باش بەت

MastanaFilms

83يوللانما
67مەستانە

xجەڭچى يۈرۈشلۈكىنىڭ يېڭى باشلىنىشى: غەيرىي تالانت

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 21:42 3 ئىنكاس چۈشتى

مارۋېل مۇشۇ يېقىندا ئىككى تىياتىر ئىشلەپ تارقاتتى، بىرى «xجەڭچى: غەيرىي تالانت»، يەنە «ئادەم ئەمەسلەر» دېگەندەك، قىزىقارلىق بولغىنى ئىككى تىياتىرغا بېرىلگەن باھادا ناھايىتى چوڭ پەرق بار، «غەيرىي تالانت» قويۇلۇپلا سېسىق پەمىدۇر تورىدا %100 يېڭىلىق بار دېگەن باھاغا ئېرىشتى، لېكىن «ئادەم ئەمەسلەر» دېگەن تىياتىرغا %0 باھا قويۇلدى.

سەۋەبىگە كەلسەك، «ئادەم ئەمەسلەر»نىڭ ئۈنۈملىرىمۇ بەك ناچار چىقىپتۇ، ھەم ئىشلىگەندە ئانچە كۆڭۈل قويمىدىمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ بىرقانداق بىلىندى، شۇڭا بۈگۈن «غەيرىي تالانت»نى تەۋسىيە قىلىمىز


غەيرى تالانت

天赋异禀

بۇ تىياتىر قويۇلۇپلا نۇرغۇن ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، ھەم بۇ تىياتىرنىڭ رېتىمى ناھايىتى ئېنىق ھەم تېز، باشلىنىپ 6 مىنۇت بولا بولمايلا ئۆزگەرگەن ئادەملەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى سۆزلەندى، 10-مىنۇتىدا ئۆزگەرگەن بالىلارنىڭ ئىقتىدارى ئويغاندى، 15-مىنۇتىدا بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى قېچىشقا باشلىدى، دېمەكچى بولغىنىمىز: بۇ تىياتىردا ھېكايىنى سوزۇپ ئولتۇرماي جاڭ-جۇڭ سۆزلىدى دېمەكچى.

ھەتتا بەزى مېدىيالار بۇنى تىياتىرنى ماختاپ: «بۇ تىياتىر دەل بىز باشتىلا ئېرىشىشىمىز كېرەك بولغان ئېكىس جەڭچى يۈرۈشلۈك تىياتىرلىرى» دېدى.

«غەيرىي تالانت» ئەسلى «ئېكىس جەڭچى كىنو كائىناتى» بىلەن بىللە بۇ كائىناتتا تۇرىمىز دېگەن قارار بىلەن ئىشلەنگەن ئىدى. ئەمما كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ تىياتىرنى «ئېكىس جەڭچى كىنو كائىناتى» بىلەن پاراللېل دۇنيادا ياشىغان قىلىپ ئىشلىدى. 

شۇڭلاشقا «غەيرىي تالانت»نىڭ ۋەقەلىكى گەرچە كىنو كائىناتىدىكى قۇرۇلمىلارغا ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا كىنو كائىناتىدىكى ھېكايىلەر بىلەن ئوخشاش تەرەپلىرى بار. مەسىلەن، سىچراك ئائىلىسى قېچىۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇلار بىرىنچى بولۇپ ئۆزگەرگەن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئازادە بولغان رايون مېكسىكىغا قېچىشنى پىلانلىدى. «پولات بۆرە 3» تىمۇ لوگان لورانى ئېلىپ قېچىپ بارماقچى بولغان جايمۇ يەنە شۇ مېكسىكا.

يەنە تىياتىردىكى قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ بوينىغا سېلىنغان ئىقتىدارنى كونتروللاش ھالقىسى، «ئېكىس جەڭچى: كەلگۈسى يارىتىش» فىلىمىدە ئەرۋاھ مۈشۈكمۇ بىر قېتىم تاقىغان.

يەنە، سىتەن لى بوۋاي بار، بۇ تىياتىردا ئۇ بىر مېھماننىڭ رولىدا چىقتى، باش رول بىلەن سۈركۈلۈپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ قاۋاقخانىدىكى مۇلازىم ۋە مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرگەن ئادەملەر بولۇپ، بۇ يەردىكى بوۋايمۇ ئۆزگەرگەن ئادەم بولسا كېرەك.

تىياتىردا، ئېكىس جەڭچىلەر ۋە بۇرادەرلەر جەمئىيىتى مەۋجۇت ئەمەس، ئىنسانلارمۇ ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بۇرۇنقى بۇرادەرلەر جەمئىيىتى بىلەن ئېكىس جەڭچىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان جەڭ، بۇ «غەيرى تالانت»نىڭ ئاخىرلىرىدا مۇھاكىمە قىلىنىشى مۇمكىن.

بۇ تىياتىردا، تارىختا مەۋجۇت بولغان ئېكىس جەڭچىلەر، بۇرادەرلەر جەمئىيىتى، يەنە تالانتلىق ئۆسمۈرلەر مەكتىپى قاتارلىقلارنى ھەممىمىز بىلىمىز، لېكىن بۇ تىياتىردا ئۆزگەرگەن ئادەملەر بىر قېتىملىق ئېغىر ۋەقە سادىر قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراشقا باشلىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېكىس جەڭچى ۋە بۇرادەرلەر جەمئىيىتىنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

بۇنىڭدىن كېيىنلا، بىر يەر ئاستى ئۆزگەرگەن ئادەملەر بىرلەشمىسى كۆرۈندى، لېكىن ئۇلاردا تۇرىدىغانغا ئۆي يوق، ئايروپىلانى يوق، ھەتتا پۇلىمۇ يوق. ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئۆزگەرگەن ئادەملەرگە بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى تۈزەشكە تىرىشىۋاتقان.

تىياتىردىكى ئۆزگەرگەن ئادەملەر بىرلەشمىسىدىكى تۆت ئەزانىڭ «ئېكىس جەڭچى كىنو كائىناتى» بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.

«قۇتۇپ يۇلتۇزى» لورنا دەنىن دەل ماگنىت شاھنىڭ قىزى، ئىقتىدارى ماگنىت شاھ بىلەن ئوخشاش، ماگنىت مەيدانىنى كونترول قىلالايدۇ.

ھازىرقى قۇتۇپ يۇلتۇزى ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى تېخى بىلمەيدۇ، لېكىن بۇندىن كېيىنكى ۋەقەلىكلەردە، قۇتۇپ يۇلتۇزى ئۆزىنىڭ ماگنىت شاھنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىلگەندىن كېيىن، دوستلىرىدىن يىراقلىشىپ، دادىسى ماگنىت شاھقا ۋارىسلىق قىلامدۇ؟ 

يەنە بىرى «چاقناق blink» كىلارىس، بۇ ئوبراز «ئېكىس جەڭچى: كەلگۈسى يارىتىش»دا چىققان، فەن بىڭبىڭ رولىنى ئالغان، ئۇنىڭ ئىقتىدارى: يەتكۈزۈش ئىشىكى ئاچالايدۇ.

بۇ ئوبرازىنى تېلېۋىزىيە ئوبرازىغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، تەبىئىيلا فەن بىڭبىڭنى بۇ رولغا تەكلىپ قىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ رولنى كورېيە قان سىستېمىسىدىكى جېمىي جوڭغا بەرگەن.

بۇ تىياتىردىكى چاقناق تېخى بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىدارى تېخى مۇكەممەل ئەمەس.

«ئېكىس جەڭچى: كەلگۈسى يارىتىش»دا چاقناقنىڭ يېنىدا داۋاملىق بىللە تۇرىدىغان بىر ھەمراھى بار، ئۇ ئالاھىدە كۈچلۈك، سەزگۈ ئەزالىرى ئالاھىدە سەزگۈر، شۇڭلاشقا ئۇ داۋاملىق قاراۋۇل ماشىنا ئادەملىرىنىڭ كەلگىنى ئالدىن سېزىۋالالايدۇ.

بۇ تىياتىردا چىققىنى ئۇنىڭ ئاكىسى «雷鸟» بولۇپ، ئۇمۇ ئىنىسىدەك ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە، لېكىن ئۇ پەقەت يېقىن كەلگۈسىنىلا كۆرەلەيدۇ.

يەنە بىرى، قۇياش دېغى (太阳黑子)نىڭ پاراللېل كائىناتتىكى يەنە بىر سالاھىيىتى، قۇياش دېغىنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى «ئېكىس جەڭچى: كەلگۈسى يارىتىش»دا چىققان «چاقماق ئوت»شۇ.

ئەمدى بۇ تىياتىردا چىققىنى قولىدا نۇر پەيدا قىلالايدۇ، شۇ نۇر بىلەن كەپشەرلەش دېگەندەك ئىشلارنى قىلالايدۇ، ئۇ كىچىكىدە ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ھايات قېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي ھەرقانداق ئىشلارنى قىلغان، ھەم ئۇنىڭدا زوراۋانلىققا ئىنتىلىش خاھىشى بار. بۇ بىر بۆلۈمدە ئۇ شۇ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە توغرا قاراشنى ئۆگىنىشى مۇمكىن.

ئەمدى «غەيرىي تالانت»دىكى جەمئىيەتتە، ئۆزگەرگەن ئادەم بولسا قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئەمما ئاممىۋى سورۇندا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىشلەتسە قانۇنغا خىلاپ دېيىلگەن. شۇڭا بۇ تىياتىردا ھېلىقى قاراۋۇل ئالاھىدە ئەترىتى بۇلارنى قوغلاپ تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى شۇ.

تىياتىرنى ئۈستىدە بېرىلگەن خەنزۇچە ئىسمى بويىچە ئىزدەپ كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ، بۇ يازمىغا ئاپتورنىڭ سالونى ئارقىلىق ئۈندىداردا ئىجادىي يازما (原创) ھوقۇقى ئېلىنغان، سالونىغا كۆچۈرۈپ تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلار دىققەت قىلىڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 150******801 ھەپتە ئىلگىرى

    ئېكىس جەڭچى ۋەھى، دىگەن قىسمىنى نەدىن كۆرگىلى بولىدۇ دەپ بەرگەن بولساڭلار ، جاۋابىڭلارنى ساقلايمەن.

  • مەمتىمىنجان ⚽R71 ھەپتە ئىلگىرى

    قاچان قويلار بۇ كىنۇ مەن بىركۇرسەم دەيمە

  • 错的是这个世界1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىنىۈكۆرۈپ باقاي ھەقسىز نۇسقىللىرى چىققانمىدۇ يا بۇنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号