باش بەت

tayks

606يوللانما
6مەستانە

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» ئارتىسلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت ئاشكارىلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 18:40 1 ئىنكاس چۈشتى

شىنلاڭ تاماشا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» ئارتىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەن. «گىگانت تاش» دىۋايىن جونسون يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئارتىسلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

فىلىمدە روماننىڭ رولىنى ئالغان تىرېس يېقىندا ئاچچىقىغا پايلىماي ئوتتۇرىغا چىقىپ، «گىگانىت تاش» جونسوننى ئەيىبلىدى. 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىنغان سىن كۆرۈنۈشىدە ئايان بولۇشىچە، قارشى تەرەپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ پىلاستىنكىسىنى ھاقارەتلىگەن بولۇپ، ئەمدى ئىككەيلەننىڭ ئۆچ-ئاداۋىتى مەيدانغا چىققان.

تىرېس 10-ئاينىڭ 6-كۈنى قارشى تەرەپنى «بەتبەشرە» دەپ تىللىغان، ئۇ «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ «ئائىلە»، «كوللىكتىپ» روھىنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، بىراق جونسون قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ كوللىكتىپتىكى بىردىنبىر گىگانت چولپان ئەمەسلىكىگە چىداپ تۇرالماي، ئارتىسلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچ-ئاداۋەت پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە توردا 2 يىل ئاۋۋالقى بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جونسون كامىراغا قاراپ ئۇنىڭ 2015-يىلى تارقاتقان 6-پىلاستىنكىسى «قارا ئەتىرگۈل»نى سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەڭ بۇرۇنقى مەستانە1 ھەپتە ئىلگىرى

    جونسون باش رول بۇلۇشقا تىگىشلىك ئۇ قۇرقۇنچاق ئىشىنى قىلسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号