باش بەت

مەۋلىدە بەردى

65يوللانما
5مەستانە

ھەربىيلەر كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا «تۆھپىكار ئاپشاركا»نى ئۇزىتىپ قويدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 18:58 3 ئىنكاس چۈشتى

 تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 8-ئۆكتەبىر سائەت 12 يېرىمدا، گۇاڭدۇڭ چېگرا مۇداپىئە 5-ئەترەت 4-ئوتتۇرا ئەترىتى بىر قېتىملىق ئاددىي ئەمما داغدۇغىلىق خوشلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئاپشاركا ئېركۇنغا ھەربىيچە ئەڭ ئالىي ئېھترامىنى بىلدۈردى. ئاپشاركا ئېركۇن ساقچى لاگېرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، 2007-يىلى خېيلۇڭجياڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى خاربىن ئاپشاركا تەربىيلەش بازىسىدا تەربىيلىنىشنى تۈگىتىپ يېتەكچىگە ئەگىشىپ گۇاڭدۇڭ چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىگە كەلدى ۋە 10يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى.

10 ياشلىق ئېركۇن ئادەم يېشىغا سۇندۇرغاندا 80 ياشتا. تەن قۇۋۋىتى ۋە ئىنكاسى ئاللىقاچان خىزمەت شەرتىگە ماس كەلمىدى. يىل بېشىدا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن يېتەكچى پەن جيەنيى داۋاملىق ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

بۇلتۇر 9-ئايدا، يېتەكچى ھەربىيلىكتىن چېكىنپ پەن جيەنيى ئۇنىڭ يېڭى يېتەكچى ئۇستازىغا ئايلاندى، بۇ چاغدا ئېركۇن قېرىپ ھەربىيلىكتىن چېكىنىش ۋاقتىغا كەلگەن، تەربىيەچى : <مېنى ئېركۇننىڭ يېتەكچىسى دېگەندىن كۆرە ئۇنى مېنىڭ ئۇستازىم دېسەم بولىدۇ، ئولتۇرۇپ قوپۇش، ئەگىشىش، قوغلاش، چىشلەش قاتارلىق ئاددىي كۈندىلىك مەشىقلەردە مېنىڭ كۆرسەتمەم توغرا بولمىسىمۇ ئۇ مېنىڭ مەقستىمنى دەرھال چۈشىنىپ ئۆلچەملىك ئىجرا قىلالايدۇ> دېدى. بىر يىلدىن بۇيان يېتەكچىنىڭ ئېركۇنغا مېھرى چۈشۈپ قالدى. <ئېركۇن بەك ئەقىللىق ئاپشاركا، ئۇنىڭ بىلەن شېرىك بولۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ>.

9-ئاي كىرىشى بىلەن ئېركۇن ئۇدا نەچچە كۈن ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. ئۇنىڭ يۈرىكى زەئىپلەشكەنلىكتىن دوختۇرخانا دەرھال خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئوپىراتسىيە قىلىنسا %50 ياشاش ئۈمىدى بارلىقىنى ئۇقتۇردى. 4 سائەتكە سوزۇلغان ئوپىراتسىيە ۋە بىرھەپتىلىك كۈتىنىشتىن كېيىن، ئېركۇن مۆجىزە خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلدى.

دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن، يېتەكچى پەن جيەنيى توردىن مەخسۇس سوۋۇتقۇچ سېتىۋېلىپ ئاپشاركا ئۆيىگە بېكىتىپ بەردى ھەم ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن سەيلە قىلدى.

ئېركۇنمۇ ھەركۈنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان رىزېنكە توپنى چىشلىۋېلىپ يېتەكچىگە سۈركىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توپ تۇتۇش ئويۇنى ئوينىدى.

ئېركۇن كۆپ قېتىم مۇھىم ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ تۆھپە ياراتقان. 2010-يىلى گۇاڭجۇ ئاسىيا ئولىمپىك مۇسابىقە ئامانلىقى ئۇنىڭ قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئامانلىق ۋەزىپىسى. ئۇدا 100كۈن ئاسىيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا مېيىپلار مۇسابىقە مەيدانىدا زەھەر ۋە پارتلىغۇچ ئاختۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، نۇرغۇن چەكلەنگەن تىغ ۋە ئاسان يانىدىغان، پارتلايدىغان بۇيۇملاردىن 100 قېتىمدىن ئارتۇقنى تاپقان. ئاسىيا ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ نام بەرگەن. ئېركۇن شۇندىن تارتىپ <تۆھپىكار ئاپشاركا> نامىغا ئىگە بولغان.

شۇندىن تارتىپ، تۆھپىكار ئاپشاركا ئېركۇن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشتا باش نامزات بولۇپ كەلگەن. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە يىلىدا، شېنجېن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، جۇخەي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى، ئاۋمېن خەلقئارا ساليوت بايرىمى قاتارلىق ئامانلىق قوغداش ۋەزىپلەردە ئاختۇرۇش ۋەزىپىسى ئۈستىگە ئالغان، يەنە بىرقانچە زەھەرگە قارشى ھەرىكەتلەردە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان.

ياش ۋاقتىدىكى ئېركۇن چىشلەش مەشىقى قىلماقتا.

ھېچكىممۇ ئېركۇننىڭ بۇنچە بالدۇر كېتىشىنى ئويلىمىغان. 8-ئۆكتەبىر چۈشتە پەن جيەنيى بۇرۇنقىدەكلا سۇ ۋە ئاپشاركا يېمى ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا بارغان. لېكىن ئېركۇن بۇرۇنقىدەك ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۇنى قارشى ئالمىغان. نورمالسىزلىقنى سەزگەن پەن جيەنيى ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ، ئېركۇننىڭ ھالسىز يەردە ياتقانلىقىنى ۋە تىنىقى قالمىغانلىقىنى بايقىغان.

يۇقىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېركۇن ھەربىي قىسىم ئارقىسىدىكى تاغقا قويۇلغان. ئۇ باشقا قۇربان بولغان ھەمراھلىرى بىلەن بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. ھازىر پەن جيەنيى داۋاملىق ئاپشاركا ئۆيىگە كىرىپ ئېركۇن ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ھازىر باشقا ئاپشاركىنى مەشىقلەندۈرىۋاتىدۇ، ئەمما ئېركۇن ئۇنىڭ قەلبىدە ئەڭ سادىق سەپدىشى، ھەمراھى ۋە ئۇستازى.

بۇ ئېركۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە سۈرىتى. يېتەكچى: <ئېركۇن ناھايىتى تىنىچ كەتتى، لېكىن دەماللىققا قوبۇل قىلالماي قالدىم. مەن ھەربىيلىك ھاياتىمدا نۇرغۇن ئات، ئاپشاركا ۋە كەپتەرلەرنى كۆندۈرگەن، بۇ تىلسىز سەپداشلىرىم سادىق، ئەقىللىق، قەيسەر، ئۇلاردا ئۆلۈمدىن ۋە خەتەردىن قورقماس روھ بار، ئۇلار ئادەملەر ئورۇنلىغۇسىز مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالاتتى> دېدى.

ئېركۇن ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگۈچە تامىقىنى كونترول قىلمىسام بولمايتتى، شۇڭا ئۆزى ئامراق گۆشتىن تويغۇدەك بەرمىگەنىدىم، بۇ مەڭگۈلۈك ئارمىنىمغا ئايلىنىپ قالدى، دېدى يېتەكچى پەن جيەنيى كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي. ئېركۇن كەتتى، ھەربىيلەر چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى ئۈچۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلغان سەپدىشىگە ئەڭ ئالىي ئېھترامىنى بىلدۈردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن كەلدىم2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ كىچىكىمدە بىر پىستەم بولىدىغان دادام ھەر كۈنى ئىشقا ماڭسا كەيدىن چىقىپ ئۇزتۇپ قويۇپ ئۆيگە يىنىپ كىلەتتى ،بىرە كىلومىتىر يىراقتىن ماشىننىڭ گۇدۇك ئاۋازىنى ئاڭلىسا قاۋاپ ئالدىغا چىقاتتى،مەن ئوقۇشقا ماڭغاندا ئىشىكتىن نىرى كەتمەيدىغان ئىت 3.4كىلومىتىرغىچە ماشىندىن ئەگىشىپ كەينىمىزدىن يۈگۈرگەن ،كىيىن چاشقان دورىسى يىگەن چاشقاننى يەپ سىلىپ ئۆلۈپ كەتتى ،ئۇچاغدا ھەممىمىز يىغلىغان ئىدۇق

  • قەخرىمان2 ئاي ئىلگىرى

    قەھىرمانغا سالام

  • zaman2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق ئاپشاركىكەن قايىل بولدۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号