باش بەت

رازى

1627يوللانما
44مەستانە

ئايروپىلان بېلىتى ئۆزگەرتىش توزىقىغا چۈشكەن ئايالنىڭ 80 مىڭ يۈەن پۇلى ئالداپ كېتىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 17:37 0 ئىنكاس چۈشتى

خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزگەرتىش باھانىسى بىلەن 20 نەچچە قېتىم ئالدامچىلىق دېلوسى سادىر قىلغان جىنايەت شايكىسى تارمار قىلىنىپ، 10 ئادەم قولغا ئېلىندى.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ليۇ شۆ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ يولدىشى بىر پارچە قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، قىسقا ئۇچۇردا ئۇ زاكاز قىلغان 25-چېسلادىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، ئۇچۇردا تەمىنلەنگەن بېلەت ئۆزگەرتىش مەخسۇس لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ ئالاقىلىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزگەرتىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ليۇ شۆنىڭ يولدىشى سىرتتا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا، يۇقىرىقى ئۇچۇرنى سۈرەتكە تارتىپ ليۇ شۆگە يوللاپ بەردى. يولدىشى يوللىغان ئۇچۇر بولغاچقا، ليۇ شۆ ھوشيارلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، قىسقا ئۇچۇرنىڭ راست يالغان ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپلا، قىسقا ئۇچۇردا تەمىنلەنگەن تېلېفون نومۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېلەت ئۆزگەرتتى. ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋالغان بىر ئەر بۇ قېتىملىق بېلەت ئۆزگەرتىشنىڭ سىستېمىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ليۇ شۆنىڭ 300 يۈەن بېلەت ئۆزگەرتىش پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، يۇقىرىقى ئەر ليۇ شۆنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئۇ ئەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا ليۇ شۆ چىقىمداندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم قارشى تەرەپنىڭ بانكا كارتىسىغا 79533 يۈەن يۆتكەپ بەردى.

ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايقىغان ليۇ شۆ چېڭدۇ ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلدى. ئۇ ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە ليۇ شۆنىڭ تىپىك ھالدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزگەرتىش باھانىسى بىلەن تېلېگراف ئالدامچىلىقى قىلغۇچىلارغا ئۇچراپ قالغانلىقىنى دەلىللىدى. ساقچىلار دەرھال تېلېگراف، تور ئالدامچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىش خىزمەت پىلانىنى يولغا قويدى ھەمدە تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا مەخسۇس زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا، چىڭياڭ تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ دېلونى تەكشۈردى.

مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى كۆپ مىقداردىكى دېلوغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، ئالدامچىلىق شايكىسىنىڭ خەينەن ئۆلكىسى دەنجۇ شەھىرىگە جايلاشقانلىقىنى يەكۈنلىدى، يۇقىرىقى دېلودىكى ئالداپ كېتىلگەن مال-مۈلۈك خەينەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايەتچىلەر ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرلىشىپ بېلەت ئۆزگەرتىش باھانىسى بىلەن چېڭدۇ شەھىرىدە ئون نەچچە قېتىم ئالدامچىلىق دېلوسى سادىر قىلغان ئىدى.

بۇ دېلودىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قىسقا ئۇچۇر يوللاش، ئابۇنتلار تېلېفونى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقى، شايكىدىكى ئەزالارنىڭ تەشكىلچانلىقىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىش تەقسىماتىنىڭ ئېنىق، زىيانكەشلىككە ئۇچراش دائىرىسىنىڭ كەڭرى، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ زور بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ دېلوغا قارىتا ئالاھىدە نازارەت قىلدى. چېڭدۇ ساقچىلىرى دەرھال ساقچى كۈچىنى تەشكىللەپ، جىنايەت گۇماندارلىرى پۇل ئالغان خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرى، لىڭشۈي ناھىيەسى، سەنيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن دېلو سادىر قىلغۇچىلار دېلو تۇغدۇرغان ۋاقىتتا ئىشلەتكەن ئاق رەڭلىك كىچىك ماشىنا ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى ئىگىلىدى، شۇنداقلا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بېكىتتى. ئارقىدىن دېلو پاش قىلغۇچى ساقچىلار خەينەن ئۆلكىسى دەنجۇ شەھىرى شەھىرىگە يۆتكىلىپ، شۇ يەردىكى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى مەزگىللەردە ئىگىلىگەن دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر خىل رازۋېدكا ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆپلىگەن تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا دەنجۇ شەھىرى نادا بازىرى فۇخاۋ كەنتىگە جايلاشقان تېلېگراف ئالدامچىلىقى ئۇۋىسىنى پاش قىلدى.

ساقچىلار جىنايەت شايكىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى، كىملىك ئۇچۇرى ۋە ئىش تەقسىماتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ رايوندا تور تارتىپ يوشۇرۇنۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى يۇقىرىقى شايكىدىكى 10 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئالدى، شۇنداقلا نەق مەيداندا دېلو سادىر قىلىشقا ئىشلەتكەن ئىككى دانە ئاپتوموبىل، كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى قولغا چۈشۈردى. ساقچىلار سوراق قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئالدامچىلىق شايكىسىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى قاتارلىق مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 20 نەچچە قېتىم ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزگەرتىش باھانىسى بىلەن دېلو سادىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى، نۆۋەتتە، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号