باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10830يوللانما
835مەستانە

جاۋ ۋېي فىرانسىيەدىكى ھاراق قورۇقىنى ئاشكارىلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 17:31 6 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇشۇ ئىككى كۈندە، جاۋ ۋېي مىكرو بىلوگىغا ماقالە ئېلان قىلىپ، بىر يىلدا بىر قېتىم ئۈزۈم يىغىۋېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، ھاراق قورۇقىمىزمۇ ھاراق ئېچىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېگىنىچە، مۇئاۋىن غوجايىنلىق سۈپىتىدە، مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.

ئەمەلىيەتتە، جاۋ ۋېينىڭ ھاراق قورۇقى مۇنداقلا ئوينىشىپ دەپ قويغان گەپ ئەمەس. قاراشتىنلا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئىنتايىن ئۆلچەملىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مانا بىر قانچە ئىشچى يىغىۋېلىنغان ئۈزۈملەرنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش.

بۇ كىشى ئۈزۈملەرنى تىزىۋاتىدۇ. قاراشتىنلا بىر خىل ئېسىلدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، شۇنداقمۇ؟

جاۋ ۋېي 2011-يىلى بۇ ھاراق قورۇقىنى سېتىۋالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قىممەت ھاراق قورۇقى بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە سۈرەتلەردىنلا، بۇ يەرنىڭ ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.

بۇ ئۆي قارىماققا قەلئەگە ئوخشاش، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.

جاۋ ۋېي ئىزچىل داۋراڭ سېلىشنى ياقتۇرمايدۇ. گەرچە پۇلدار بولسىمۇ، بىراق ھېچقاچان كۆز-كۆز قىلىپ باقمىغان. ئۇ تاكى مەلۇم بىر يىلى شيې تىڭفېڭغا ماسلىشىپ «12 خىل ئۆتكۈر تەم»نى سۈرەتكە ئالغاندىلا، ئاندىن ھاراق قورۇقىنى ئاشكارىلىغان.

فىرانسىيەدىن ئۆز ئەينى ئىمپورت قىلىنغان قىزىل ھاراق ئوكامبىروۋىن دەل جاۋ ۋېينىڭ ھاراق قورۇقىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان، نوچىمىكەن؟

جاۋ ۋېي بەكرەك ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، يەنە دائىم دېگۈدەك، قىزى شياۋ سىيۆ ۋە يولدىشى خۇاڭ يوۋلۇڭ بىلەن فىرانسىيەگە بېرىپ، ھاراق قورۇقىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ تۇرىدۇ.

بۇ يىل شياۋ سىيۆ ئارام ئالغاندا، يەنە بىر قېتىم ھاراق قورۇقىغا باردى. ئۇنىڭ ھازىر ئۇزۇن چاچلىق چوپچوڭلا قىزغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ھاراق قورۇقىنىڭ كاتتا غوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنى تەشۋىق قىلىش ئىنتايىن نورمال ئەھۋال، ئۇ ھەتتا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندىمۇ چوقۇم ئۆزى بېرىپ ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرىدۇ.

2 يىل ئىلگىرى، «قوش 11» پائالىيتىدە، جاۋ ۋېي يەنە ما يۈن بىلەن ھەمكارىلىشىپ، مەھسۇلاتىنى مەلۇم تۈرگە كىرگۈزگەن ھەمدە فىرانسىيەدە ئېچىتقان ھارىقىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان. (ۋاۋ... سىز بەك قالتىسزكەنسىز)

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدىرەيىمجان2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئەڭ قايىل چولپان جاۋۋىي

  • 177******302 ئاي ئىلگىرى

    سىنگاپوردىمۇ بىر ئېكىنزارلىقنى بار كۆلىمى بەك چوڭمىش دەپ تۇراتتى بىرخەۋەردە

  • دۇتتا كىمنىڭ ؟2 ئاي ئىلگىرى

    قوش 11 دە ھەمكارلاشتى دەپتىغۇ ئەنە … مەنىسى دىگەن شۇ

  • تۇرسۇن پىر پىر2 ئاي ئىلگىرى

    titan توداش ئۇ قول ئىشارىسىنىڭ «قوش11»مەنىسى باركەنغۇ ئەنە

  • titan2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ قول ئىشارىسىنىڭ نىم مەنىسى باردۇ

  • قىزىل ياقۇت2 ئاي ئىلگىرى

    تىرىشچان جۇمۇ بۇ جاۋۋىي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号