىسى ئەۋلىيالىق مۇقامىغا ئېرىشىپ بولغان ھەممىسىنىڭ ئوزىگە چۇشلۇق ۋەزىپىسى با شەخىسلەر ئىدى .بىراق ئۇلانىڭ باشلىغى قىمما دىگەن ئىشنى قىلىپ جىنايەت ئوتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن دەرجىسىدىن تۈۋەنلىتىلىپ زىمىنغا چۈشۈرۈلگەن ياكى جازالانغان.قىسقىسى ئۇلا ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قەدىرگە يەتمىگەن ھوقۇقىنى ۋە ماھارىتىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ئوزىنى دۇنيادا بىر ماڭا ھچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلىۋالغان . شۇڭا ئۇلانىڭ باشلىغى ئۇلاغا يەنە پۇرسەت بىرىپ ئۇلانى تەربىيلەپ ئوزگەرتىشنى قارار قىلغان .ئۇلانى تاڭسىڭدىن ئىبارەت غايە ئىتىقاتىن بىلەك ھېچقانداق بىر ماھارىتى يوق تۇۋەن تەبىقىدىكى ئادەم بىلەن بىللە بىر كوللىكتىپ قىلىپ مۇھىم بىر غايۋىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش قا بۇيرىغان ئۇلا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىسىلام ئۇلانىڭ مەرتۋىسى ئەسلىگە كىلەتتى بىراق بۇ ۋەزىپە مۈشكىلاتلارغا تولغان ئىدى .ئۇلا بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئوزىدىنمۇ كۈچلۇكلىرنىڭمۇ بارلىقىنى ئوزىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى .باشقىلاغىمۇ ھاجىتى چۈشىنىدىغانلىقىنى . ماھارەتنى نەگە ئىشلىتىش كىرەكلىكىنى دىگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈنۈپ يەتتى .ھەم نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئوتكۈزۈپ كەتكۈزۈپ قويغان مەرتىبىنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغىنىنىمۇ ھىس قىپ يىەتتى دىمەك ئۇلا ھەقىقى ئوزگەردى .ئەگەر بۇ جەريان بولماي .سۇنۋۇكۇڭنى تاغققا باستۇرۇپ يەنە مىڭ يىل قويۇپ . قويۇپ بەرگەن بولسا ئۇ يەنىلام ئوزگەرمىگەن بۇلاتتى .شۇڭا بۇ جەريان بەكمۇ مۇھىم .

  • kapitan1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىلەر دىققەت قىلدىڭ لىمۇ شا سىڭ ئۇخشمىمگان يىرى با كان مايمۇن مۇ شۇ دايمەن

  • بۇلۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچي بۇ ھيكايىني يازغۇچي كيشلەرنىڭ بر كۇللەردە مۇشۇنداق مۇلايىزە قىلىشنى ئويلاپ باقمىغاندە ئۆز ۋاقتيدا مەسلەن azap 17 دىگەن نۇرداشقا ئوخشاش ،

  • قالتىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇن ۋۇكۇڭ ئەرىشنى مالىمان قىلغاندا ئەۋلىيا لار تەڭ كىلەلمەيدىكەن پەرىشتىكى جىن شاياتۇنلار نى يىڭەلمەي يەنى شۇ ئەرىش تىكىلەنى چاقىردىكە شۇ ئەرىشنى مالىمان قىلغاندىلا ئالۋاستىلارنى بىرنەچچىنى قۇيۇپ بەسىلا ئىش تۈگەيتى

  • مىليۇندىردوسلار1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇ كىنو بەكلاچۈشنىسىز سىلەر قانداق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号