باش بەت

ئابدۇرەھىم

569يوللانما
170مەستانە

iPhone 8 جۇڭگو نۇسخىسى بىراقلا 700 يۈەن چۈشۈپ كەتتى، يەنە چۈشۈشى مۇمكىن

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 18:00 0 ئىنكاس چۈشتى

TechWeb تېخنىكا تورى 12-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

iPhone 8 جۇڭگو نۇسخىسىنىڭ باھاسى تۈنۈگۈن 400 يۈەن چۈشۈپ، ئاللىقاچان ئەڭ تۆۋەن رېكورت يارىتىپ بولغان ئىدى، بۈگۈن ۋېيپىنخۇي باھانى يەنە چۈشۈرۈپ، بۇ رېكورتنى بۇزۇۋەتتى.

نۆۋەتتە ۋېيپىنخۇي تورىدا ئەسلى باھاسى 5888 يۈەن بولغان 64GBلىق iPhone 8 يانفونى 5788 يۈەندىن سېتىلماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يانفوننى سېتىۋالغانلار ئىستېمال سوممىسى 5000 يۈەنگە يەتسە 600 يۈەن ئېتىبار كارتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ، دېمەك ھازىر بۇ يانفوننى پەقەت 5188 يۈەنگىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ ئەسلىدىكى باھادىن 700 يۈەن ئاز.

باھا چۈشكەندىن كېيىن iPhone 8 جۇڭگو نۇسخىسىنىڭ باھاسى شياڭگاڭ نۇسخىسىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان ھالەتكە ئۆتتى، ۋاھالەنكى جۇڭگو نۇسخىسىنىڭ سۈپەت كاپالىتى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ زور.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号