باش بەت

بىلىگ

2987يوللانما
35مەستانە

مىكروسوفت CEOسى نادېللا: مۇنۇ ئۈچ تېخنىكا كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

مىكروسوفتنىڭ CEOسى نادېللا Geek Wire يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: «ئارىلاشما رېئاللىق (كۈچەيتىلگەن رېئاللىق بىلەن مەۋھۇم رېئاللىقنىڭ ئارىلاشمىسى)، سۈنئىي ئىدراك ۋە كىۋانت كومپيۇتېرى كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدىغان ئۈچ چوڭ تېخنىكىدۇر». 

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەيلى چۆكۈپ تۇرۇپ سىناق قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان مەۋھۇم رېئاللىقنى ئېچىش بولسۇن، ياكى رەقەملىك سۈرەتلەرنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ۋە تاقالما ئۈسكۈنىلەردە قاتلاپ كۆرسىتىدىغان كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئارىلاشما رېئاللىق تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى تېخنىكا يەنە سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرىنى چۈشىنىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا لايىھەلىگۈچىنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ھەم ئىشلەتكۈچىلەر بىر كۆرۈپلا قورقۇپ كەتمەيدۇ». 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مىسال قىلىدىغان بولساق، مىكروسوفت بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان ھولوگرافلىق كۆز توسقۇچ (HoloLens)قا بۆلەكلەرنى ھولوگراف تېخنىكىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان بۇيرۇتما ئۆزەك ئىشلەتتۇق، شۇ ئارقىلىق ھولوگرافلىق كۆز توسقۇچنىڭ سەزگۈچى يەتكۈزۈپ بەرگەن زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلدۇق، شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىنىڭ كۆز ئالدىدا جەلپكار، ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەن دۇنيانى نامايان قىلدۇق». 

سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ-يېتىلىشى بىلەن، ئۇمۇ ئەنئەنىۋى ھېسابلاش ئىقتىدارنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچراشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن كىۋانتلىق ھېسابلاپ پەيدا بولغان. 

كىۋانتلىق ھېسابلاش پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇقەددەس «تەخت»كە ئوخشايدۇ. بۇ تېخنىكا بارلىققا كەلگىلى كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ، بىراق ماتېرىيال پەن-تېخنىكىسى ۋە پىروگرامما تۈزۈش تېخنىكىسى ساھەسىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن بۇ تېخنىكىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ھېسابلاشتىكى 0 ۋە 1دىن ئىبارەت ئىككىلىك سىستېمىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، كىۋانتلىق ھېسابلاشتا كۆپ خىل شەكىلدىكى مەلۇماتلاردىن پايدىلانغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پىروگراممېرلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 

نادېللا مۇنداق دېدى: «مەلۇم ساھەلەر ھازىرقى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشتىكى چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن بىز ئىزىدا تۇرۇپ قالدى. تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن خىمىيەلىك رېياكسىيەلەرنى ھازىرقى كومپيۇتېرلارنىڭ تەقلىد قىلىپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇبادا، تىببىي ساھەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز ھەمدە ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدىغان كىلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز دەيدىكەنمىز، كومپيۇتېرلارنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەي بولمايدۇ. ئەمما، بۇنى ئەنئەنىۋى كومپيۇتېرلارغا كىرگۈزۈپ ھېسابلايمىز دېسەك، بۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، بىزنىڭ كۆپ ۋاقتىمىز قالمىدى». 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号