باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

708يوللانما
10مەستانە

ئۆمرىدە 4 يولدىشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئايال 80 يېشىدا قانۇن تورىغا چۈشتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 17:00 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 80 ياشلىك كانادالىق بۇ ئايال ئۆمرىدە 4 قېتىم يولدىشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئاخىرى 5-قېتىم دېلو سادىر قىلىۋاتقاندا تۇتۇلغان.

ئۇ 25 يېشىدا يولدىشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى باشلىغان، ئۇ بەك ئەقىللىق بولغانلىقتىن ئىزچىل قانۇن تورىغا چۈشمەي كەلگەن.

ئۇ 1-يولدىشىنى ماشىنىغا سوقۇپ ئۆلتۈرگەن، ئۆزىنى ئاقلاپ تۇرۇۋالغانلىقتىن سوت مەھكىمىسى سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى دەپ قاراپ، 2 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

كېيىن ئۇ ھەممە يەردە زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىدە يولدىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق زوراۋانلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قانداق قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، نەتىجىدە ئۇ يەنە ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان.

ئۇ 2-، 3-،4- يولدىشىغا ئۇيقۇ دورىسى بېرىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن، 3-يولدىشىدىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال-بىسات مىراس قالغان، لېكىن جىنايەت ئىزلىرىنى ياخشى يۇشۇرغانلىقتىن كىشىلەر ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىغان.

ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز يولدىشىغا زەھەرلىك قول سالىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بەلكىم بۇنى پەقەت ئۆزىلا بىلىشى مۇمكىن.

5-يولدىشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرىدىغان ۋاقىتتا بەختكە يارىشا يولدىشىنىڭ شەخسىي دوختۇرى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ قالغان.

بۇ قارا تۇل خوتۇن ئاخىرى 80 يېشىدا قانۇن تورىغا چۈشتى، سوت مەھكىمىسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 130******021 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بىرىدىكەن،80ياشقا كىرگەن ئادەمنىڭ يەنە قانچىلىك ئۆمرى قالغاندۇ

  • يالقۇن1 ھەپتە ئىلگىرى

    يا پىرىم بۇ ئايالغا يولدۇشىنى ئۇلتۇرۇش خۇمارمۇ نىمە؟ئۇنداق ئۇلتۇرۋەتكىچە تەگمىسىلا بولمامدۇ؟ئاۋۇ ئەرلەنىمۇ قار بېسىپ قالمايدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号