باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

742يوللانما
14مەستانە

تورغا خۇمار بولغان ئەر 40 يۈەن ئۈچۈن بىر ئائىلىنى ھەم ئۆزىنى ۋەيران قىلدى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 17:45 0 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 23 ياشلىق ئەر ليۇxx كۈنبويى قىلىدىغان ئىشى يوق لاغايلاپ يۈرۈپ يانفون ئويۇنى ئويناپ، تورخانىغا مەستانە بولۇپ بۇ ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتالمىدى. مەيلى ئائىلىسىدىكىلەر قانداق نەسىھەت قىلسۇن ئۇ ناچار قىلىقلىرىنى ئۆزگەرتمىدى، ئۆيىدىكىلەر پۇل بەرمەي يېنىدا پۇل قالمىغاندا قارا نىيەت پەيدا بولدى، بىر كۈنى كەچتە ئۇ زىيانلانغۇچى ئايال ۋەنxx نىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ۋەنxxنىڭ ئۆيىگە ئوغرىدىن مۇداپىيەلىنىش رېشاتكىسى ئورنىتىلمىغانلىقىنى بايقاپ ۋەنxxنىڭ ئۆيىگە تۇيدۇرماي كىرىپ ئوغرىلىق قىلماقچى بولدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ۋەنxx ئۇنى تۇيۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەنxx نىڭ كانىيىنى بوغۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتتى، ۋەنxx ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن ليۇxxنىڭ شەھۋانىيلىقى قوزغىلىپ ۋەنxxكە باسقۇنچىلىق قىلىپ ئاندىن ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ئۇ يەنە ۋەنxx نىڭ كىچىك قىزىنى بوغۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ئۆيدىكى 40 يۈەننى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتتى، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى ئوغرىلاپ چىققان 40 يۈەن پۇل بىلەن تورخانىغا كىرىپ داۋاملىق تورغا چىقتى، ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھېچقانداق باشقا ئويى يوقلىقىنى، پەقەت تورخانىغا كىرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. ليۇxxكە ئوخشاش كىشىلەر تورخانىغا خۇمار بولغان، يەنە كېلىپ بۇ خىل خۇمار ئۇلارنىڭ پۈتۈن جىسمىغا سىڭىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇلارنى داۋالايدىغان دورا يوق.

ئاچكۆزلىكى، ئەرزىمەس ئارزۇسى ئۈچۈن پۇل-مالنىڭ كويىدا پەقەت 40 يۈەن پۇلنى دەپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ليۇxx ئاران 23 ياشتا، دەل ئۇنىڭ ئەرزىمەس ئارزۇسى سەۋەبىدىن ۋەنxx بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىپ، تېخى ئىش ئۇقمايدىغان بالىسى ئانىسىز قالدى، ئۇنىڭ ئۆلتۈرگىنى پەقەت ۋەنxx بولماستىن بەلكى بىر بەختلىك ئائىلە، ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆمرۈم شۇنىڭ بىلەن تۈگەشتى.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号