باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10830يوللانما
835مەستانە

دىلرابا مۇخبىرنىڭ لۇ خەن توغرىلىق سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 18:03 21 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-ئۆكتەبىر، لۇ خەن بىلەن گۇەن شياۋتۇڭ مۇھەببىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئىزچىل كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى. يېقىندا دىلرابا مەلۇم پائالىيەتكە قاتناشقاندا، مۇخبىر ئۇنىڭدىن لۇ خەن مۇھەببىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بەخت تىلىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، دىلرابا تۇيۇقسىزلا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى-دە، بۇنى كۆرگەن خىزمەتچى دەرھال زىيارەتنى ئاياغلاشتۇردى.

بۇ قېتىملىق زىيارەتتە تورداشلار بەس-بەستە: «مېنىڭچە شۇ مۇخبىرنىڭ كاللىسىدا دەردى باركەن، دىلرابا بىلەن لۇ خەننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىش بولمىسا، نېمە قىلىدۇ خەققە بەخت تىلەپ»، «دىلرابانى قوللايمىز، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگىنى ئەڭ ئاقىلانىلىك»، «توغرا، ئىپادە بىلدۈرۈپلا قويدىما، ئۇنى قارىلايدىغانلار تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ»، دېيىشتى.

دىلرابا بىلەن لۇ خەن ئىلگىرى بىرلىكتە «يۈگرەيلى بۇرادەر» ناملىق ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىغا قاتناشقاندا، پىروگىرامما گۇرۇپپىسى دىلرابا بىلەن لۇ خەننىڭ يېقىن ھەرىكەتلىرىنى مەسىلەن، بېشىنى سىلاش، بىر-بىرىگە تىكىلىپ قاراش دېگەندەك ھەرىكەتلىرىدە تۈرلۈك ھال رەڭلىك بەلگىلەرنى چىقىرىپ، بىر تۈركۈم «چاپلاش» ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەر خىل قىياسلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • چىن دىل2 ئاي ئىلگىرى

    دىلراباغا سوقماق شاھزادىسى ئادىلجان كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتاتتى دىلرابانىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى يوللىمىدىڭلارغۇ ، تەھرىرلەر.

  • مۇڭۋاز2 ئاي ئىلگىرى

    ھىلى لوخەنگە ھىلى ھوشۇق پىچاققا تاڭماي مۇنداق دىلرابا ئورنىغا ئۆزۆڭلانى قويۇپ ئويلاڭلار ئۇ تىخى ئۆزىنى كىچىك قىز ھىساب لامدۇ تىخى

  • نۇر قىز2 ئاي ئىلگىرى

    ھەر نىمە دىگەن بىلەن دىلرابا بىزنڭ پەخىرمىز
    جۇماڭلا شەخسەن ئۈزۈم بەك ياقتۇرمەن دىلرابانى

  • ئۇز سۇلتان2 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر دىلرابامۇ يۈگىرەيلىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئاۋۇ ئالتىسىگە ئوخشاس تەبىرىكلىسە لۇخەن ئېلان قىلغان پارتلاش خارەكتىرلىك خەۋەردىن قېلىشماي قالا بولغۇيدى شۇڭا سۈكۈت ئەڭ توغرا جاۋاپ

  • چالىقۇشى2 ئاي ئىلگىرى

    دىمىسىمۇ نىمە دىسە بۇلاتتى تازىمۇ قاملاشمىغان خەقكەن بۇ

  • 177******302 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ كۆرگەن زىيارەتنى دىلرابانى ئوڭايسىزلاندۇرۇپقويدى مۇخپىر دىگەننىزە

  • ئۇدۇن2 ئاي ئىلگىرى

    لۇخەن بۇ ئەر كىشىما چىرايىغا قارىسا بىر يەلىرى بىر قانداقيا ئۇنىڭ ،

  • بى بى72 ئاي ئىلگىرى

    مىليونىر توغرا گەپ قىلدىڭىز!

  • مىھرى نىقاپ2 ئاي ئىلگىرى

    گەپ قىلمىغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بوپتۇ ،،ئەسلى لۇخەن بۇرۇنراق ئاشكارلىسا توغرا بولاتتى ،

  • ئارزۇ2 ئاي ئىلگىرى

    بەرىبىر ماس كەلمەيدۇ چاپلىسىمۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号