باش بەت

tayks

606يوللانما
6مەستانە

شاكىلاتتىن ياسالغان كۆينەكنى كىيىشكە پېتىنالامسىز

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

گۈزەللىكنى سۆيۈش ھەر بىر قىزنىڭ تۇغما تەبىئىيىتى، بىراق قىزلار شاكىلاتنىڭ تارتىش كۈچىگىمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىككىسى بىرلەشكەندە قىزلار ھەرگىزمۇ رەت قىلالمايدىغۇ دەيمەن، چەتئەلدىكى بىر لايىھەلىگۈچى دەل مۇشۇنداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

بۇ لايىھەلىگۈچى زور مىقداردىكى شاكىلاتنى ئىشلىتىپ بىر يۈرۈش كۆينەك ۋە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى ياسىدى.

ئۇ ئاۋۋال شاكىلاتلارنى قىزىتقاندىن كېيىن يۇمشىتىپ شەكىلگە كىرگۈزگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى.

كېيىن نوغۇچتا شاكىلاتلارنى چاپلاشمايدىغان تاختاي ئۈستىگە يايدى.

ئۆتكۈر پىچاق بىلەن شاكىلاتنى ئىككىگە بۆلدى، كېيىن يان تەرىپىگە ئۇششاق تۆشۈكلەرنى تەشتى.

ئارقىدىن كۆينەكنىڭ ئۈستى قىسمىغا كەلدى، ئۇزۇن شاكىلاتلار بىلەن كۆينەكنىڭ ئىككى تەرىپىنى چاتتى، ئېشىپ قالغان شاكىلاتتا چىرايلىق گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى چىقاردى.

كىچىك شاكىلات گۈللىرىنى كۆينەكنىڭ ئۈستى قىسمىغا چاپلىدى، ئەمدى شاكىلاتنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ساقلىسىغا بولاتتى.

كۆينەكنىڭ بويۇن قىسمىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، كۆينەكنىڭ ئۈستى بەدەن قىسمى پۈتتى. ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئازراق ئېشىپ كەتسىلا بۇ شاكىلات كۆينەك ئېرىپ كېتەتتى.

كۆينەكنىڭ ئاستىنقى بەدەن قىسمىنى تورت ياسىغۇچى ئۇستام ياساپ چىقتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号