باش بەت

tayks

1043يوللانما
11مەستانە

بىر قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن كۆلدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى تەتۈر ئۆسۈشكە باشلىدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-12 22:20 0 ئىنكاس چۈشتى

بىز ئۆگەنگەن بىلىملەردىن قارىغاندا، دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى تۇپراققا يىلتىز تارتىدۇ، ئاندىن ئاسمانغا قاراپ ئۆسىدۇ. چۈنكى تۇپراقلا دەرەخكە ئوزۇقلۇق بېرىپ، ئۇنى ساغلام ئۆستۈرەلەيدۇ.

بىراق قازاقىستاندىكى بۇ كۆلدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى نورمال ئۆسمەيدۇ، بەلكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە قارشى، يەنى كۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ ئۆسىدۇ.

بىز بۇ يەردە كۆلدىكى دەرەخلەرنىڭ گەۋدىسىنى كۆرەلەيمىز، بىراق بۇ دەرەخ گەۋدىسى ئەمەس بەلكى دەرەخنىڭ تۈۋى قىسمى.

يۇقىرىدىكىسى تاپتاقىر دەرەخ گەۋدىلىرى، كۆلنىڭ تېگىدىكىسى دەرەخنىڭ باراقسان ئۆسكەن قىسمى. قارايدىغان بولسا تۆۋەندىكى دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ تەتۈر ئۆسكەن دەرەخلەر كۆل يۈزىدە گۈزەل ۋە سىرلىق بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

بۇ يەر خۇددى دۈم كۆمتۈرىۋېتىلگەن دۇنياغا ئوخشايدۇ، دىققەت قىلمىسىڭىز يەر شارىنى دۈم بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ قالىسىز. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى سىرلىق بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرگە ساياھەت قىلغىلى كېلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە،  ئەسلىدە بۇ يەردىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى نورمال ئۆسىدىغان بولۇپ، بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن ھەممىسى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ قالغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە دائىم يامغۇر يېغىشى ۋە تۆۋەن تېمپىراتۇرا يۇپۇرماقلارنىڭ كۆل ئىچىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号