باش بەت

دىل بايان

195يوللانما
46مەستانە

سەھرالىق يىگىت موتسىكلىت بىلەن لەمبورگىنىنى سوقۇپ پايدا ئالدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 16:01 9 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەتتىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە پىيادىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاۋارىچىلىققا ئۇچراشتىن بەكرەك قورقىدىغىنى يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل، يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلسىڭىز سىزنى ئەكىتىدۇ، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا سوقۇلسىڭىز ئۆزىڭىز بار، بىراق پۇلىڭىزنى ئەكىتىدۇ.

ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار يولۇققاندا بەزىلەر پەقەت يىراقتىن قاراپلا قويىشىدۇ، بىراق بۇ سەھرالىق يىگىت بۇ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلنى كۆرۈپ ئېھتىمال ئاپتوموبىلنىڭ شەكلىگە مەپتۇن بولۇپ قالغاچقىمۇ موتىسكلىت بىلەن ئارقىسىدىن قوغلىغان، لېكىن دىققەتسىزلىكتىن ئۇدۇل بېرىپلا ئاپتوموبىلغا ئۇرۇلغان.

بۇ ۋاقىتتا يىگىت راستلا قورقۇپ كەتتى، گەرچە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ھەيدەپ باقمىغان بولسىمۇ بىراق، باھاسىنىڭ ناھايىتى قىممەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى، بۇ سوقۇلۇش بىلەن ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ نەچچە ئون مىڭ يۈەن تۆلەپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ تەمتىرەپ قالدى.

شوپۇر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ يىگىتنىڭ سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغىنىنى ھەم بۇ سەھرالىق يىگىتكىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ كەتمىدى، ھەرھالدا ئاپتوموبىلىنىڭ سۇغۇرتىسى بولغاچقا بۇنچىلىك رېمونت ھەققى ئۆزىگە نىسبەتەن ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. بىراق بۇنچىلىك پۇل باشقىلارنىڭ نەچچە يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلەتتى، ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇ ياشنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يىگىتكە تۇتقۇزۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىشقا دەۋەت قىلدى. ھۈ...ھۈ...  كىمدە قولياغلىق بار... (بۇ يەردە تەسىرلەندىم دېمەكچىدە)

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇڭ سىرداش1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھە ماۋۇ بۇلىدىغان ئامالكەن ،ئەگەردە ماشىنىغا ئۈسۈشكە توغرا كەپ قالسا مۇشۇنداق ،ئالىي ماشىنىلاغا ئۈسسەك بولغۇدەك

  • سېغىنىش1 ھەپتە ئىلگىرى

    باغرى يۇمشاق كەڭ قورساق ئادەمكەن تەسىرلەندىم

  • نۇرغۇن1 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇل ئۈچۈن ئۇنداق قىلىپ كەتمەيلى ھە

  • suxtum1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن چۇشۇپ ئىڭكىنى چۇۋۇۋەتكەن بىر چاغ،

  • باشمالتاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسىللىقىنى ماۋۇ ئادەمنىڭ تەلىيى بار ئىكەن ئاۋۇ ئادەنىڭ

  • ..............1 ھەپتە ئىلگىرى

    كېنىشكىسى يوق شوپۇرمۇ نىمە بۇ ، بىراق ياخشى ئادەمكەن

  • زۇكام1 ھەپتە ئىلگىرى

    تەھرىرنىڭ كومىدىيەلىكىگە گەپقىلىش ھاجەتسىز دە ياشاپلىتىڭلا نۇر تەھرىرلىرى

  • كەمپۈت1 ھەپتە ئىلگىرى

    باي بولسا مۇشۇنداق كەڭ قورساق ئىسىل بولسا

  • ئاكاش ياخشى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇششۇق لىقنىڭ نىملىكىنى بىلمەيدىغان ئىسىل ئادەمكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号