باش بەت

tayks

606يوللانما
6مەستانە

ئانا سەرگەردانلىققا كۆنۈۋالغان ئوغلىنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئايروپىلان بىلەن كۆرگىلى باردى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 16:20 3 ئىنكاس چۈشتى

Thompsonنىڭ ئاۋسترالىيەدە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئۇ يەردە خىزمەت قىلمايتتى ياكى ئوقۇمايتتى، بەلكى كوچىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرەتتى، شۇنداقلا زەھەر چېكىدىغان يامان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالغانىدى. ئوغلىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئانا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئايروپىلاندا ئۇنى كۆرگىلى باردى.

بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى دەننىر بولۇپ، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ زەھەر چېكىدىغان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىشنى خالىماي، مېلبۇرن كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشنى تاللىدى، ئانىسى ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئانا ھەپتىدە بىر قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئوغلىنى كۆرگىلى كېلىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ ئوغلىنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كوچىدا قوندى، بىراق پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى.

ئۇنىڭ بىر نەچچە ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى ناھايىتى گەپ ئاڭلايتتى، بىراق دەننىر بەكلا جاھىل ئىدى، ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە كوچىدا قونماقچى بولغاندا دەننىرنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كېلەتتى، ئۇنى شەخسىي تۇرمۇشۇمغا ئارىلاشتى، دەپ قارايتتى.

ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولدى، ئۇ زەھەردىن نەپرەتلەندى، زەھەر ئوغلۇمنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى، سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلىدى، دەپ ئويلىدى.

مېلبۇرن كوچىلىرىدىكى سەرگەردانلار دەننىرنىڭ قىلىقىنى پەقەتلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى. ھەممە ئادەم ئىللىق ئائىلىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئۇ بەختلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ كوچىدا سەرگەردان بولۇشنى تاللىدى، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 239411 ھەپتە ئىلگىرى

    ماۋۇ ساراڭ گۇينىڭ قۇلىقىغا ئۇرۇپ ئىس چىقىرىدىغان گۇي ئىكەن ماۋۇ.

  • يالقۇن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ئانا بۇ دۇنيادا باللىرى ئۇچۇن يۇرۇكى پارە پارە بولدىغان مىھرىبان ئنسان بامىدۇ؟

  • جوكىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号